سوت سۈرۈكى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بىرنەچچە بەلگىلىمە

سوت سۈرۈكى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونىڭ سوت سۈرۈكى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بىرنەچچە بەلگىلىمىسى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1130-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.



ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونىڭ سوت سۈرۈكى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بىرنەچچە بەلگىلىمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于严格执行案件审理期限制度的若干规定
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
ھۆججەت س ئى (2000) 29-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

س ئى (2000) 29-نومۇرلۇق پەرمانى 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونىڭ سوت سۈرۈكى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى بىرنەچچە بەلگىلىمىسى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1130-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلدى، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

2000-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى

دەۋا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئەدلىيە ئامىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى، مەمۇرىي دەۋا قانۇنى ۋە دېڭىز ئىشلىرى دەۋاسىغا ئائىت ئالاھىدە تەرتىپ قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونىڭ سوت سۈرۈكى تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقىرىلدى:

بىرىنچى  تۈرلۈك دېلولارنىڭ سوت، ئىجرا سۈرۈكى

1-ماددا ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغان ئەيىبلەنگەن 1-سوت جىنايى ئىشلار دېلوسى، جاۋابكار تۇرۇلۇۋاتقان بىۋاسىتە ئەرز بېرىلگەن 1-سوت جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئەيىبلەنگەن، بىۋاسىتە ئەرز بېرىلگەن 2-سوت جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ سۈرۈكى بىر ئاي بولىدۇ، ئەڭ كېچىككەندە بىر يېرىم ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىلسە بولمايدۇ؛ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا دېلوسىنىڭ سۈرۈكى شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىككى ئاي ئۇزارتسا بولىدۇ. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 126-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن، سوت سۈرۈكى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلسا، بولىدۇ؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن، ئېتىراز بىلدۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ سوت سۈرۈكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارراى بىلەن يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ سوت سۈرۈكى 20 كۈن بولىدۇ.

2-ماددا ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغان ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ سۈرۈكى ئالتە ئاي بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ، يەنە ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىپ، يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.                                                      

ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغان ھەل تەلەپ دېلوسىنىڭ سۈرۈكى ئۈچ ئاي بولىدۇ.

ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغا ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ سۈرۈكى 30 كۈن بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن 30 كۈن ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن سايلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئائىت دېلونى سايلام كۈنىدىن بۇرۇن سوت قىلىپ بولۇش شەرت.

1-سوت قىلىدىغان كېمە-پاراخوت سوقۇلۇپ كتىش دېلوسى، ئورتاق دېڭىز ترانسپورتى زىيىنىنى دېلوسىنىڭ سۈرۈكى بىر يىل بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

ھەق تەلەپ ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن دېلونىڭ سوت سۈرۈكى ئۈچ ئاي بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇزارتىشقا  توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

ھەق تەلەپ كېسىمىگە نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن دېلونىڭ سوت سۈرۈكى 30 كۈن بولىدۇ.

جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش ھەققىدىكى ھەق تەلەپ قارارىغا قايىل بولماي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس قىلىنغان دېلونىڭ سوت سۈرۈكى بەش كۈن بولىدۇ.

چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ سوت سۈرۈكى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 250-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سوت سۈرۈكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ سوت سۈركىدە چەتئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلوسىنى سوت قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

3-ماددا 1-سوت مەمۇرىي دېلوسىنىڭ سوت سۈرۈكى ئۈچ ئاي بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوت قىلىدىغان دېلونىڭ سوت سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي  ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن مەمۇرىي دېلونىڭ سوت سۈرۈكى ئىككى ئاي بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىككى ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوت قىلىدىغان دېلونىڭ سوت سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىككى ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

4-ماددا سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ سوت سۈرۈكى ئۈچ ئاي بولىدۇ؛ سۈرۈكنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلغان ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلونىڭ سوت سۈرۈكى، يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشتا قوللانغان ئوخشاش بولمىغان تەرتىپكە قاراپ، 1-سوت ياكى 2-سوت سۈرۈكىگە ئائىت بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

5-ماددا ئىجرا دېلوسى دېلو ئېچىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ، دەۋاغا كىرمەيدىغان ئىجرا دېلوسى دېلو ئېچىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ، يەنە ئۇزاتىشقا توغرا كەلسە، قاتلاممۇ قاتلام يوللاپ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

ئىجرا ھاۋالە قىلىنىدىغان دېلودا ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئاچقاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ئىجرانى ھاۋالە قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولىدۇ، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىپ بولىدۇ. ئىجرا قىلىپ بولالمىغان بولسا، سۈرۈك توشقاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە ئىجرا ئەھۋالىنى ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە ئەۋەتىپ خەۋەر قىلىدۇ.

جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ.

جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى ئىشتىراپ جازاسى ھۆكۈم-كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىپ بولۇنىدۇ، ئەڭ كېچىككەندە ئالتە ئايدىن ئاشمايدۇ.

