كۆكسۇ ئارىشىڭى
كۆكسۇ ئارشىڭى تېكەس ناھىيە بازىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكسۇ دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى مەنزىرىلىك كۆكساي ئېغىزىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ ئارىشاڭ سۈيىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل مىنىرال ماددىلار بولۇپ، ھەر خىل تېرە كېسەللىرىگە شىپا بولغاندىن سىرت، قان تۇمۇر قېتىشىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، تۈرلۈك ياللۇغلىنىش ۋە رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. بۇ ئارشاڭ سۈيىنىڭ ياز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرسى 37، 38 گىرادۇسقىچە بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېكەس ناھىيەسى كۆكسۇ ئارشىڭىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جايلاردىن كىلىدىغان داۋالانغۇچىلارنى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن بۇ جاينىڭ شارائىتىنى ھەر جەھەتتىن ياخشىلىغان. ناھىيە بازىرىدىن ئارشاڭغىچە بولغان تاش يولنى راۋانلاشتۇرغان. ئارشاڭ ئۆزىدە 180 كۋادىرات مېتىرلىق يۇيۇنۇش كۆلچىكى، 11 ئېغىزلىق يۇيۇنۇش ئۆيى، 10 نەچچە ئېغىزلىق ياتاق سېلىپ، دوختۇر ۋە كۈتكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. نۆۋەتتە بۇ ئارشاڭ تېكەس ناھىيەسى نىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.