ئاتوم فىزىكىسى

ئاتوم فىزىكىسى

ئاتوم فىزىكىسى __ ئاتومنىڭ قۇرۇلمىسى، ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ۋە ئۆز-ئارا تەسىرى، ئاتومنىڭ ئېلېكتىرون قۇرۇلمىسى، ئاتوم ئىسپېكترى، ئاتوملار ئارىسىدىكى ياكى باشقا ماددىلار بولغان سوقۇلۇش جەريانى ۋە ئۆز-ئارا تەسىرنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاتوم فىزىكىسى
خەنزۇچە نامى 原子物理学

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاتوم فىزىكىسىئاتوم فىزىكىسى __ ئاتومنىڭ قۇرۇلمىسى، ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ۋە ئۆز-ئارا تەسىرى، ئاتومنىڭ ئېلېكتىرون قۇرۇلمىسى، ئاتوم ئىسپېكترى، ئاتوملار ئارىسىدىكى ياكى باشقا ماددىلار بولغان سوقۇلۇش جەريانى ۋە ئۆز-ئارا تەسىرنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.[1] 

كىلاسسىك فىزىكا غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندە، كۆپچىلىك فىزىكا ئالىملىرى : فىزىكا بىناسى پۈتۈپ بولدى، كېيىنكى ئەۋلاد فىزىكا ئالىملىرى پەقەت بەزى فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ ئېنىق قىممىتىنى ئۆلچەپ قويسىلا بولىدۇ، دەپ قاراشقانىدى. فىزىكا ئالىمى ۋېليام تومسون: فىزىكا  بىناسى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھالدا پۈتۈپ قالدى، لېكىن سۈپسۈزۈك فىزىكا ئاسمىنىدا  «ئېفىر» ۋە « ئولتىرا بىنەپشە نۇر ئاپىتى» دىن ئىبارەت ئىككى پارچە قارا بۇلۇت ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ، دېگەن. فىزىكىدىكى ئىنقىلاب دەل مانا مۇشۇ ئىككى پارچە قارا بۇلۇتنى ھەيدەشتىن باشلانغان.

ئېفىر تەلىماتىنىڭ ھالاك بولۇشى

كىلاسسىك فىزىكىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ئېفىرغا تايىنىپ چۈشەندۈرىلىدىغان بولۇپ، ئېفىر بولماي تۇرۇپ، نۇرغۇن نەزىرىيىلەرنىڭ ئاساسى پۈتمەيتتى. 19-ئەسىردە ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى ماكسىۋېل يورۇقلۇقنىڭ بىر خىل ئىلىكتىرو ماگنىت دۇلقۇنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يورۇقلۇقنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋاكۇئۇمدا تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە يەنىلا ئېفىرغا تاياندى. ئۇ ئېفىرنى ھەم ئېلىكتىرو ماگنىتلىق خاراكتېرگە، ھەم مېخانىكىلىق خاراكتېرگە ئىگە دەپ چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئېفىر يورۇقلۇق، ئېلىكتىرلىك، ماگنىتلىق خاراكتىرگە ئىگە بولغان ئومۇمىي تەنچە دەپ قارايدىغان بولدى. بىراق يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى سىكونتىغا 30 كىلومىتىر. ئەگەر ئېفىر يەر شارىنى قاپلاپ تۇرغان بولسا، يەر شارىنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ئېفىر شامىلى چىقىشى كېرەك، شۇنداقلا بۇ يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكىگە تەسىر قىلىشى كېرەك، دېگەن قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنى قانداق ئىسپاتلاش كېرەك؟

شۇنىڭ بىلەن 1881-يىلى ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىملىرىدىن مايكىلسون بىلەن مورلىي ھەمكارلىشىپ، بىر مەشھۇر تەجرىبىنى ئىشلەيدۇ. ئۇلار يەر شارى ئايلانغاندا، ئېفىر شامىلى ئىنتىرفىرىنسىيە ئەسۋابىدا ھاسىل بولغان ئىنتىرفىرىنسىيە تىلىمچىلىرىنى تەۋرىتىشى كېرەك، دەپ پەرەز قىلىدۇ. بىراق قانداقلا قىلمىسۇن، بۇنداق ھادىسىنى بايقىمايدۇ.

1884-يىلى تومسون بىلەن رايلى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ كېلىدۇ ھەمدە لىكسىيە سۆزلەيدۇ. بۇ جەرياندا مايكىلسون ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، 1881-يىلىدىكى تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىشقا نىسپەتەن بۇ ئىككى ئالىم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. مايكىلسون بىلەن مورلىي بۇ تەجرىبىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇلار ئەسۋاپلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەجرىبە ئىشلەيدۇ. كېچە-كۈندۈز كۆزىتىدۇ. بىراق تەجرىبە نەتىجىسى يەنىلا ئېفىر شامىلىنى بايقىماسلىقتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ نەتىجىگە ئۇلار ئىشەنمەي قالىدۇ. كىلاسسىك فىزىكا نەزىرىيىلىرى بۇ نەتىجىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. بۇ تەجرىبە كىشىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان چۇقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئېفىر تەلىماتىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. ئۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ تەلىماتنى چۆرۈۋەتسىلا بولاتتى. ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيتتى.

