كالتەك توپ ۋە قورغان توپ

كالتەك توپ ۋە قورغان توپ

كالتەك توپ بىلەن قورغان توپنى بىر جۈپ قېرىنداش دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇسابىقە قائىدىسى بىلەن مەيدان، ئەسۋاب، ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئوخشاشمايدىغان يېرى، قورغان توپ كالتەك توپتىن چوڭراق ھەم يۇمشاقراق كېلىدۇ، توپ كالتىكىمۇ ئىنچىكىرەك ھەم قىسقىراق بولىدۇ، مەيدانمۇ كىچىكرەك كېلىدۇ. قورغان توپ ئادەتتە ئاياللار ۋە ئۆسمۈر-بالىلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. كالتەك توپ بولسا كۆپرەك ياشلار ۋە چوڭلار ئوينايدىغان ئەرلەر تۈرىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى كالتەك توپ ۋە قورغان توپ
خەنزۇچە نامى 棒球和垒球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالتەك توپكالتەك توپ ھەرىكىتى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. دۇنيادا ئەڭ بالدۇر ئوينالغان كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى گوبوس بازىرىدا 1839-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىلىقلار دۇنيادا تۇنجى كالتەك توپ كۇلۇبىنى قۇرۇپ، تۇنجى مۇسابىقە قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. 1910-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى يەنە كالتەك توپنى ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت توپى» قىلىشقا رەسمىي تەستىق سالغان.

كالتەك توپنى «دۆلەت توپى» قىلغان يەنە بىر دۆلەت ياپونىيىدۇر. ياپونىيىنىڭ پەقەتلا 100 مىليون ئاھالىسى بولسىمۇ، «كالتەك توپ نوپۇسى» 60 مىليوننى ئىگىلىگەن. 868 قېتىم «ئۆز قورغان توپ» (ئۆز قورغان توپ توپنى 24.76 مېتىرلىق قورغان سىزىقىدىن ئاشۇرۇپ ئۇرۇپ بىخەتەر نومۇر ئېلىش دېگەنلىكتۇر) ئۇرۇپ دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان «دۇنيا كالتەك توپ شاھى» ۋاڭ جېنجى ياپونىيىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قەھرىمانىدۇر.

قورغان توپئېلىمىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كالتەك توپ ھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما ئاياللار قورغان توپ كوماندىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيىسىدىكى كوماندىلار، مەسىلەن، ئامېرىكا، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە كوماندىلىرى بىلەن قارشىلىشالايدۇ. جۇڭگو، ياپونىيە، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەتنىڭ قارشىلىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىزنىڭ ئاياللار قورغان توپ كوماندىسى كۆپ قېتىم غەلىبە قىلغان. دۇنيا ئاياللار قورغان توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز قورغان توپ كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن.

مۇسابىقەكالتەك توپ بىلەن قورغان توپىنىڭ مەيدانى تىك بۇلۇڭلۇق سېكتور شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ئۆز قورغان دەپ تۆت قورغان ئورنى بولىدۇ.

مۇسابىقىدە ھەرقايسى كوماندىلاردىن توققۇزدىن ئادەم مەيدانغا چۈشىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۆز قورغىنى ئىچىدە رەت بويىچە مۇداپىئەچىنىڭ «قولىدىن چىققان» ، يەنى ئاتقان توپنى كالتەكتە ئۇرىدۇ ھەمدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قورغانغا يۈگۈرىدۇ. ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قورغانلارنى دەسسەپ ئۆتۈپ بىخەتەر ھالدا ئۆز قورغىنىغا قايتىپ كەلگۈچى بىر نومۇرغا ئېرىشىدۇ. مۇداپىئەچىلەر مەيدان ئىچىدە تارقىلىپ تۇرۇپ، قولىغا قولقاپ كىيىپ ئۇرۇلغان توپنى تۇتىدۇ ھەمدە توپنى قورغانغا يەتكۈزۈپ. قورغانغا يۈگۈرگۈچىنى مەيداندىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىدۇ. ئۈچ ئادەم چىقىپ كەتكەن بولسا، ھۇجۇمچى بىلەن مۇداپىئەچىلەر ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. ئىككى كوماندىنىڭ بىر قېتىمدىن نۆۋەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشى بىر كونتىر بولۇپ، كالتەك توپتا توققۇز كونتىرلىق تۈزۈم، قورغان توپىتا يەتتە كونتىرلىق تۈزۈم قوللىنىلىدۇ، ئالغان نومۇرى كۆپ بولغان تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#