جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى» 2010-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، 2010-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى
ئېلان قىلغان ئۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国防动员法
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى» بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (25–نومۇرلۇق)

(2010–يىل 2–ئاينىڭ 26–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا ماقۇللانغان).

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى» 2010-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، 2010-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ (2010-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى).

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەت مۇداپىئەسىدە سەپەرۋەرلىك تەييارلىق پائالىيىتى، سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ دۆلەت مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇلغان، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىغا تۇتاشتۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

4-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىدە تىنچلىق مەزگىلىدىكىسى بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىدىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىرلەشتۈرۈش، ھەربىي ئېھتىياجنى خەلق ئېھتىياجىغا سىڭدۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق قىلىش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قىلىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

5-ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تەييارلىقىنى تىنچلىق مەزگىلىدە قانۇن بويىچە پۈتتۈرۈشى كېرەك؛ دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى كېرەك.

6-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىگە كېتىدىغان خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت مۇداپىئەت سەپەرۋەرلىك خىراجىتى ئىش بىلەن ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش پىرىنسىپى بويىچە، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

7-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب تەشكىلىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى

8-ماددا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك قىلىشنى قارار قىلىدۇ. دۆلەت رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىنائەن، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ.

9-ماددا گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن، سىياسەت ۋە نىزاملارنى چىقىرىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك قىلىش تەكلىپىنى قويىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىغا بىنائەن، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىدۇ.

دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكى بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچراپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى دەرھال قوللىنىشقا توغرا كەلگەندە، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن زۆرۈر بولغان دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن، سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوندا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە باشقۇرىدۇ.

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىگە ئائىت خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

12-ماددا دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە مەملىكەت بويىچە دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە بۇ خىزمەتنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپتە بېكىتىلگەن ئىش تۈرىگە ئاساسەن، ئۇنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە يولغا قويىدۇ. ھەربىي رايونلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتلىرى شۇ رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە بۇ خىزمەتنى ماسلاشتۇرىدۇ.

13-ماددا دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئىش ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ دائىملىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىگە ئائىت مەسئۇلىيتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

14-ماددا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىگە سېلىنغان تەھدىت تۈگىگەندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تەدبىرلىرىنى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە بىكار قىلىش كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3297559.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#