«ئولتىرا بىنەپشە نۇر ئاپىتى» نىڭ پەيدا بولۇشى

«ئولتىرا بىنەپشە نۇر ئاپىتى» باشقا بىر نەرسە بولماستىن، دەل بىز دائىم دەپ كېلىۋاتقان قارا جىسىم رادىئاتسىيىدىن ئىبارەت.

ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسى دېگىنىمىز جىسىمنىڭ تىمپىراتورىسى ئۆرلىگەندە ئەتراپقا ئىسسىقلىق تارقىتىش ھادىسىسىدۇر. جىسىملارنىڭ رەڭگى تىمپىراتورىنىڭ يۇقىرلىنشىغا ئەگىشىپ، سۇس قىزىلدىن توق قىزىلغا، ئاخىرىدا ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ چىقارغان ئىسسىقلىقى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بۇ جىسىم تىمپىراتورىسى قانچە يۇقىرى بولسا ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىنىڭمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، تىمپىراتورا قانچە يۇقىرى بولسا، سىپىكتىردىكى ئەڭ كۈچلۈك رادىئاتسىينىڭ چاستۇتىسىنىڭمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى جىسىم رەڭگىنىڭ قىزىلدىن ئاققا، ئاخىرىدا كۆككە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟

ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى كىلاسسىك فىزىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرمەكچى بولغان، بىراق كىلاسسىك فىزىكىنىڭ نەزىرىيىلىرى بىلەن بۇ ھادىسە زادى سىغىشالمىغان.

يۇقىرىدىكى ئىككى پارچە «قارا بۇلۇت» دەل فىزىكىدا مىسلىسىز ئىنقىلاب قوزغاشقا ئوت پىلتىسى بولۇپ قالغان.

X نۇرىنىڭ بايقىلىشى

فىزىكىدىكى بايقاشلارغا مەنپىي قۇتۇپ نۇرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار زور تۈرتكە بولغان.

مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ خاراكتېرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار ئىچىدە گېرمانىيە ۋوزبۇرگ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، قۇشۇمچە فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رېنتىگېنمۇ بار ئىدى.

رېنتىگېن 1845-يىلى توغۇلغان بولۇپ، گوللاندىيەنىڭ مېخانىكا قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. 1869-يىلى پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىسىنى ئىشلەشتە، لىنارد، گېرتىس قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن تەجرىبىسىنى قايتىلايدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئۇ مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنى كۆزەتكۈچە، زەرەتسىزلىنىش لامپىسىنى كاردون قەغەز ۋە قەلەي ياپراقچىسى بىلەن ئوراپ قويىدۇ. بۇنداق قىلغاندا سىرتقى تەسىرنى ئازايتقىلى بولاتتى. 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ قاپقارا قىلىۋەتكەن تەجرىبىخانىدا ئۆزىدىن بىر مېتىردەك يىراقلىقتا تۇرغان ئىش سۇپىسى ئۈستىدە سۇس يېشىل نۇر چاقنىغانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. رېىنتىگېن بۇنى مەنپىي قۇتۇپ نۇرى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېخى بايقالمىغان يېڭى نۇر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭغا «X نۇرى» دەپ نام بېرىدۇ.

X نۇرىنىڭ تىبابەتتە ئىشلىتىلىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى، شۇنداقلا ئۇ فىزىكا ساھەسىدىكى يېڭى بايقاش بولغانلىقتىن 1901-يىللىق تۇنجى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا دەل مانا مۇشۇ رېنتىگېن ئېرىشىدۇ.

رادىئو ئاكتىپلىقنىڭ بايقىلىشى ۋە رادىينىڭ تېپىلىشى

فىزىكىدا چوڭ ئىنقىلاب بولدى، دېيىشكە بولاتتى. بۇنى رېنتىگېننىڭ X نۇرىنى بايقىشى باشلاپ بەرگەنىدى. كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن كەشپىياتلار كىلاسسىك فىزىكا بىناسىنى تەۋرىتىۋەتتى. فىزىكا يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىۋاتاتتى.

1896-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە بىر قېتىملىق يىغىن ئېچىلىۋاتاتتى. يىغىندا رېنتىگېن ئەۋەتكەن بىر قانچە پارچە سۈرەت كۆرۈلدى. بۇنىڭغا يىغىندىكى ھېنرى بېككىرىل دېگەن ئالىم قاتتىق قىزىقىپ قالدى. ئۇ رېنتىگېننىڭ تەجرىبىسىنى قايتا ئىشلەپ باقماقچى بولىدۇ. 1896-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن تەجرىبە دۇكلاتىنى سۇندى. ئۇ دۇكلاتىدا قارا قەغەزدىن ئۆتۈپ كەتكەن نۇرنى X نۇرنى ئۇران بىرىكمىسى چىقارغاندا پەيدا بولۇپ قالغان دەپ يازىدۇ.

