بۇلار دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

نوقۇت

نوقۇت

نوقۇت بولسا ئۇسۇملۇك نوقۇتنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مىۋىسىدۇر، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «نۇقۇت» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، تېرىگە جۇلا بېرش، قان تازىلاش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللانغان

لىمۇن

لىمۇن

لىمۇن بولسا ئۆسۈملۈك لىموننىڭ پىشقان مىۋىسى بۇلۇپ،ھەزىمنى ياخشىلاش، غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاش ۋە تېرىنى پارقىرىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنى يوللانغان

قوغۇن

قوغۇن

قوغۇن بولسا ئۆسۈملۈك قوغۇننىڭ مېۋىسى بولۇپ، ئەتلىك بولغانلىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 06-كۈنى يوللانغان

قانتېپەر

قانتېپەر

قانتېپەر بولسا ئۆسۈملۈك شىنجاڭ قانتېپەرى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «قانتېپەر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش رولى بار. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى يوللانغان

كۆكسۇلتان

كۆكسۇلتان

كۆكسۇلتان ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، سەپرادىن بولغان قىزىتمىنى پەسەيتىش، قەينى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 04-ئاينىڭ 01-كۈنى يوللانغان

بادرەنجى بۇيا

بادرەنجى بۇيا

بادرەنجى بۇيا كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، پىننىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، چۆپى ۋە ئۇرۇقى تىنچلاندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 31-كۈنى يوللانغان

يانتاق شېكىرى

يانتاق شېكىرى

بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يانتاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 - 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، يازدا شاخلىرىدىن ئاقۇش سېرىق رەڭلىك شىلىمشىق شېكەر شىرىسى ئاجرىلىپ چىقىپ، كىچىك دانىچە بولۇپ قېتىپ قالىدۇ، بۇ يانتاق شېكىرى دېيىلىدۇ. شېكەر يېلىملىرى ۋە ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 28-كۈنى يوللانغان

قومۇش

قومۇش

قومۇش باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، ئايغىر قىياققا ئۇرۇقداش ئېگىز، تىك ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزسىمان غولى ۋە يىلتىزى ساپ خىلىت ھاسىل قىلىش، سۈيدۈك، ھەيدەش، قىزىتما قايتۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇسۇشنى توختىتىش، تېرىنى جۇلالاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 29-كۈنى يوللانغان

موزا

موزا

موزا بولسا موزا دەرىخىنىڭ يۇمران شاخلىرى ئۈستىدە قۇرۇپ قالغان قۇرۇت قاپارتمىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، يارىلارنى پۈتتۈرۈش، بالىياتقۇ تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش رولى بار.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنى يوللانغان

ھېڭ

ھېڭ

ھېڭ بولسا كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ سۈتسىمان يىلىمى بۇلۇپ،قاننى جانلاندۇرۇش ، يەل تارقىتىش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    تۇرمۇش »ساغلاملىق »ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك    تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان