ئاپىيە
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى غەربىي سامۇئانىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئۇپولۇ ئارىلىدىكى شىمالىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى غەربىي سامۇئانىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئۇپولۇ ئارىلىدىكى شىمالىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) ، شەھەر 1850-يىلى دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنى بويلاپ سېلىنغان. 1966-يىلى ئاپىيەنىڭ تۆت كىلومېتر شەرقىدە چوڭقۇر سۇلۇق پرىستان قۇرۇلغان، 40 كىلومېتر غەربىدە خەلقئارا ئايرودروم سېلىنغان. ئاپىيە—غەربىي سامۇئانىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى، سۇ يوللىرى، ئارالدىكى شەھەر—جىڭلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قۇرۇقلۇق يوللىرى بار. شەھەرنىڭ ئۈچ كىلومېتر غەربىي شىمالدىكى مولىنو يېرىم ئارىلىدا رەسەتخانا قۇرۇلغان. ئاپىيە پورتى ئارقىلىق پالما، بانان، كاكائو، كوفي قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.