ئۇ يەنە تەجرىبىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، پىليونكىلارنى يۇيۇپ چىقارماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، پىليونكىلاردا بىر قانچىلا يورۇق نۇقتا بولۇشى كېرەك. بىراق يۇيۇپ چىقارغاندىكى ئەمەلىيەت ئۇنداق بولماي، پىليونكىنى پۈتۈنلەي نۇر چېقىۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىليونكا چۇقۇم بىر خىل سىرلىق نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. ئۇ قايتا-قايتا تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇران تۇزىلا بولىدىكەن، بۇ خىل نۇر چېقىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تىمپىراتورا قاتارلىق تەسىرلەرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ.  ئۇ يەنە ئۇران بىرىكمىلىرىنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىدە تەجرىبە ئىشلەپ باقىدۇ. ئۇ يەنىلا شۇ كۆرۈنمەيدىغان نۇرنىڭ پىليونكىنى چېقىش ھادىسىىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1896-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئۆزىنىڭ يېڭى دۇكلاتىنى سۇنىدۇ ھەمدە يېڭى بىر بايقاشنىڭ بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

بېككىرىلنىڭ رادىئو ئاكتىپلىقنى بايقىشىنى تاسادىپىي پۇرسەتتىن زور كەشپىياتقا ئېرىشىپ قېلىشنىڭ تىپىك مىسالى دېيىشكە بولىدۇ. رېنتىگېننىڭ X نۇرىنى بايقىشىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بېككىرىلنىڭ بۇ بايقىشى ئانچە بەك داغدوغا قوزغىيالمايدۇ. چۈنكى كىشىلەر X نۇرىنىڭ قىزغىنلىقىدا تۇرۇۋاتاتتى. بىراق بۇ ناھايىتى زور بايقاش ئىدى.

بېككىرىلنىڭ زور بايقىشى دۇنيانىڭ دىققتىنى تارتالمىغان بىلەن ياش ئەر-خوتۇن كيۇرىيلارنىڭ دىققتىنى تارتقانىدى. ئۇلار توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى بېككىرىل رادىئو ئاكتىپلىقنى بايقىغانىدى.

كيۇرى خانىم ئۇراننىڭ رادىئو ئاكتىپلىق نۇر چىقىرىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن ك،ەلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەجرىبىخانىدىكى بىرىكمىلەرنى تەكشۈرۈپ، ئۇراندىن باشقا يەنە تورىينىڭمۇ رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇلار داۋاملىق تەجرىبە ئىشلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىرىكمىلەر تەركىبىدكى ئۇران ياكى تورىي قانچە كۆپ بولسا، رادىئوئاكتىپلىقنىڭمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغنلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن: رادىئو ئاكتىپلىق ئاتوملارنىڭ بىر خىل خۇسۇسىيىتى، بۇ ئاتوملارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن پەيدا بولىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. كيۇرى خانىم يەنە نۇرغۇن ماددىلارنىڭ رادىئو ئاكتىپلىقىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا رادىئوئاكتىپلىقى ئۇران ۋە تورىيدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ماددىلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا 1898-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دۇكلاتىنى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە  سۇنىدۇ ھەمدە يېڭى ئېلىمىنىت بايقالدى دەپ جاكارلايدۇ. شۇ يىلى روژىستوۋ بايرىمى كۈنى بۇ ياش ئەر-خوتۇنلار فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يەنە بىر يېڭى ئېلىمىنتنى تاپقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يېڭى ئېلىمىنت رادىي ئىدى.

بۇ ياش ئەر-خوتۇنلارنىڭ قىسقىغىنە بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىككى يېڭى ئېلىمىنىتنى بايقىشى ئاغدەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش. بىراق بۇ ئىككىسى تېخى ساپ ماددىسى ئايرىپ ئېلىنمىغان ئېلىمىنىتلار ئىدى. كىشىلەر: شۇ ئېلىمىنتنى كۆرمىگۈچە ئىشەنمەيمىز دەپ تۇرۇۋېلىشتى. شۇنداق قىلىپ ئەر-خوتۇن كيۇرىيلار 1899-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە بولغان توپتوغرا ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە 0.12 گىرام بولغان رادىي خلورىدنى ئايرىپ ئېلىۋالىدۇ. يەنە ئۈچ يىل ۋاقىتتىن كېيىن ساپ رادىي مېتالىنى ئايرىپ ئېلىۋالىدۇ. كىشىلەر شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا شەك-شۈبھىسىز ئىشىنىدۇ.

ئېلىكتىروننىڭ بايقىلىشى

تومسون ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىمى. 1880-يىلىدىن باشلاپ كامبىرىج ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كاۋىندىش تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن. 1884-يىلى 28 ياشلىق تومسون كاۋىندىش تەجرىبىخانىسىنىڭ رايلىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، كاۋىندىش تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەجرىبىخانىنىڭ شارائىتىنى ياىشىلايدۇ. يېڭى بولغان تەجرىبە ئوسۇللىرىنى ۋە تېخنىكىلىرىنى ئېلىپ كىرىدۇ. ئىنىستىتوت قۇرىدۇ. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق كىشىلەر يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئۇ 1890-يىلىدىن باشلاپ، گازلارنىڭ زەرەتسىزلىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. چۈنكى مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ خاراكتېرى ئۈستىدىكى تەتقىقات شۇ مەزگىللەردىكى مەركىزىي تېما ئىدى. ئۇ مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ زەرەتلەر ئېقىمى ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەنپىي قۇتۇپ نۇرى ئۈستىدە بىر مۇنچە تەجرىبە ئىشلەيدۇ. تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا مۇنپىي قۇتۇپ نۇرىنىنڭ مەنپىي زەرەتلەردىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنى ئېفىرنىڭ تەۋرىنىشى دەيدىغان قاراش ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. ئۇ ئارقىدىنلا مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ ئېلىكتىر مەيدانى بىلەن ماگنىت مەيدانىدا ئېغىش ھادىسىسىگە ئاساسەن بۇ زەرەتلىك مىكرو زەررىچىنىڭ زەرەت ماسسا نىسپىتىنى ۋە تېزلىكىنى ئۆلچەپ چىقىدۇ. تەجرىبە ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۇ مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنىڭ يېڭى بىر زەررىچىلە ئېقىمى ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ. تومسون 1897-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيىتىدە بۇ نەتىجىنى جاكارلايدۇ. ماددا ئىچىدە مولىكۇلىدىن خېلى كىچىك بولغان مەنپىي زەرەتلىك زەررىچە بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. كىشىلەر كېيىنچە مەنپىي قۇتۇپ نۇرىنى ئېلىكتىرون دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ.