ئىككىنچى  دېلو ئېچىش، ئاياغلاشتۇرۇش ۋاقتى ۋە سوت سۈرۈكىنى ھېسابلاش 

6-ماددا 1-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا خېتى ياكى ئىجرا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشىدۇ دەپ قارىسا، يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئاچىدۇ؛ بىۋاسىتە ئەرز قىلغۇچىنىڭ بىۋاسىتە ئەرز خېتى ياكى ئاغزاكى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تەكشۈرۈپ بىۋاسىتە ئەرز دېلوسىنى قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشىدۇ دەپ قارىسا 15 كۈن ئىچىدە دېلو ئاچىدۇ.

باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلىدىغان جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە مەمۇرىي دەۋادا دېلو ماتېرىيالى تاپشۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىلىدۇ.

2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن نارازىلىق ئەرز (ئېتىراز) ماتېرىيالى ۋە دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە دېلو ئاچىدۇ.

قايتا سوت قىلشقا قايتۇرۇلغان ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇلغان دەۋادا قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرغانلىق ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇغانلىق كېسىمى ۋە دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئەتىسى دېلو ئېچىلىدۇ.

سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىدىغان دەۋادا ئالدۇرۇپ سوت قىلىش، يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش كېسىمى (قارارى) چىقىرىلىپ ئەتىسى دېلو ئېچىلىدۇ.

7-ماددا  دېلو ئاچقۇچى ئاپپارات دېلو ئېچىشنى قارار قىلىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېلو ماتېرىيالىنى سوت كوللېگىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

8-ماددا دېلونىڭ سوت سۈرۈكى دېلو ئېچىلىپ ئەتسىدىىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئاددىي تەرتىپ ئادەتتىكى تەرتىپكە ئۆزگەرتىلىپ سوت قىلىنىدىغان 1-سوت جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ سوت سۈرۈكى ئادەتتىكى تەرتىپكە ئۆزگەرتىش قارار قىلىنىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئاددىي تەرتىپ ئادەتتىكى تەرتىپكە ئۆزگەرتىش قارار قىلىنىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئاددىي تەرتىپ ئادەتتىكى تەرتىپكە ئۆزگەرتىلىپ سوت قىلىنىدىغان 1-سوت ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ سوت سۈرۈكى دېلو ئېچىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇلاپ ھېسابلىنىدۇ.

9-ماددا تۆۋەندىكى ۋاقىتلار سورت، ئىجرا سۈرۈكىگە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ:

(1) جىنايى ئىشلار دېلوسىدا جاۋابكارنىڭ روھىي كېسىلىنى باھالاتقان ۋاقىت؛

(2) جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن باشقا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش، باشقا ئاقلىغۇچىنى بېكىتىش سەۋەبى بىلەن، سوت  مەھكىمىسى سوت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغانلىرىدا سوت قىلىش كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 10-كۈنىگە قەدەر ئاقلاشقا تەييارلىق كۆرگەن ۋاقىت؛

(3) ئەيىبلىگۈچى دېلونى قوشۇمچە تەھقىقلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى سېزىپ، سوت قىلىشنى كېچىكتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەندىن كېيىن، كېڭەشمە سوت سوت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلغان ۋاقىت؛

(4) جىنايى ئىشلار دېلوسى 2-سوت قىلىنىۋاتقان  مەزگىلدە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو ماتېرىيالىنى كۆرۈشى يەتتە كۈندىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىت؛

(5) دەۋالاشقۇچىلار، دەۋا ۋاكالەتچىلىرى، ئاقلىغۇچىلار يېڭى گۇۋاھچىغا سوتقا كېلىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشنى، يېڭى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلىشنى، قايتا باھالىتىش ياكى ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلغانلىقتىن، سوت مەھكىمىسى سوت قىلىشنى بىر ئاي ئىچىدە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىت؛

(6) ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلودا ئېلان چىقارغان، باھالاتقان ۋاقىت؛

(7) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدىكى باشقىچە پىكرىنى قاراپ چىققاندىن ياكى سوت مەھكىمىلىرى ئارىسىدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئائىت تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىت؛

(8) ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلو، ئىجرا دېلوسىدا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ئاپپاراتلار ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان باھالىغان، مۈلۈكنى ئېنىقلىغان ۋاقىت؛

(9) دەۋا (سوت) ۋە ئىجرا توختىتىپ تۇرۇلۇپ، دەۋا (سوت) ياكى ئىجرا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنگە قەدەر ۋاقىت؛

(10) دەۋالاشقۇچىلار ئىجرادا كېلىشىۋالغان ياكى كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن، ئىجرا قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىت؛

(11) يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان ۋاقىت؛

(12) ئىجرا جەريانىدا پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان مال-مۈلۈك كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەن ۋاقىت.

