گېئورگى كونىستانتىنوۋىچ ژوكوف
گېئورگى كونىستانتىنوۋىچ ژوكوف رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ داڭلىق ھەربىي ئىشلار ئالىمى، ئىستراتېگىيىچى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مارشالى. 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان. ژوكوفقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارشال ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن، سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشىدا ستالىندىن كېيىنكى ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەن ئىككىنچى سوۋېت ئارمىيەسى باش قوماندانى، شۇنداقلا تۆت قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئىككى ئادەمنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ژوكوفگېئورگى كونىستانتىنوۋىچ ژوكوف 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كالۇگا ئۆلكىسىنىڭ بوروۋسك كەنتىدە بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى موزدوز، ئانىسى دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ بىر ئاچىسى بار، بىر ئائىلە كىشىلىرى پەقەت بىرلا ئېغىز ئۆيدە تۇرىدىغان بۇلۇپ، تۇرمۇشى ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ئۆتكەن. بالىلىق دەۋرىدە، ژوكوف بىر دىنىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقىغان.
گېئورگى كونىستانتىنوۋىچ ژوكوف بولسا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 1942-يىلىدىن 1945-يىلغىچە سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭ مۇئاۋىن باش قۇماندانى، مارشال (باش قوماندان سىتالىن) بولغان بولۇپ، موسكىۋا ئۇرۇشى، سىتالىنگىراد ئۇرۇشى، كۇرىسكى ئۇرۇشى ۋە بېرلىن ئۇرۇشلىرىغا بىۋاستە ئالدىنقى سەپكە بېرىپ قوماندانلىق قىلىپ، زور تۆھپىلەرنى ياراتقان. ژوكوف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەغلۇبىيتىنى غەلبىگە ئايلاندۇرغان داڭلىق ھەربى قوماندان، ھەربى ئىستىراتىگىيچى، شۇنداقلا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا 1936-يىلى قوزغالغان تازلاشتا «توپا–چاڭ» تەگمەي ساق قالغان گېنېرال، سىتالىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئوفېتسىر.
ژوكوف 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەڭ داڭلىق، تۆھپىسى ئەڭ چوڭ مارشاللارنىڭ بىرى (ئېزىنخاۋىر، مونتىگومىرى ۋە ژوكوف).
1945-يىلدىن تاكى 1957-يىلى 10-ئايدا خېروشوف تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىچە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى قورۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ باش قۇماندانى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسى ئىشغال قىلغان گېرمانىيە زىمىندىكى باش ھەربىي قوماندان قوشۇمچە باش مەمۇر، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىسترلىقىنىڭ مىنىستىرى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوممىنىستىك پارتىيسى (بولشىۋىكلار پارتىيسى) سىياسى بىيروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
1917-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتتىگەندە ژوكوف تۇرغان روتا ئىنقىلاب قىلىپ، ئوفىتسىرلارنى قولغا ئېلىپ، ژوكوفنى رەھبەرلىككە سايلىغان. كىيىن ژوكوف ئۆزنىڭ بولشىۋىكلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1917-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ژوكوف موسكىۋاغا بارغان. ئاندىن يۇرتىغا قايتىپ قوغداش ئەترىتىگە قاتناشقان.
1918-يىلى 8-ئايدا قىزىل ئارمىيگە قاتنىشىپ موسكىۋا ئاتلىق 1-دىۋىزىيە 4-پوللىكقا تەقسىم قىلىنغان.
1919-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ژوكوف بولشىۋىكلار پارتىيسىگە ئەزا بولغان. ئاقلار بىلەن قىزىللار ئۇرۇشى(گىراژدانلارئۇرۇشى) مەزگىلىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1920-يىلى 7-ئايدا ژوكوف ئوفىتسىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. (بۇ ئارلىقتا ژوكوفنىڭ سۆيگەن قىزى مارىيە باشقلارغا ياتلىق بولۇپ كەتكەن) شۇندىن باشلاپ ژوكوف قەدەممۇ-قەدەم ئۆسكەن(ئادەتتىكى ئەسكەرلىكىتىن مارشاللىققا).
بۇ ئارلىقتا ژوكوف سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا 1936-يىلى قوزغالغان تازلاشتا ھايات قالغان ۋە يەنىلا ئۆستۈرۈلگەن، ژوكوف تازلاش مەزگىلىدە سىتالىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن، چۈنكى مارشال تۇخاچىۋىسكى سىتالىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن باشلاپ، شۇنىڭدىن كىيىن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىدە زور تۈركۈمدە رەھبىرى كادىرلار، ئوفىتسىر-ئەسكەرلەر تازلانغان، ناتسېسىت گېرمانيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوفىتسىرلار تولىمۇ كەمچىل بولغان، بۇ ئارلىقتا سىتالىن ئۇنى ناھايىتىمۇ تېز ئۆستۈرگەن. ژوكوف سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ قوماندانلىقىدىن تۇنجى تانكا گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ(بىڭتۈەننىڭ) قوماندانى بولغان. ناتسېسىت گېرمانىيسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا(ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىدا) ژوكوفنىڭ ھەربى تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ،ئۆزنىڭ ئاجايىپ يۈكسەك ھەربىي تالانتى ۋە قوماندانلىق ئىقتىدارىغا تاينىىپ، سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭ موئاۋىن باش قۇماندان بولغان.