تومسون بۇ نەتىجىلىرى بىلەن كېيىن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.   

تومسوننىڭ ئېلىكتىروننى بايقىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئاتوم زادى قانداق تۈزۈلۈشتە بولىدىغاندۇ؟ دەيدىغان خىيال چولغىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە بىر بىرىگە ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە ئاتوم تۈزۈلۈش مودىللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تومسوننىڭ چىلان تورتى مودىلى بىلەن رېزىرفوردنىڭ يادرولۇق تۈزۈلۈش مودىلى ئەڭ گەۋدىلىكتۇر.

تومسون ئېلىكتىروننى بايقىغاندىن كېيىن، ئاتومنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئاتوم خۇددى يۇمىلاق شارغا ئوخشاش بولۇپ، ئېلىكتىرونلار خۇددى تورت ئۈستىگە پاتۇرۇلغان چىلانلاردەك ئاتوم ئۈستىگە سانچىلىپ تۇرىدۇ.

بۇ ئاتوم مودىلى ئىلىم ساھەسىدە بىر مۇنچە مەزگىل دەۋر سۈرۈپ يۈردى. چۈنكى ئېلىكتىرون ئىنتايىن كىچىك بولغان زەررىچە.

ئەمما 1911-يىلىغا كەلگەندە بۇ مودىل تومسوننىڭ شاگىرتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.

رېزىرفورد، يېڭى زىلاندىيىدە توغۇلغان. كېيىن ئەنگلىيەدە ئوقۇغان. كامبىرىج ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كاۋىندىش تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلغان. كېيىنچە بۇ تەجرىبىخانىنىڭ مەسئۇلى بولغان. ئۇ تەجرىبە ئارقىلىق تومسوننىڭ چىلان تورتى مودىلىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. ئۇ بىر ۋاكۇئۇم قۇرۇلما ئىچىگە نېپىز ئالتۇن ياپراقچىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەنە بۇ قۇرۇلمىغا ھەرىكەتكەندۈرگىلى بولىدىغان يالتىراق ئىكران ئورنىتىدۇ. ئۇ α زەررىچە مەنبەسىدىن ماسسىسى چوڭ، زەرەت مىقدارى كۆپ بولغان α زەررىچە ئېتىلىپ چىقىپ ئالتۇن ياپراقچىنى سوقۇدىغان قىلىدۇ.

تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا ئەمەلىيەت رېزىرفورد پەرەز قىلغاندەك بولمايدۇ. يەنى ئاز ساىدكىαزەررىچە ئىكرانغا ئۇرۇلماي يانغا قىيىپ كېتىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى كەينىگە قايتىپ كېتىدۇ. بۇزادى قانداق گەپ؟ α زەررىچە بولسا مۇسبەت زەرەتلىك، ئۇ چۇقۇم مۇسبەت زەرەتلىك تەنچىگە ئۇچراپ قالغان. بولمىسا قايمايتتى ياكى كەينىگە قايتىپ كەتمەيتتى. بۇ تەجرىبە ئەمەلىيىتىگە ئاساسلانغاندا تومسوننىڭ چىلان تورتى مودىلى خاتا بولىدۇ. ئۇنداقتا ئاتوم زادى قانداق تۈزۈلۈشتە؟

ئاتوم فىزىكىسىرېزىرفورد تەجرىبە ئەمەلىيىتىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئاتومنىڭ يېڭى بىر تۈزۈلۈش مودىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دپ قارايدۇ: ئاتوم ئاتوم يادروسى ۋە يادرونى ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئېلىكتىرونلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاتوم يادرۇسى مۇسبەت زەرەتلىك، ئېلىكتىرون بولسا مەنپىي زەرەتلىك. ئۇلارنىڭ زەرەت مىقدارى تەڭ بولىدۇ. شۇڭا ئاتوم سىرتقا نىسپەتەن ئېلىكتىرلىك خۇسۇسىيەت ئىپادىلىمەيدۇ.

