مازار يېزىسى

مازار يېزىسى

مازار يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى مازار يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 197.17 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئېدىرلىق تاغلىق رايونلاردىكى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 麻扎乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
نوپۇسى 11108 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى má zhā xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مازار يېزىسىمازار يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان. بىر ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە يېزا-بازار، چىڭگىزخاننىڭ 13-ئەۋلاد نەۋرىسى سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ قەبرىسى جايلاشقان، شۇڭا بۇ يېزا مازار يېزىسى دەپ ئاتالغان. يېزىسىنىڭ غەربىي ئىلى سانائەت رايونى بىلەن قوشنا، شەرقىي ئارشاڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جىڭ-غۇلجا-قورغاس تۆمۈر يولى يېزىنى كېسىپ ئۆتكەن.

مازار يېزىسى ئەسلىدە نىلقا ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولغان، 1966-يىلى 1-ئايدا، غۇلجا ناھىيەسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن «شەرق شامىلى» خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان، تەۋەسىدە شيېخې مەھەللىسى، ئورتا مەھەللىسى، پالتىۋاي، تەر، دۆڭمازار قاتارلىق 5 چوڭ ئەترەت بولغان، گۇڭشې ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جايى مازار كەنتىدە بولغان.

1975-يىلى، ئەسلىدىكى ئىتتىپاقلىق گۇڭشېسىدىكى ئارا مەھەللە قاتارلىق يەتتە چوڭ ئەترەت شەرق شامىلى گۇڭشېسىغا ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئورگان دۆڭمازارغا كۆچۈرۈلگەن.

1978-يىلى، گۇڭشې بويىچە تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامى بىلەن ئۇنىڭ نامى «دۆڭمازار» بولغان.

1984-يىلى، مازار يېزىسى تەسىس قىلىنغان. («مازار» ئومۇمىي ئاتىلىشى، «ئۇۋەيسخان مازىرى» دەپمۇ ئاتالغان، ئادەتتە «چوڭ مازار» دەپمۇ ئاتالغان)، قارىمىقىدا تۆت كەنت ئاھالە كومىتېتى بولغان.

1998-يىلى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشتە، بوربوسۇن چارۋىچىلىق فېرمىسى بۇ يېزىغا تەۋە بولغان، 6-مەمۇرىي كەنت بولغان.

مازار يېزىسىمازار يېزىسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 54 كىلومېتىر، شەرقتە نىلقا ناھىيەسى، سۇپتاي يېزىسى، غەربتە ئونيار يېزىسى، جەنۇبتا دۆڭمازار بازىرى بىلەن قوشنا، شىمالىي بىلەن بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى تۇتاشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى مازار كەنتى. ئەسلىدىكى بوربوسۇن چارۋىچىلىق فېرمىسى 1998-يىلى، رەسمىي مازار يېزىسىغا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 197.17 كۋادرات كىلومېتىر بولغان.

مازار يېزىسى بويىچە جەمئىي 2776 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 11108 ئادەم، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 83 نى ئىگەللىگەن.

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئارىلاش نامرات يېزا، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىلەرنىڭ سانى 578 ئائىلە، ئومۇمىي نوپۇسى 2402 ئادەم، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 32 نى ئىگەللىگەن. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 98 ئائىلە، 478 ئادەم، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 872 يۈەندىن تۆۋەن بولغان 500 دىن ئارتۇق ئائىلە، 1700 دىن ئارتۇق ئادەم بار. 12 مەسچىت، 3 مەكتەپ، 11 پارتىيە ياچېيكىسى، 297 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار.

مازار يېزىسى تەۋەلىكىدە: مازار كەنتى، شيېخې مەھەللە كەنتى، ئورتا مەھەللە كەنتى، پالتىۋاي كەنتى، تار كەنتى، بوربوسۇن كەنتى قاتارلىق ئالتە مەمۇرىي كەنت بار.

مازار يېزىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900 مېتىردىن 1200 مېتىرغىچە بولۇپ، بىر قەدەر تىپىك بولغان ئېدىرلىق تاغلىق رايونلاردىكى تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا تەۋە.

ئىقتىسادىي چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن. چارۋىچىلىق يېزىسىغا تەۋە. يېزا بويىچە ئوتلاق كۆلىمى 300 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر 14 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر  1.3 مو. ئۆلكە يولى 315-لىنىيىسى، دۆڭمازاردىن نىلقا ناھىيەسىگچە بولغان بۆلەكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يېزا ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھەر قايسى كەنتتىكى ئاددىي تاشيوللار بىلەن تۇتاشقان، قاتنىشى قۇلايلىق.

مازار يېزىسىنىڭ چېگراسى ئىچىدە تەبىئىي بايلىقلار مول، قېزىلما بايلىقلاردىن: كۆمۈر، ئۇران، تۆمۈر، ياپىلاق تاش، سېغىز توپا قاتارلىقلار بار.

ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن: شەمشاد، توغراق، قارىغاي ياغىچى، تەڭرىتاغ قار لەيلىسى، سۇغۇر سېسىقئوتى، سوغىگۈل، جۇڭگو پستىسى قاتارلىقلار بار. ھايۋانات بايلىقلىرىدىن: بۆكەن، ئۆچكە، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، بۆرە، تىيىن قاتارلىقلار بار.

مازار يېزىسىتەۋەلىكىدە مىڭمورا ئورمانچىلىق مەيدانى، بوربوسۇن مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، ئارىشاڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى، سۇلتان ئۇۋەيسخان مازىرى قاتارلىقلار بار.

چىڭگىزخاننىڭ 13-ئەۋلاد نەۋرىسى چىلبارخانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان ئۇۋەيسخان مازىرى ئىلى ۋىلايىتىدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، 1990-يىلى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#