كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى

كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى

بۇ تەتقىقات ئورنى دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نەزەرىيە فىزىكىسى پروفېسسورى نيېلىس بورنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1921-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1921-يىلى 3-ئاي
خەنزۇچە نامى 哥本哈根理论物理研究所

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىبۇ تەتقىقات ئورنى دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نەزەرىيە فىزىكىسى پروفېسسورى نيېلىس بورنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1921-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان، كۋانت نەزەرىيىسى، بولۇپمۇ كۋانت مېخانىكىسى جەھەتتىكى تەتقىقاتقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا ناھايىتى تېزلا فىزىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئۈچ چوڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، نۇرغۇنلىغان فىزىكلار ئۇنى «فىزىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەج-تاۋاپ قىلىدىغان جايى» ۋە كۋانت مېخانىكىسى تەۋەللۇت بولغان جاي دەپ ئاتىشىدۇ.

بۇ ئورۇن پەن جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىدۇ، دۇنياغا مەشھۇر بەزى فىزىكلار مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلغان، ئۆگەنگەن ياكى لېكسىيە سۆزلىگەن، بۇ جاينى زىيارەت قىلغان. نەچچە 10 يىلدىن بۇيان، كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى 600 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئالىمنى تەربىيىلىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى دۇنياغا مەشھۇر ئالىملارغا ئايلىنىپ، بۇلاردىن ئون نەچچىسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىبۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، بۇ يەردە دۇنياغا مەشھۇر كوپېنھاگېن روھى، يەنى كەمتەرلىك، ئوچۇق كۆڭۈللۈك، قىزغىنلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئىلمىي مۇزاكىرە ۋە تولۇق خەلقئارا ھەمكارلىق روھىنىڭ بولغانلىقىدا. مانا مۇشۇ خىل ئېسىل مەنىۋى پەزىلەت سەۋەبىدىن، ئۇلار دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەزەرىيە فىزىكىسى ئېقىمى − كوپېنھاگېن ئىلمىي ئېقىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى بۇ ئىلمىي ئېقىم تەجرىبە پاكىتىنى چىقىش قىلىپ نەزەرىيە بەرپا قىلىش ۋە نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقىنى تەجرىبە نەتىجىسى ئارقىلىق سىناشتا چىڭ تۇردى. شۇڭا، كۋانت مېخانىكىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ، ماترىتسا مېخانىكىسىنى بەرپا قىلدى، ئېنىق ئۆلچىگىلى بولماسلىق مۇناسىۋىتىنى بايقىدى، كۋانت مېخانىكىسىنىىڭ ستاتىستىكىلىق چۈشەندۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى زامان فىزىكا ئىنقىلابى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىكوپېنھاگېن ئىلمىي ئېقىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي مۇزاكىرە نەتىجىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئېينىشتېيىن ۋەكىللىكىدىكى پەن پىرلىرى بىلەن بولغان ئۆتكۈر نەزەرىيە جەڭلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. نەزەرىيە جەڭلىرىنىڭ نەتىجىلىرى فىزىكا يەنىمۇ تەرەققىي قىلغاندا ئايدىڭلىشىدۇ، لېكىن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەتلىك بۇ خىل روھ بور ۋە ئۇنىڭ كوپېنھاگېن ئىلمىي ئېقىمىنى تارىخ بېتىدە قالدۇردى.

كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىبورنىڭ ئاتوم ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە دانىيىگە كەلتۈرگەن شەرىپىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، دانىيە پادىشاھى قائىدىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا شەرەپ ئوردېنى بەردى. 1965-يىلى بور 80 ياشقا كىرگەندە، كىشىلەر كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى ئورنىنى نيېلىس بور تەتقىقات ئورنى دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مەڭگۈلۈك ئېھتىرامى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#