لوپنۇر كۆلى بازىرى

لوپنۇر كۆلى بازىرى

لوپنۇر كۆلى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم  ئوبلاستى دىكى چاقىلىق ناھىيەسى گە تەۋەسىدە، لوپنۇر كۆلى بار جاي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام ئالغان، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى لوپنۇر كۆلى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 510 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 罗布泊镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چاقىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 4200 ئادەم (2014-يىلى)
پىنيىنچە يېزىلىشى luó bù bó zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوپنۇر كۆلى بازىرىلوپنۇر كۆلى بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى چاقىلىق ناھىيەسى گە تەۋەسىدە، لوپنۇر كۆلى بار جاي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام ئالغان، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، غەربىي شىمال تەرىپى لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرى، پىچان ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، كۆلىمى 510 كۋادرات كىلومېتىر. بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 110 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. لوپنۇر كۆلى بازىرى لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ قالغاندىن كېيىنكى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 770 مېتىردىن 1535 مېتىرغىچە، يەر شەكلى كۆل فاتسىيىلىك چۆكۈندى تۈزلەڭلىكى، يەر شەكلى تۈز، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃13.4.

20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا لوپنۇر كۆلى بازىرىدا چوڭ تىپتىكى ھوسۇللۇق كالىيلىق تۇزلۇق سۇ كانى بايقالغان، 2000-يىلى دۆلەت مەبلەغ سېلىپ ئېچىشقا باشلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن نوپۇسى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. 2002-يىلى لوپنۇر كۆلى بازىرى رەسمىي تەسىس قىلىنغان. 2010-يىلى ناھىيە دەرىجىلىك لوپنۇر كۆلى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغان، لوپنۇر كۆلى بازىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرگەن. 2014-يىلىغىچە، لوپنۇر كۆلى بازىرىدا ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر مەھەللە ۋە تۆت مەمۇرىي كەنت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 4200 ئادەمگە يەتكەن. 

لوپنۇر كۆلى بازىرىنىڭ ئىگىلىكى ئاساسلىقى سانائەتنى مەركەز قىلغان، 2013-يىلى سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. لوپنۇر كۆلى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ئاساسلىق توپىلىق خارابىسى، مىرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، لوپنۇر قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، كرورەن قەدىمى شەھىرى خارابىسى، لوپنۇر يارداڭ ئاجايىپ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار.

لوپنۇر كۆلى بازىرىلوپنۇر كۆلى قەدىمدە «سازلىق»، «پۇ چاڭخەي»، «لوپنۇر» قاتارلىقلار ناملار بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى كروران شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ «بوغۇزى». «تارىخىي خاتىرىلەر.پەرغانە تەزكىرىسى» ۋە «خەننامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيە 2- ئەسىردىن ئىلگىرى، كىروران غەربىي يۇرتنىڭ مەشھۇر «شەھەر يۇرتلىرى،دۆلىتى» دېگەن نامى بار بولۇپ، ئۇ شەرقتە دۇنخۇاڭ، غەربىي شىمالدىن قارا شەھەر، لوپنۇر، غەربىي جەنۇبتا چاقىلىق، چەرچەنگىچە تۇتاشقان. 

لوپنۇر كۆلى قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار كۆپىيىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن جاي، خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، مەشھۇر بولغان كىروران گۈزىلى چىققان جاي. 

20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر تەرىپىدىن «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ قارالغان.

20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، جۇڭگو گېئولوگىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى خادىملىرى لوپنۇر كۆلى رايونىدا چوڭ تىپتىكى ھوسۇللۇق كالىيلىق تۇزلۇق سۇ كانىنى بايقىغان زاپىسى 200 مىليون توننىغا يەتكەن. 

2000-يىلى 9-ئايدا، دۆلەت مەبلەغ سالغان تەرەققىيات شىركىتى شىنجاڭ لوپنۇر كالىي تۇزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان، لوپنۇر كۆلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالىي سولفات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان. بۇ شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. 

2002-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن لوپنۇر كۆلى بازىرى تەسىس قىلىنغان، 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلغان.

لوپنۇر كۆلى بازىرى2014-يىلى، لوپنۇر كۆلى بازىرى قارمىقىدا ناھىيەگە قاراشلىق بىر مەھەللە كومىتېتى، تۆت مەمۇرىي كەنت، جەمئىي تۆت تەبىئىي كەنت بار بولغان. 

لوپنۇر كۆلى بازىرىدىكى بازارلىق ھۆكۈمەت ئوتتۇرا لوپنۇر كەنتىگە جايلاشقان.