كىشىلەر كېيىن بۇ ئاتوم تۈزۈلۈش مودىلىنى ئاتومنىڭ يادرولۇق تۈزۈلۈشى ياكى قۇياش مودىلى دەپ ئاتىۋالىدۇ. بۇ مودىل تەجرىبە ئەمەلىيىتىگە ئويغۇن كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەرخىل ئاتومغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەچكە، توغرا دەپ قارىلىپ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

رېزىرفورد تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا ئاتوم يادروسىنىڭ ئاتوم ماسسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ. يەنە مۇسبەت زەرىتىنىڭ ئېلىكتىرون زەرەت مىقدارىغا تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ماسسىسى جەھەتتىن يەنە پەرق بارلىقىنى بىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتوم يادروسىدىكى مۇسبەت زەرەتلىك زەررىچىگە پروتون دەپ ئىسىم قويدى. ئۇنى قانداق تېپىش كېرەك؟ 1919-يىلى رېزىرفورد بىر قىسىم ئېلىمىنتلارنى α زەررىچە ئارقىلىق بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق زەرىتى ئېلىكتىروننىڭكىگە تەڭ بولغان بىر مۇسبەت زەرەتلىك زەررىچىنى بايقىدى. بۇ دەل ئۆزى ئىسىم قويغان پروتون ئىدى. پروتون دېگەن بۇ ئىسىم «بىرىنچى»، «ئەڭ مۇھىم» دېگەندەك مەنىلەرنى بېرەتتى.

پىروتون تېپىلغىنى بىلەن ماسسا جەھەتتىن ئاتوم يادروسى پىروتوننىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىگە تەڭ تۇرسا، يەنە بىر يۇشۇرۇنغان زەررىچە قايسى زەررىچە بولىدۇ؟ رېزىرفورد بۇنىڭغا ئالدىنئالا ئىسىم قويدى، يەنى نىيتىرون دەپ ئاتىدى. ئۇ زەرەتسىز بولاتتى، ماسسا جەھەتتىن پروتوننىڭ ماسسىسىغا تەڭ كېلەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر نىيتىروننى ئىزدەشكە باشلىدى. بۇنىڭدا جولىئۇت  كيۇرى ئەر-خوتۇنلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. لېكىن نيتىروننى تېپىش تەلىيى ئۇلارغا نىسىپ بولمىدى. بۇنىڭغا رىزىرفوردنىڭ ئوقۇغۇچىسى چادۋىك نائىل بولدى.

چادۋىك رېلى تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدىغان تەجرىبە ئارقىلىق ئاخىرى رېزىرفورد ئالدىن ئېيتقان نىيتىروننى تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1935-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېتىشتى. كىشىلەر بۇ مۇكاپات توغرىسىدا غۇلغۇلا قىلىشتى. چۈنكى جولىئوت كيۇرى ئەر-خوتۇنلار بۇ توغرىدا خېلى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنىدى. بۇنىڭغا قارىتا رېزىرفورد: مۇكاپات يەنىلا چادۋىكقا بېرىلىدۇ، كيۇرى ئەر-خوتۇنلار ناھايىتى ئەقىللىق، مەن ئۇلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنمەن، دېگەنىدى. دېگەندەك بۇ ئەر-خوتۇنلار نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئاتومنىڭ سىرىنى ئېچىش توغرىسىدىكى خىزمەتلەر بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالغان ئەمەس. 1934-يىلى جولىئوت كيۇرى ئەر-خوتۇنلار زەررىچىلەر بىلەن ئېلىمىنىت ئاتوملىرىنى سوققاندا، باشقا بىر خىل ئېلىمىنىت ئاتوملىرى پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقاشتى. بۇنىڭ بىلەن سۇنئىي ئوسۇلدىمۇ رادىئوئاكتىپلىقنى پەيدا قىلىپ، يېڭى ئېلىمىنىتلارغا ئېرىشىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. بۇ كىشىلەر كېيىن ئاتوم يادروسىنى سۈنئىي ئايلاندۇرۇش دەپ ئاتىدى. كىشىلەر شۇنى ئېنىقلىدىكى ، ھاسىل بولغان يېڭى ئېلىمىنتلارنى تەكشۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەسلى بار بولغان ئىلىمىنت بىلەن پىروتون سانى ئوخشاش بولسىمۇ، نىيتىرون سانى ئوخشاش بولمايتتى. بۇنىڭغا قاراپ كىشىلەر ئۇلارنى ئىزوتوپ دەپ ئاتىدى. زەررىچىلەر بىلەن باشقا ئېلىمىنتلارنى سوققاندا راستىنلا ئىزوتوپ ھاسىل بولامدۇ؟

كېيىن گېرمانىيە فىزىكلىرىدىن كائىن بىلەن سىتراسماننىڭ خىزمىتى ئالىملارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار نىيتىرون ئارقىلىق ئۇران 235 نى سوققاندا باشقا بىر خىل ئېلىمىنبتنىڭ ئىزوتوپى ھاسىل بولماي بارىي قاتارلىق ئەسلى تەبىئەت دۇنياسىدا بار بولغان ئېلىمىنىتلار پەيدا بولىدۇ. ئاتومنى سۈنئىي ئايلاندۇرۇش بويىچە بولغاندا، يېڭى بىر ئىزوتوپ ھاسىل بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ كېيىن فىزىكلار بۇنىڭ سىنرىنى يەشتى، ئەسلىدە نىيتىرون ماسسا سانى چوڭ بولغان ئۇراننى سوققاندا زەنجىرسىمان رىئاكسىيە يۈز بېرىش بىلەن بىرگە، زور ئېنىرگىيە قويۇپ بەرگەن. بۇنىڭ ئۆزى يېڭى بىر ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەنلىك بىلەن تەڭداش ئىدى.  ئەمما بۇ غايەت زور ئېنىرگىيە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىپ، ئاتوم بومبىسىدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق قۇرال مەيدانغا كەلدى.

