دوستلۇق چوققىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
موڭغۇلىيە بايان ئۇلېگېي ئۆلكىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4374 مېتىر كېلىدۇ. تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىغا تەۋە، غەربىي جەنۇب يانتۇلۇقىدىكى چوققا مۇزلۇق بولۇپ، ئالتاي تېغىدىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇق، شۇنداقلا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان جىلغا مۇزلۇقى ھېساپلىنىدۇ.
ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ ئاساسىي چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4374 مېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو زېمىنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بىلەن ناھايىتى يېقىن. تاغلارغا تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالغا سوزۇلغان تەرەپتە تاغ سەل تۆۋەن ھالەتتە، رۇسىيە ۋە قازاقىستان چېگراسى ئىچىدە ئالتاي تېغى دەپ ئاتىلىدۇ؛ تاغ شەرقىي جەنۇبقا قاراپ بارا-بارا تۆۋەنلەپ، تاشقى موڭغۇلىيە چېگراسى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، موڭغۇللار بۇنى ئالتاي تېغى دەپ ئاتايدۇ؛ شەرقىي دەرىجىسى 99 گىرادۇس، ئالتاي تېغى چۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تاغ چوققىسىدا مۇزلۇق بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ مۇزلۇق-قاناس مۇزلۇقى، كۆلىمى 30.13 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 10.8 مېتىر، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى تەخمىنەن 130 مېتىر، مۇز زاپىسى تەخمىنەن 39 مىليون كۇب مېتىر، دوستلۇق چوققىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان قار سىزىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3250 مېتىر، ئاخىرقى ئۇچىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2416 مېتىر ئېگىز.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.