ئۆز تەن سەزگۈلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى

ئۆز تەن سەزگۈلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى

ئۆز تەن سەزگۈرلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى-ئاغرىقلارنىڭ تېرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىش بولغا ئورۇندا ھاسىل بولغان، مەلۇم ماددىلارغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر بولۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان تېرىنىڭ بىر خىل ياللۇغلۇق رېئاكسىيىسىدىن ئىبارەت.

بۇ كېسەلنى يەنە ئۆزلۈكىدىن سېزىمچانلىنىش خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆز تەن سەزگۈلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم تىرە كېسەلىكلىرى بۆلۈم
خەنزۇچە نامى 自身过敏性皮炎

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ قاننى ئوفۇنەتلەندۈرۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار  تۈپەيلىدىن سەپرا خىلىتى تەركىبىگە قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلىشىش پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل خىلىتنىڭ قىيامى قويۇق، يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە قان خىلىتىغا تەسىر قىلىپ ئۆزىنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن قان خىلىتىنىڭ نورمال خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ قاننى بۇزىدۇ.

بۇ خىل خىلىت ئۆزىنىڭ يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن قان تومۇر ئىچىدىكى خىلىتلارنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىۋېتىپ، خىلىتلارنىڭ قان تومۇرىدىن توقۇلما، ھۈجەيرىلەر تەرىپىگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ھەمدە قان تومۇر ئىچىدىكى خىلىتلارنى قويۇلدۇرۇپ توقۇلما، ھۈجەيرە ئارىلىق سۇيۇقلۇقىنىڭ قان تومۇر ئىچىگە ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توقۇلما، ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىدىكى سۇيۇقلۇقلار ئازلايدۇ ھەمدە بۇ خىل نورمالسىز خىلىت توقۇلما، ھۈجەيرە ئارىلىقلاردا تۇرۇپ قالغانلىقتىن يەرلىك ئورۇندىكى تېرە سەزگۈر نېرىپلارنى غىدىقلىشى ھەم تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇش شۇنداقلا تېرىنىڭ قۇۋۋىتى دافىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپ بۇ كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.

2. قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ھەر خىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىنى بۇزۇپ، بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ

ئۆز تەن سەزگۈلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىكېسەل بولۇشتىن بۇرۇن تىزىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ھۆل تەمرەتكە ياكى سىرتقى يۇقۇملىنىشتىن بولغان يارا يۈزى بولىدۇ. مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىنمىسا يەرلىك ئورۇنغا ئىشلەتكەن دورىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش بىلەن ئەسلىدكى تېرە كېسىلى يامانلىشىپ قىزىرىپ ئېشىپ شەلۋەرەيدۇ. سۇيۇقلۇق سىرغىش روشەن بولىدۇ. يارا ئەتراپىدىكى دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتقۇ ۋە يىرىڭلىق قاپارتقۇلار كۆپىيىدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇندىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇق ئىشقارلىق بولىدۇ. كۆيۈپ قىزىرىش سېزىمى بولىدۇ، قاتتىق قىچىشىدۇ.

يەرلىك ئورۇندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى يەنە بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يامانلىشىپ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا 2~1 كۈن ئىچىدە پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ ئەسۋە چىقىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى خۇددى ئۆتكۈر ھۆل تەمرەتكىگە ئوخشايدۇ. پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىپ، تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ. ئەسلىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياخشىلانغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەندىكى تېرە ئەسۋىسىمۇ تەدرىجىي يوقىلىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئادەتتە تەخمىنەن بىرنەچچە ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئۆز تەن سەزگۈلۈكى ئېشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىكېسەل بولۇشتىن بۇرۇن تېرىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ھۆل تەمرەتكە ياكى سىرتقى يۇقۇملىنىش بولغان يارا يۈزى بولىدۇ.

يەرلىك ئورۇنغا ئىشلەتكەن دورىنىڭ غىدىقلىنىش سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇننىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشىدىن ئەسلىدىكى تېرە كېسىلى يامانلىشىپ قىزىرىپ، ئىششىپ، شەلۋەرەيدۇ. سۇيۇقلۇق سىرغىش روشەن بولىدۇ. يارا ئەتراپىدىكى دۆڭچە سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇق ئىشقارلىق بولىدۇ، قىچىشىش ئېغىر بولىدۇ.

ھۆل تەمەرەتكە بىلەن سېلىشتۇرۇپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ھۆل تەمرەتكە: بۇ كېسەل كۆپىنچە تكت مۈچىنىڭ قاتلىنىدىغان تەرىپى، قول، يۈز، ئۇرۇقدان خالتىسى، چات ئارىلىقى، ئەۋرەت قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆپرەك.

كېسەللەنگەن تېرە قىچىشىپ تېرىق چوڭلۇقىدىكى قىزغۇچ ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ. ئۇششاق مۇدۇرلار تېزلا تەرەققىي قىلىپ سۇلۇق قاپارتقۇلارغا ئايلىنىدۇ. قاپارتمىنى تاتىلىغاندا سارغۇچ زەردەپ سۇ چىقىپ، تېرە يۈزى زېدىلىنىپ تېزلا قاقاچقا ئۆزگىرىدۇ. قىچىشىش ئېغىر بولىدۇ، سىممېترىك پەيدا بولىدۇ.

1. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپراغا قارىتا سەپرانىڭ مۇنزىچىغا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگىچە بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن سەپرانىڭ موسھىلغا بەلغەمنىڭ مۇسھىلىنى 5~3 كۈن بېرىپ ماددىنى تازىلاش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

2. قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپراغا قارىتا سەپرانىڭ مۇنزىچىغا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگىچە بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن سەپرا بىلەن بەلغەمنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ 5~3 كۈن بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرسى شاھتەررەنى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 5~3 دانە، قۇرسى كىبرىتنى كۈنىگە ئىككى ۋاخ 5~3 دانە، ئەرقى كاسىنە بىلەن ئەرقى چۆبچىننى قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئىترىفىل كەبىر، ئىترىفىل زامانى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 10~7 كۈن بېرىلىدۇ.

مۇنزىچ ئىچكەن كۈندىن باشلاپ 100 گرام مامرانچىن تالقىنىنى 1000 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ يەرلىك ئورۇن كۈنىگە 3~2 ۋاخ ھۆل تېڭىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شاھتەررە، ئەفسانتىن، پوستى كۆكنار، موزا، مامرانچىن 51 گرامدىن ئېلىپ 1500 مىللىلىتىر سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ ھەمدە مەلھىمى مامرانچىن بىلەن مايلاپ بېرىلىدۇ.

ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، قاننىى قىزىتقۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش ھەمدە زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=891

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=891

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#