ئالبىرت ئېينىشتېين 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ئولم شەھىرىدە بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىنكى يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى ھېرمان بىملەن تاغىسى ياكوپ ئۈنۈمى ئانچە ياىشى بولمىغان بىر ئېلىكتىر ئۈسكىنىلىرى دۇكىنىنى ئاچقانىدى. ئالبىرت پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تۆۋەن دېيىشكە بولمايتتى. 1894-يىلى ئاتىسىنىڭ شىركىتى تاقىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالبىرتنى ميۇنخىنغا قالدۇرۇپ قۇيۇپ، ئۆزلىرى شىۋېتسارىيەنىڭ مىلان شەھىرىگە كۆچۈپ بارىندۇ. ئالبىرت بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئىتالىيىگە بېرىپ،ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدۇ. كېيىن شىۋىتسارىيىگە بېرىپ، سيۇرىخ فىدىراتسىيە تېخنىكا ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1900-يىلى ئوقۇشنى تاماملايدۇ. بىراق پىروفىسسورلار ئۇنى زاكۇنچى، نوپۇزلۇقلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، دەپ ياردەمچىلىككە تەكلىپ قىلمايدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ بېرندىكى شىۋېتسارىيە پاتىنىت ئىدارىسىدىن خىزمەت تاپىدۇ. 1905-يىلى ئۇ نوپۇزلۇق ئلمىي ژورنالدا ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىلەر ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىم بولۇش ئورنىغا ئاساس سالىدۇ. يەنە تېخى بىزنىڭ ۋاقىت-بوشلۇق قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، فىزىكىدا بىر مەيدان ئىنقىلاب قوزغىدى.

1887-يىلىدىكى مايكىلسون-مورلىي تەجرىبىسى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان چۇقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئېفىر چۈشەنچىسىنى تەۋرىتىۋەتتى. ئېينىشتىيىن 1905-يىلى يازغان ماقالىسىدە، ئەگەر كىشىلەر ئېفىرنىڭ بوشلۇقتىن ئۆتۈپ ھەرىكەت قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىقالمىسا، ئۇنداقتا ئېفىر قارىشى ئارتۇقچە بولۇپ قالىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتېيننىڭ قىياسى تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلغان بارلىق كۆزەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، مانا بۇ نىسپىيلىك نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسى ئىدى. ئېينىشتېيننىڭ 1905-يىلى ئوتتۇرىغا قۇيغىنى كىشىلەر ھازىر ئاتاپ كېلىۋاتقان تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسىدۇر.

ئېينىشتېين بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. ئۇ ئەگەر ۋاقىت-بوشلۇقىنىڭ شەكلى بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىپ كېلىنىۋاتقان قىياس بويىچە تۈز بولماي، بەلكى ئېگىلگەن ھالەتتە بولسا، ئۇنداقتا تەڭ ئۈنۈملۈك بولۇش پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ، دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئويى ماسسا بىلەن ئېنىرگىيە تېخى ئېنىقلانمىغان بىر چاغدا ۋاقىت بوشلۇقنى ئېگىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلە ئىشلىرىنىڭمۇ، ئۇرۇشنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىماي. 1915-يىلى 11-ئايدا بۇ قىياسىنىڭ توغرا تەڭلىمىسىنى تېپىپ چىقىدۇ.

ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ ئېەىلىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى دەپ ئاتىلىپ، ئەسلىدىكى تارتىش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان نەزىرىيىدىن پەرقلەندۈرۈلدى. 1919-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ غەربىي ئافرىقىغا بارغان بىر ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى كۈن تۇتۇلغاندا يورۇقلۇقنىڭ كۈن يېنىدىن ئۆتكەندە ئېگىلىدىغانلىقىنى كۆزەتتى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى شانلىق ھالدا ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ ئىگىلىدىغانلىقىنىڭ بىۋاستە دەلىلى ئىدى.

كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى ئالەمنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە تەقدىرى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىشىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشىنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ، پەلسەپە پېنىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى.

 فىزىكا ئاسمىنىدىكى ئىككى قارا بۇلۇتنىڭ بىرى بولغان قارا جىسىم رادىئاتسىيىسى توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلار ئاخىرى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى بىلەن بىر قاتاردا تۇرالايدىغان يەنە بىر ئۇلۇغ بايقاش كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئەينى چاغدا گېرمانىيە  فىزىكا ئالىمى كرىخوف قارا جىسىم توغرىسىدا مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەنىدى: قارا جىسىم ھەر قانداق تىمپىراتورىدا ئۆزىگە چۈشكەن رادىئاتسىيىنى سۈمۈرۋالىدۇ (يەنى چۈشكەن يورۇقلۇقنى ئازراقمۇ قايتۇرمايدۇ). بۇ مۇتلەق قارا جىسىمدۇر. لېكىن تەبىئەت دۇنياسىدا بۇنداق جىسىم مەۋجۇت ئەمەس. تەتقىقاتتا مانا مۇشۇنداق ئېدىئاللاشتۇرغاندا ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاشقا ئاسان بولىدۇ. ئەمەلىي جىسىم ئىدىئال جىسىمغا يېقىنلاشقاندا بۇنداق ئىدىئاللاشتۇرۇشنىڭ قىممىتى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

