چوڭكۆۋرۈك يېزىسى

چوڭكۆۋرۈك يېزىسى
چوڭكۆۋرۈك يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق  ئارىلىقى 13 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 378.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چوڭكۆۋرۈك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 378.6 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大桥乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 8378 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭكۆۋرۈك يېزىسىچوڭكۆۋرۈك يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 13 كىلومېتىر، شەرقتە مىچىغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي داۋانچى، چەرچى قاتارلىق ئىككى دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، جەنۇپتا مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى قاپچىغاي گايىت ئېدىرلىقى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 378.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ كۆلىمى 85 كۋادرات كىلومېتىر. نوپۇس 8378 ئادەم.

چوڭكۆۋرۈك يېزىسىچوڭكۆۋرۈك يېزىسىنىڭ قارىمىقىدا خانىقا كەنتى، كونا مەھەللە كەنتى، ياندۇما كەنتى، تاختا كەنتى، ئوۋچىغ كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى، كونا ئۆتەڭ كەنتى، تەسكەنلىك كەنتى قاتارلىق سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار.

چوڭكۆۋرۈك يېزىسىچوڭكۆۋرۈك يېزىسى سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ مەنبەسى مۇزات دەرياسى ۋە داۋانچىنىڭ  شەرقىي قىسمىدىكى بۇلاق سۈيىدىن كېلىدۇ، سۇ مەنبەسى بىرقەدەر يېتەرلىك. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃6.4، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃13.9-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃21.3، قىروسىز مەزگىلى 160 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 99 مىللىمېتىر. 

چوڭكۆۋرۈك يېزىسىچوڭكۆۋرۈك يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 41706 مو، ئاساسلىقى بۇغداي، قىچا، زىغىر، گازىر قاتارلىقلار. چوڭكۆۋرۈك يېزىسى سامساق، ياڭيۇ، ئاق گازىرنى كۆپ ئىشلەپچىقارغاچقا، « ئۈچ گۆھەر » ماكانى دەپ ئاتالغان. بۇلار ئىچىدە، سۆسۈن پوستلۇق سامساق سۈپىتى ئېسىل، ئوزۇقلۇق ماددىغا باي بۇلۇپ، نامى يىراقلارغا تارقالغان، ئۈرۈمچى، شېنجېن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەردە خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. چوڭ كۆۋرۈكى ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىدۇ، كۆپلىگەن باشلامچى كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، داڭلىق ماركىلىق يېزا ئىگىلىك بەرپا قىلىپ ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. 

چوڭكۆۋرۈك يېزىسىچوڭكۆۋرۈك يېزىسى كەشتىچىلىك بىلەن « ئۈچ گۆھەر »گە ئوخشاش داڭلىق، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى ھۈنەر-تېخنىكىسى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىك قوشۇلۇپ، ئۆزگىچە قولدا كەشتىلىگەن كەشتىچىلىك شەكىللەنگەن. ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، كەشتىچىلىك قىلىش قىزىقىشى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمىغان، ئەسەر ئىخچام، رەڭگى يارقىن، خۇددى تىرىكتەك. « يىڭنە بىلەن رەسىم سىزىدۇ »، « تەبىئىيسىدىنمۇ ئېسىل » دېگەن نامى بار. كەشتىچىلىك كەنتىدىكى كۆپىنچە ئەسەرلەر ئاددىي دېھقان ئاياللارنىڭ قولىدىن چىققان، كۈچلۈك رەڭ سېلىشتۇرمىسى قوللىنىلىپ، چوڭ قىزىل، كۆك، قارا قاتارلىق رەڭلەر تەگلىك قىلىنغان. بۇ كەشتىلەرگە ئۈزۈم، ئانار گۈلى، تۆگە قاتارلىق يەرلىك تېما چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇچار قاناتلار ۋە ھايۋانلار، تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرىسى قاتارلىق خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت تېمىسىمۇ چۈشۈرۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#