2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى دۇنياغا مەشھۇر موسكىۋانى قوغداش ئۇرۇشى، سىتالىنىگىرادنى قوغداش ئۇرۇشى، كۇرىسكى ئۇرۇشى، بېرلىننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى قاتارلىق مىليون كىشىلىك ئۇرۇشلاردا سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىگە قوماندانلىق قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىسىنى مەغلۇپ قىلغان. مانا مۇشۇ ئۇرۇش غەلبىسى ژوكوفنىڭ ھەققى ھەربىي تالانتىنى جارى قىلدۇرشىغا ئۇل سېلىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نامىنى كۈچەيتكەن. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن سوۋىت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولغان.
1936–يىلى ئىسپانىيدىكى ئىچىكى ئۇرۇشقا سىتالىن بىلەن ۋورشولوفنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارغان(ئىسپانىيدىكى ئىچكى ئۇرۇش بولسا ئاخىرىدا فاشىست فىرانكونىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشقان. 5-كالوننا دىگەن سۆز موشۇ چاغدا پەيدا بولغان).
1937-يىلى قايىتقان.
1938-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-ئارمىيسىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.
1938-يىلى بېلروسيە ھەربىي رايۇنىنىڭ باش قوماندانى بولغان.
يەنە شۇ يىلى باش شىتابنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىتالىننىڭ قۇشۇلىشى بىلەن يۇقارقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ھەربى ئىشلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، جۇڭگو غا كىلىپ ياپون ئارمىيسىنىڭ ھەربىي ئىستىراتىگىيسى ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ تەتقىق قىلغان.
1939-يىلى 6-ئايدا ژوكوف تاشقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارمىيسى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىگە بىرلىكتە قوماندانلىق قىلىپ ياپون ئارمىيسىنىڭ ئېغۋاگەرچىلىكىنى تارمار قىلغان، يەنى ئۆزدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولغان ياپونىيە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە ژوكوف پىيادە ئەسكەر، توپچى قىسىم، بىرونۋىك قىسىم ۋە ھاۋا ئارمىسىنىڭ ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، ئەڭ يېڭى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان.
1939-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تاشقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى بىر تەرەپ، ياپونىيە بىر تەرەپ بولۇپ موسكىۋادا ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمگە قول قويغان ۋە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇپ، تاشقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قورچاق مانجۇريىنىڭ چىگراسىنى بېكىتكەن. ياپونلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا بىر قېتىملىق موتۇرلاشقان قىسىمنىڭ موھىملىقىنى چۈشەنمىگەنلىكتەك ئازاپلىق ساۋاقنى قوبۇل قىلغان. مۇشۇ ئۇرۇش جەريانىدا ژوكوف موتورلاشقان قىسىم ئىشلەتكەن ھەربىي ئەسلەھەلەرنىڭ كەمچىلىكىنى تېپىپ چىققان ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى موتۇرلاشقان قىسىمنىڭ ھەربى ئەسلەھەلىرىنىڭ زور دەرجىدە ياخشىلىنىشغا زور تۈرىتكە بولغان.
موشۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1940-يىلى 6-ئايدا ژوكوف گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن ۋە ئوكرائىنا ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان.
1941-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونيىنىڭ ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرىتنامىسىنى ئىمزالاپ، 1945 يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى مانجۇرىيىگە قوشۇن چىقارغۇچە تىنىچ ئۆتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ژوكوف قەدەممۇ-قەدەم ئۆسكەن. يەنى ئاددى سولدات (ئەسكەر)لىقىتىن ئۇچقاندەك ئۆسۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا مارشال (يەنى گېنېراللېسموس)لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ژوكوفنىڭ تۆھپىسى ناھايىتىمۇ چوڭ بولغانلىقتىن، سىتالىننىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ۋە ئىشىنىشىگە سازاۋەر بولغان.
1937-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا قوزغالغان «چوڭ تازلاش » مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيسىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوفىتسىرلار تازلاپ چىقىرىلغان، شۇنىڭ بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىدە زور دەرىجىدە ئوفىتسىر كەمچىللىك كىلىپ چىققان. بۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە ناتسېسىت گېرمانىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا زور كۆلەملىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.
بىراق ژوكوف يەنىلا ئامان قالغان ۋە ئۆستۈرۈلگەن. سىتالىن ئۆلگەندىن كىيىن خېروششوف بىلەن بېريە (KGBنىڭ سابىق كاتتىۋىشى) ھوقوق تالىشىش كۈرىشىدە، ژوكوف خېروششوفنى قوللاپ، ئۇنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى(سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوممىنىستىك پارتىيسىنىڭ باش سېكىرتارى) بولىشىغا ياردەم قىلغان. بىراق خېروششوف تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ژوكوفتىن ئەنسىرەپ(چۈنكى بېريەنى يۇقاتقاندىن كىيىن ئۆزنىمۇ يوقتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداقلا سىتالىنغا ئۆچمەنلىكىدىن)، ئۇنىڭ يوگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق ھەربىي ۋە مەمۇرى ھوقوقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، پەقەت مارشاللىق ئۇنۋانىلا ساقلاپ قالغان.
1958-يىلى 3-ئايدا ژوكوف رەسمىي تۈردە پېنسىيگە چىققان(پېنسىيە مائاشى 5500 رۇبلى، تەخمىنەن1357دوللار).
1964-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى خېروششوف تەختتىن چۈشۈپ، بېرژېنىف تەختكە چىققاندىن كىيىن ژوكوفنىڭ نامى ۋە مەمۇرى ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
1974-يىلى 6-ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ژوكوفنىڭ ھەربىي تالانتىغا ھەتتا ئىتتىپاقداش ئارمىينىڭ ۋە ناتسىست گېرمانىيسىنىڭ ھەربىيلىرىمۇ قايىل بولغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.