نورمال تىمپىراتورىدا جىسىملارنىڭ رەڭگى ئۆزىگە چۈشكەن نۇرغا باغلىق بولىدۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئۇلار كۆرىنىدىغان يورۇقلۇق چىقىرالمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تىمپىراتورىسى ئۆرلىسە ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. تىمپىراتورىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ چىقىرىدىغان نۇرىنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىگە باغلىق بولىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى رەڭگى ئەسلىدىنلا قارا بولغان جىسىملار ئەمدىلىكتە ئەڭ يورۇق، تارقىتىدىغان ئىسسىقلىقى ئەڭ كۈچلۈك جىسىمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل مەسىلىلەر ئالىملارنىڭ بېشىنى تازا قاتۇردى. ئۇلار كىلاسسىك فىزىكىنىڭ نەزىرىيىسى-ئېنىرگىيىنىڭ ئۆزلۈكسىز بولۇشى بويىچە چۈشەندۈرمەكچى بولۇشتى، بىراق تەجرىبە ئەمەلىيىتى بىلەن نەزىرىيىۋىي قىممەت ئارىسىدا پەرق چوڭ چىقىپ قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر  سىتىفان-بالسىمان قانۇنى، ۋىئېن يۆتكىلىش قانۇنى قاتارلىق قانۇن پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، نەتىجە ئەمەلىيەت بىلەن جىپسىلاشمىدى. ئەمىسە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

قارا جىسىم ئۈستىدە ئىشلەنگەن تەجرىبىلەر پلانىكنىڭ كۋانت نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. گېرمانىيە فىزىكى ماكس پىلانك تەجرىبە نەتىجىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەزىرىيىۋىي فورمۇلىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، كىلاسسىك نەزىرىيىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان بىر يېڭى ئوقۇمنى، يەنى سىستېمىنىڭ ئېنىرگىيىسىدە زادىلا ئۆزلۈكسىز قىممەت بولمايدۇ، ئۇ سىرتقى مۇھىت بىلەن زادىلا ئۆزلۈكسىز بولمىغان مىقدار بويىچە ئېنىرگىيە ئالماشتۇردىدۇ. بۇ مىقدار كۋانت دەپ ئاتىلىدۇ، دېگەن ئوقۇمنى كىرگۈزىدۇ. بۇنىڭدىن چىقىرىلغان نەزىرىيىۋىي فورمۇلا راستىنلا تەجرىبە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مانا بۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىق يېڭى پەن تۈرى كىۋانت نەزىرىيىسىدۇر. ئۇ مەيدانغا كىلىشى بىلەن تەڭ فىزىكا ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ. كىلاسسىك فىزىكىغا چوڭقۇر مىھىر مۇھەببىتى بولغان بىر قىسىم فىزىكا ئالىملىرى بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدۇ. لېكىن، بور، ھېيزىنبىرگ، شىرودىنگېر قاتارلىق بىر قىسىم ئىسلاھات روھىغا باي بولغان ياش ئالىملار ئۇنى ئۆز نەزىرىيىلىرىدە قوللىنىپ ۋە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ زور مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ. بۇ جەرياندا تەپەككۇرغا تويۇنغان بىر قىسىم نەزىردىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھەل بولماي كېلىۋاتقان بىر مۇنچە مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ.

شىرودىنگېر بولسا، ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان شىرودىنگىر تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماددىي دۇنيانىڭ يەنە بىر پەردىسىنى ئاچىدۇ. ھېيزىنبىرگ ئېنىق ئۆلچىگىلى بولماسلىق پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فىزىكا ۋە پەلسەپەدە بىر مەيدان ئىنقىلاپ قوزغايدۇ. دې بروگلى ماددا دۇلقۇن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئېينىشتىيىن بولسا فوتون تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يورۇقلۇق توغرىسىدىكى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىنىۋاتقان يورۇقلۇق زادى نېمە؟ دېگەن دە-تالاشمۇ بېسىقىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا كۋانت مېخانىكىسى ماتېماتىكىلىق ئۇستىلىق بىلەن فىزىكىلىق تەپەككۇرنىڭ جانلىق بىرلەشتۈرۈلۈشى ئىدى.

كۋانت مېخانىكىسىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىملارمۇ بارغانسېرى كۆپ بولدى. ئەڭ ئاخرىدا ئالىملار بۇنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق توغرىلىق ئىككى ئېقىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بىرى ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى بور ۋەكىللىكىدىكى كوپىنھاگېن ئېقىمى، يەنە بىرى يالغۇز بىر ئېينىشتېيندىنلا تەركىپ تاپقان ئېينىشتېين ئېقىمىدىن ئىبارەت. ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتېين ئۆزى كۋانت مىخانىكىسىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قۇشقان تۇرۇقلۇق، يەنە ئاخىرىدا ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھىچكىم چۈشەنمەيتتى. ئېينىشتېين ئۆمۈر بويى بۇ نەزىرىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. بۇ ئىككى ئېقىمدىكىلەر بىر-بىرىنى قايىل قىلالمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا كوپىنھاگېن ئېقىمىدىكىلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىمۇ ئېينىشتىيىننى قايىل قىلالمىغان.

