تيەننىڭ ئارىلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تيەننىڭ ئارىلى (Tinian) يەنە تىنىئەن ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىنچ ئوكيان نىڭ غەربىدىكى مارىئانا تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. شىمالىي كەڭلىك °15 بىلەن شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′38°145 ئارىلىقىغا جايلاشقان. قۇرۇقلۇق مەيدانى 101 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 714 مىڭ كىشى، ئارالنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا تىنىئەن پورتى بار. بۇجايدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى قاتتىق ئۇرۇش قىلغان. ھازىر بۇ جايدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى نىڭ مۇھىم ھەربىي بازىسى بار. ئارالدىكى خەلق شېكەر قۇمۇشى، ئاناناس قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ.
تيەننىڭ ئارىلى مارىئانا تاقىم ئاراللىرى ئىچىدە بىرقەدەر تىپىك بولغان ئارال، ئۇنىڭ ئىقلىمى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىللىق بولۇپ، تروپىك بەلباغ دېڭىز-ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە.
تيەننىڭ ئارىلى گەرچە مارىئانا تاقىم ئاراللىرى ئارىسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئارال بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مارىيانا تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى مۇھىتى ئەڭ گۈزەل ئارال. تيەننىڭ ئارىلى ھاۋا كىلماتى مۆتىدىل لېكىن بەزى جايلىرى نەم، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى °29 ئەتراپىدا، دېڭىز سۈيىنىڭ يىل بويى تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، يىللىق قۇياش نۇرى يېتەرلىك، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە خۇددى باھاردەك تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ كۈندۈز تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى كىچىك. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.