كات ھىندى

كات ھىندى

كات ھىندى قۇرۇش، قان توختىتىش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش، مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈش  قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 

ئۇيغۇرچە نامى كات ھىندى
ئەرەبچە نامى كات
ئىنگلىزچە cutch ,khair
شەكلى شەكلى ئوخشاش ئەمەس، سىرتقى يۈزى قارامتۇل بېغىر رەڭدە
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 儿茶 er cha
پارسچە نامى كات ھىندى
ئوردۇچە نامى كات،كتھا
تەمى تەمى قېرىق، سېسىق پۇراق يوق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆسۈملۈك فۇنۇت كات ھىندىنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇسارىسىدىن ئىبارەت.

ئائىلىسى

پۇرچاق ئائىلسىدىكى ئۆسۈملۈك كات ھىندى، رويان ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك فۇنۇت كات ھىندى.

دورىلىق ئورنى

كات ھىندىنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇسارىسى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

كات ھىندىنىڭ ياغاچلىق قىسىمىدا %20~%50 گىچە ئاتسىدوم كانخوتاننىكوم (Cataechu-tannic acid) كاتېخېن (catechin) ، ئېپكا تېخىن (Epcatechin) توق رە ڭلىك ياغاچلىق قىسىمىدا پىروتو كاتېخوكاننىن (Prutocatechu) پىروگاللىك تاننىن (Pyrogallic tannin)  قاتارلىقلار بار.

كېسەللىك مىسالى

چىش مىلىكى قاناش، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، مەني تۇتالماسلىق، قان بۇزۇلۇش، جوزام كۆپ، ئىھتىلام بولۇش، ئۈچەي قۇرىتى كېسەللىرىگە ئىشلىتىدۇ.

قۇرۇش، قان توختىتىش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش، مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈش  قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

خاس تەسىرى

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئورۇنباسارى

موزا

ئەكىس تەسىرى

بۆرەكتە تاش  پەيدا قىلىدۇ

تۈزەتكۈچىسى

ئىپار، ئەنبەر، ئاقمۇچ

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

سوپۇپى كات ھىندى

1. 3 گرام كات ھىندى 2 گىرام ئانار گۈلى قاتارلىقلارنى سوقۇپ، سۇپۇپ قىلىپ چىش تۈۋىگە باسسا چىش مىلىكى قاناشقا شىپا بولىدۇ.

2.كات ھىندى، كۆپىكى دەريا، موزا قاتارلىقالاردىن 3 گرامدىن ئىلىپ ئېزىپ تالقان تەييارلاپ ئېغىز يارىسىغا بېسىپ بەرسە يارىنى پۈتتۈرىدۇ.

3.3 گرام كات ھىندىنى ئېزىپ سۇپۇپ قىلىپ بىر پىيالە سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ ئېچىپ بەرسە ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.

مىقدارى

1~2 گىرامغىچە

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

قۇرۇق سوغۇق مىزاجىدىكىلەرگە ئىشلەتكەندە مۇناسىپ تۈزەتكۈچىلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىش لازىم .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=268

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#