10-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى، كېسىمنامىسى ئېلان قىلىنغان ياكى مۇرەسسەنامىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر دەۋالاشقۇچىغا يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت دېلو ئاياغلاشقان ۋاقىت بولىدۇ. ئېلان قىلىش، يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئېلان قىلىش، يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت سۈرۈكى توشۇشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە،، مۇرەسسەنامىنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى، كېسىمنامىسىنى ئېلان قىلىش ياكى مۇرەسسەنامىسىنى يەتكۈزۈشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش ۋاقتى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ:

(1) قالدۇرۇپ قويۇپ يەتكۈزۈشتە، ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا قالدۇرۇپ قويۇلغان كۈن دېلو ئاياغلاشقان ۋاقىت بولىدۇ؛

(2) ئېلان ئارقىلىق يەتكۈزۈشتە، ئېلان بېسىلغان كۈن دېلو ئاياغلاشقان ۋاقىت بولىدۇ؛

(3) پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈشتە، پوچتىغا سېلىنغان ۋاقىت دېلو ئاياغلاشقان ۋاقىت بولىدۇ؛

(4) ئالاقىدار ئورۇنلار ئارقىلىق يەتكۈزۈشتە، ئۇچۇر قەغىزىنىڭ يەتكۈزمىسىگە دەۋالاشقۇچىلار قول قويغان ۋاقىت دېلو ئاياغلاشقان ۋاقىت بولىدۇ.

ئۈچىنچى  دېلونىڭ سوت سۈرۈكىنى ئۇزارتىشنى تەستىقلىتىش

11-ماددا ئەيىبلەنگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرى، جاۋابكار قاماپ تۇرۇلۇۋاتقان بىۋاسىتە ئەرز بېرىلگەن دېلولاردىن سوت سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىدا سوت سۈرۈكى توشۇشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىنىدۇ؛ جاۋابكار قاماپ تۇرۇلمىغان بىۋاسىتە ئەرز بېرىلگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن سوت سۈرۈكىنى ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىدا سوت سۈرۈكى توشۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن شۇ مەھكىمە باشلىقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.

12-ماددا ھەق تەلەپ دېلولىرىدا سوت سۈرۈكى توشۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ؛ يەنە ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىدا سوت سۈرۈكى توشۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىنىدۇ.

13-ماددا مەمۇرىي دېلولاردا سوت سۈرۈكى توشۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىنىدۇ.

14-ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرىش سۈرۈكىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان دوكلاتى ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت سۈرۈكى توشۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن قارار چىقىرىدۇ ھەمدە سوت سۈرۈكىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

دېلو بېجىرىش سۈرۈكىنى ئۇزارتىشنى شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى تەستىقلاشقا توغرا كەلسە، مەھكىمە باشلىقى سوت سۈرۈكى توشۇشتىن بۇرۇن تەستىقلايدۇ ياكى قارار قىلىدۇ.

تۆتىنچى  نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن، ئېتىراز بىلدۈرۈلگەن 2-سوت دېلولىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش سۈرۈكى

15-ماددا جاۋابكار، بىۋاسىتە ئەرز بەرگۈچى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكار 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق نارازىلىق ئەرز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىدا 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز سۈرۈكى توشۇپ ئۈچ كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرز خېتى بىلەن دېلو ماتېرىيالى، دەلىل-ئىسپاتنى 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. جاۋابكار، بىۋاسىتە ئەرز بەرگۈچى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكار يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە نارازىلىق ئەرز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىدا 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەۋەتكەن نارازىلىق ئەرز خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېلو ماتېرىيالى، دەلىل-ئىسپاتى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

16-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن 2-سوت جىنايى ئىشلار دېلوسىدا 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز، ئېتىراز سۈرۈكى توشۇپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئېتىرازنامە بىلەن دېلو ماتېرىيالى، دەلىل-ئىسپاتنى 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

17-ماددا دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرز بەرگەن 2-سوت ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلودا 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش سۈرۈكى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

18-ماددا 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئېچىشتا نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن دېلونىڭ ماتېرىيالى تولۇق ئەمەسلىكىنى سەزگەندە، 1-سوت قىلغان  خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. 1-سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈن ئىچىدە ئۇنى تولۇقلايدۇ.

19-ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى ئالدۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈن ئىچىدە پۈتۈن دېلو ماتېرىيالى ۋە دەلىل-ئىسپاتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەڭ كېچىككەندە ئون كۈندىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.

بەشىنچى  دېلونىڭ سوت سۈرۈكىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش

20-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونىڭ سوت سۈرۈكىنى سوتنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدۇ، ئۇنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

21-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى سۈرۈك توشۇشتىن بۇرۇن ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

22-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونىڭ سوت سۈرۈكى ھەققىدە قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمنى ئورنىتىدۇ. دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سوت سۈرۈكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

23-ماددا سوتچى خادىملاردىن دېلونى بېجىرمەي قەستەن كەينىگە سۆرەپ ياكى دېلو بېجىرىشنى سەۋەنلىك بىلەن كېچىكتۈرۈپ، ئېغىر پەيدا قىلغانلىرىغا «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت ئىنتىزامى بويىچە چارە كۆرۈش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نىڭ 59-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن چارە كۆرۈلىدۇ.

سوتچى خادىملاردىن ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان دېلو ماتېرىيالىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەي قەستەن كەينىگە سۆرىگەنلىرى ياكى يەتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەستەن كەينىگە سۆرۈپ يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىرىگە «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت ئىنتىزامى بويىچە چارە كۆرۈش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نىڭ 59-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ چارە كۆرۈلىدۇ.

24-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى سوت سۈرۈكىگە ئائىت بەلگىلىمىلەردىن بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىدا بۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#