رايس
رايس 1954-يىلى 11-ئينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا ئالاباما شىتاتى بىرمىڭخامدا تۇغۇلغان، كېلىن باۋېردىن كېيىنكى غەيرىي ئامېرىكان قان سىستېمىسى بولغان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە ئىككىنچى ئايال دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رايس 1954-يىلى 11-ئينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا ئالاباما شىتاتى بىرمىڭخامدا تۇغۇلغان، 1963-يىلى ئائىلىسى بويىچە دەنفورغا كۆچۈپ كەلگەن. رايسنىڭ دادىسى بۇرۇن دېنۋېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، ئاپىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، ھاممىسى ۋىكتورىيە ئەدەبىيات دوكتورى. ياخشى ئائىلە مۇھىتىدا رايس كىچىكىدىنلا ياخشى مائارىپ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان، ئۇ 15 ياش ۋاقتىدىلا دەنفور ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئەنگىليە ئەدەبىياتى ۋە ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن.
رايس توي قىلمىغان ئامېرىكا ئايال سىياسىيونى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەننىڭ 66-نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان.
ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن تۇنجى ئايال ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، كېلىن باۋېردىن كېيىنكى غەيرىي ئامېرىكان قان سىستېمىسى بولغان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە ئىككىنچى ئايال دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى.
1988-يىلى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
1933-يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولغان.
2001-يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بولغان.
2005-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، ئۇ كلىنتون ھۆكۈمىتى مادېلىن ئوۋېر.بۇرايتتىن كېيىنكى ئامېرىكا تارىخىدىكى 2–ئايال دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى. رايس رۇس تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، رۇسىيە قورال كونترول قىلىش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى.
ئۇ 9 يىل فرانسۇز تىلى ئۆگەنگەن، ھەمدە يەنە پىئانىنو چېلىشنى ياخشى بولغان قول مەشىقى دەپ قارايدۇ. رايس ھازىرغىچە بويتاق، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېيجىڭ لىس كاردۇن مېھمانخانىسىدا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جاڭ فاڭپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رايسقا ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرى پروفېسسورى بولۇش تەكلىپنامىسىنى ئەۋەتكەن.
بېيجىڭ لىس كاردۇن مېھمانخانىسىدا، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى ياشلار رەھبەرلىك كۈچى مۇنبىرى بىر ئالاھىدە مېھمان ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى رايسنى كۈتىۋالدى، ئۇ «مائارىپنىڭ مۇھىملىقى» نى ئاساسىي تېما بىلەن خۇنەن ئوقۇغۇچىلىرىغا بىرلىكتە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى سۆزلەپ بەرگەن.
بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ پات ئارىدا چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان رايس مۇنداق دەيدۇ: «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پەقەت بىر ياخشى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىز ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى»دىكى پائالىيەت مەيدانى. رايس يەنە خۇنەن چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرى پروفېسسورى بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.