باغراش يېزىسى
باغراش يېزىسى باغراش ناھىيەسى گە جايلاشقان. 1984-يىلى قۇرۇلغان، ئومۇمىي كۆلىمى 3230 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ناھىيە كۆلىمىنىڭ %84.6 نى ئىگەلەيدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باغراش يېزىسى باغراش ناھىيەسى گە جايلاشقان. 1984-يىلى قۇرۇلغان، ئومۇمىي كۆلىمى 3230 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ناھىيە كۆلىمىنىڭ %84.6 نى ئىگەلەيدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 36.5 كىلومېتىر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇ چىقىرىش پونكىتى بىلەن بولغان ئارلىقى 9.6 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جەنۇبىي تاغ رايونىدا غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش ئىچىملىك سۈيى، قۇدۇق قېزىپ يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ، 35 مىڭ مو سۈپەتلىك يەر ئېچىلغان، ھازىر بوز يەر ئېچىش كۆلىمى 123 مىڭ موغا يەتكەن، تېرىلغۇ كۆلىمى 98 مىڭ موغا يەتكەن. يېزا بويىچە جەمئىي دېھقانلار ئاھالىسى 457 گە يېتىپ،نوپۇس سانى 1372 ئادەم گە يەتكەن. خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.
يەنە بۇ يېزىدا يېزىلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى، يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش پونكىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پونكىتى، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇزېلى، مالىيە پونكىتى، زېمىن ئورنى، ئەدلىيە ئورنى، ساقچىخانا، شىپاخانا، باشلانغۇچ مەكتەپ، مېتېئورولوگىيە پونكىتى، پوچتا تېلېگىراف ئىدارىسى، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى، توك بىلەن تەمىنلەش ئورنى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.