مەھەللە: كالىي مەھەللەسى.

مەمۇرىي كەنت: ئوتتۇرا لوپنۇر كەنتى، 10-قىزىل قۇدۇق كەنتى، 1-ئاۋغۇست بۇلاق كەنتى، كىروران كەنتى قاتارلىقلار.

2014-يىلىغىچە، لوپنۇر كۆلى بازىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس سانى 4200 ئادەمگە يەتكەن بولۇپ ئاساسلىقى خەنزۇ لار، ئاز ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان.

ئورنى

لوپنۇر كۆلى بازىرىلوپنۇر كۆلى بازىرى چاقىلىق ناھىيەسى نىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′45 °91 ~ ′00 °90، شىمالىي پاراللېل ′05 °41 ~ ′50 39° ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ، شەرق تەرىپى گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇبىي بىلەن چىمەنتاغ رايونى تۇتاشقان، غەربىي تىكەنلىك يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن قوشنا، شىمالىي تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتاشقان، كۆلىمى 510 كۋادرات كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 243 كىلومېتىر، شەرقىي مېرىدىئان 90°52′30.39′′، شىمالىي كەڭلىك 40°28′32.83′′، جايلاشقان چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 110 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

يەر شەكلى 

لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىنكى رايونغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 770 مېتىردىن 1535 مېتىرغىچە، يەر شەكلى كۆل فاتسىيىلىك چۆكۈندى تۈزلەڭلىكى، يەر شەكلى تۈز. يەر شەكلى تۈز، قىر شەكلىدە بولۇپ، بىر قەدەر قاتتىق، سىرتقى يۈزى سۇس توپا رەڭ. 

كىلىماتى

لوپنۇر كۆلى بازىرىنىڭ كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە، يازدا قاتتىق ئىسسىق، قىشتا قاتتىق سوغۇق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، ھۆل-يېغىن مىقدارى ناھايىتى ئاز. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃13.4، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3776.5 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاران 38.5 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە نىسپىي نەملىكى %46.5. لوپنۇر كۆلى بازىرىنىڭ ئىقلىمىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، شامال كۆپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك شامال چىقىدۇ، شامال كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغاندا 10 بالغا يىتىدۇ، 11-ئايدىن 1-ئايغىچە شامالنىڭ نىسپىي تىنچ دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. شامال يۆنىلىشى شەرقىي شىمال شامىلى ۋە شەرق شامىلىنى ئاساس قىلغان.

مىنېرال بايلىقى 

لوپنۇر كۆلى بازىرىلوپنۇر كۆلى بازىرى تەۋەسىدە ئالتۇن، نىكېل، مىس، تازىلانغان شور، مانگان، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كالىي تۇزىنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ. 

ئىقلىم بايلىقى 

لوپنۇر كۆلى بازىرى تەۋەسىدىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىنتايىن مول.

2013-يىلى، بازار بويىچە جەمئىي 1 مىليون 390 مىڭ توننا كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىلغان، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 27 مىليون يۈەنگە يىتىپ، يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان. 2014-يىلى 1-ئايدا جەمئىي 35 مىڭ توننا كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىلغان، كالىي ماگنىي ئوغۇتى 20 مىڭ توننا بولۇپ، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 80 مىليون 600 مىڭ يۈەن بولغان.

1-كەسىپ 

2014-يىلىغا قەدەر، لوپنۇر كۆلى بازىرىدا يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى يوق. 

2-كەسىپ 

2013-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنى 312 مىليون 500 يۈەنگە يىتىپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 216 مىليون يۈەنگە يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە 2013-يىلى سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەندىن ئاشقان، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 

2014-يىلى مۆلچەرلىنىشىچە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 450 مىليون يۈەن بولۇپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 320 مىليون يۈەندىن ئاشقان، يۇقىرىغا تاپشۇرۇلغان باج 1 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

3-كەسىپ

2013-يىلى، لوپنۇر كولى سودا بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرىلگەن. 2013-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئىشلىتىلگەن باج سوممىسى 8 مىليون 70 مىڭ يۈەن، تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 100 مىليون يۈەن بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە 2013-يىلى بىر يىلدا تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 100 مىليون يۈەن بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلانغان.

لوپنۇر كۆلى بازىرىلوپنۇر كۆلى بازىرى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ئاساسلىق توپىلىق خارابىسى، مىرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، لوپنۇر قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، كرورەن قەدىمى شەھىرى خارابىسى، لوپنۇر يارداڭ ئاجايىپ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#