كومانىچ

كومانىچ  زومىنىيە گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى، كومانىچنىڭ گىمناستىكىدا تۇغما قابىلىيىتى بولۇپ، بەدىنى يەڭگىل، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، بىرقەدەر ياخشى مۇزىكا ساپاسىغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى بەدىئىيلىككە، ئېستېتىكىلىق ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، مول ئىپادىلەشچانلىققا ئىگە ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كومانىچ
تەنھەرىكەت تۈرى تورنىك، تەڭپۇڭلۇق لىم
كەسپى تەنھەركەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زومىنىيە گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى كومانىچ ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاممىۋى مەيدانلاردا ئوغۇللاردەك يانچىلاپ موللاق ئاتاتتى، تاش بالداقنى تەڭپۇڭلۇق لىمى قىلىپ مەشىق قىلاتتى، ئۆيىدىكى كرېسلونى پالاس قىلىپ تەتۈر تىكلىنىپ، ئاتا-ئانىسىنى كۈلدۈرۈۋېتەتتى. ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى تەنتەربىيە كۇلۇبىدىكى ترېنېر بايقىغاندىن كېيىن گىمناستىكا مەكتىپىگە تاللاپ، مەخسۇس مەشىقلەندۈرىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن كومانىچ بىر سەكرەپلا مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزلار گىمناستىكىسى ئومۇمىي ماھارىتىدە چېمپىيون بولىدۇ.

كومانىچنىڭ گىمناستىكىدا تۇغما قابىلىيىتى بولۇپ، بەدىنى يەڭگىل، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، بىرقەدەر ياخشى مۇزىكا ساپاسىغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى بەدىئىيلىككە، ئېستېتىكىلىق ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، مول ئىپادىلەشچانلىققا ئىگە ئىدى.

 ئۇ1975-، 1977-ۋە 1979-يىلى ئۈچ قېتىم ئارقا-ئارقىدىن ياۋروپا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ شەخسلەر ئومۇمىي ماھارىتىدە چېمپىيون بولغان. 1976-يىلى 15 ياشلىق كومانىچ رومىنىيەنىڭ ئاساسلىق كوماندا ئەزاسى سۈپىتىدە، 21-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، مۇكەممەل ماھارىتى بىلەن ئۇدا يەتتە قېتىم تولۇق نومۇر ئېلىپ، ئاياللار گىمناستىكا تارىخىدا يېشى ئەڭ كىچىك ئومۇمىي ماھارەت چېمپىيونى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېگىز-پەس تورنىك ۋە تەڭپۇڭلۇق لىم تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1976-يىلى دۇنيا بويىچە بىرىنچى نومۇرلۇق ئاياللار گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالانغان. 1980-يىلى كومانىچ ئىككىنچى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەركىن گىمناستىكا ۋە تەڭپۇڭلۇق لىم تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدال ۋە ئومۇمىي ماھارەتتە كۈمۈش مېدال ئالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#