ئۈچىنچى قېتىملىق فىزىكا ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئاتوم تېخنىكىسى، ئېلىكتىرون تېخنىكىسى، ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى پارتىلىدى.

1945-يىلى 6-،9-ئاۋغۇست كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكى قاتارلىق شەھەرلىرىگە بىردىن ئىككى بومبا تاشلاندى. ئاسمانغا موگۇسىمان بۇلۇت كۆتۈرۈلدى، ئاسمان بوشلۇقىنى بىر ئاق نۇر كېسىپ ئۆتتى. بۇ ئاق نۇرغا قارىغان كىشىلەرنىڭ كۆزى قۇيۇلۇپ كەتتى. نەچچە يۈزمىڭ ياپونىيە پۇقراسى ھالاك بولدى. ئىنسانىيەت بۇنىڭ زادى قانداق بومبا ئىكەنلىكىنى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتىغا ئاساسەنلا ئاندىن بىلدى. بۇ قاباھەتنى پەيدا قىلغىنى دەل ئاتوم بومبىسى ئىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى بالدۇر ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا مۇنەۋۋەر ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇپ، ئۇلارغا « مانخاتتون پىلانى » دېگەن مەخپىي ۋەزىپىنى تاپشۇردى. ئۇلارنىڭ كونكىرت ۋەزىپىسى بولسا ئاتوم بومبىسىنى  ياساپ چىقىش ئىدى. بۇ خىل ئىلھام زادى نەدىن كەلگەن؟ بۇنى دەل 1939-يىلىدىكى كائىن بىلەن سىتراسماننىڭ ئۇراننى پارچىلاش زەنجىرسىمان رىئاكسىيىسىدىن كەلگەن دېيىشكە بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن 1942-يىلى داڭلىق فىزىكا ئالىمى فېرمىينىڭ تۇنجى ئاتوم رىئاكتورىنى لايىھەلەپ ياسىشى بىلەن ئاتوم بومبىسىنى ياساش ئىشى ئەمەلگە ئېشىشقا يول ئېچىلدى. چۈنكى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان رىئاكسىيىنى ئەمدى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولغانىدى.  

1945-يىلى تۇنجى ئاتوم بومبىسى ياسالدى. بۇ بومبا ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان بىلەن، ئىنسانىيەتكە ئاتوم قۇرالىنىڭ ۋەھىمىلىك سايىسىنى چۈشۈردى.

1949-يىلى رۇسىيە فىدراتىسيەسى ئاتوم بومبىسىنى ياساپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. 1952-يىلى ئەنگلىيە بۇ بومبىنى پارتىلاتتى. 1964-يىلى بولسا جۇڭگومۇ بۇ بومبىغا ئىگە بولۇپ، يادرو دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇلغان.  1952-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا ۋودرود بومبىسىنى پارتىلىتىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. بىر ۋودرود بومبىسى تۆت ئاتوم بومبىسىنىڭ قۇدرىتىگە تەڭ ئىدى. توققۇز ئايدىن كېيىن رۇسىيە فىدراتىسيەسىمۇ بۇ خىل قۇرالغا ئىگە بولغان. 1967-يىلى جۇڭگومۇ بۇ خىل بومبا تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان. دۇنيانى يادرو قۇرالىنىڭ ۋەھىمىسى قاپلىغان. يادرو ئىنىرگىيىسىدىن تېنچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىش پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈمىدى بولۇپ قالغان.  

1947-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپلاردىن پايدىلىنىپ، تىبابەتتە كېسەللەرنى داۋالىغان. يەنە ئۇنى يېزائىگىلىكىدە، سانائەتتە پايدىلاندى. 1949-يىلى ئامېرىكىلىقلار دۇنيادىكى تۇنجى ئاتوم سائىتىنى ياسىغان. 1950-يىلى بولسا ئامېرىكا خەلقئارا سودا ماشىنىلىرى شىركىتى تۇنجى يادرو ئېنىرگىيىلىك گېنراتورنى ياسىغان. 1954-يىلى رۇسىيە فىدراتىسيەسى دۇنيادىكى تۇنجى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى قۇرغان. 1957-يىلى ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى يادردو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى قۇردى. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرىنى قۇردى. 1992-يىلى جۇڭگو ئۆزىنىڭ تۇنجى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى بولغان چىنشەن يادرو ئېلىكتېر ئىستانسىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. دۇنيانىڭ تېنچلىق ئىشلىرى يەنىلا داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.

كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەتنى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات دەۋرىگە كىرگۈزدى دېسەك ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ. چۈنكى ھازىرقى دەۋرىمىزدە دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان ئۇچۇر تېخنىكىسى، نامى تېخنىكىسى قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيىلىك تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى كىۋانت مېخانىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كۋانت مېخانىكىسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىمۇ تېخىمۇ كېڭىيىپ يېڭى-يېڭى پەنلەر شەكىللەنمەكتە. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ يېڭى بولغان تېخنىكىلارنى قوبۇل ئەتكۈسى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#