ئۆتكۈر ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى
ئۆتكۈر ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ئاشقازان-ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسىدىكى ئۆتكۈر ياللۇغ بولۇپ، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى، ئاساسلىقى، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسماق , قورساق ئاغرىش , ئىچ سۈرمەك , قىزىش قاتارلىقلار بار. بۇ كېسەل ئادەتتە ياز، كۈز كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى كۆپ يۈز بېرىدۇ، بولۇشىغا يەپ-ئىچىش قاتارلىقلار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆتكۈر ئاشقازانئۈچەي ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تاماقنى زىيادە كۆپ ۋە ئارىلاش يېيىش ياكى بۇزۇلغان ۋە بۇلغانغان يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: كېسەللىك تېز باشلىنىپ، قورساق ئاغرىش، جىددىي قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، قايتا-قايتا قۇسۇش ۋە سۇدەك ئىچ سۈرۈش نەتىجىسىدە بەدىنى سۇسىزلىنىپ، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق بىرقاتار ئۆتكۈر كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: نىشاستە، ئانار ئۇرۇقى 80 گىرامدىن، پاقيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 40 گىرام، كۆكنار شاكىلى 20 گىرام، پىستە پوستى 80 گىرام، شېكەر 500 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
ئۆتكۈر ئاشقازانئۈچەي ياللۇغىتەركىبى: ئۈزۈم ئۇرۇقى 90 گىرام، ھەببۇلئاس 180 گىرام، خەرنۇپ، ئانارگۈلى، گەزمازەج، جويۇز 30 گىرامدىن، كۇندۇر، جۇۋىنە، سۆئدى كۇپى، سۇمبۇل، مەستىكى 15 گىرامدىن، شېكەر 730 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلاردىن ئۈزۈم ئۇرۇقىنى بىر كېچە-كۈندۈز سىركىگە چىلاپ سۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، چالا قورۇپ، يۇمشاق سالايە قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، شېكەرنى ئەرىقى گۇلابتا قىيام قىلىپ، دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.