مانگان كاللىكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆپكۈك دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئىنتايىن قىممەتلىك بىر خىل مىنرال ماددا مانگان كاللىكى ساقلانغان، ئۇ سۇس قوڭۇر رەڭ ياكى قارا رەڭلىك كاللەك شەكىللىك مىنرال ماددا بولۇپ، سىرىتقى شەكلى خىلمۇ خىل چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس. كىچىكلىرى خۇددى كۆك پۇرچاقچىلىك چوڭلىرى بولسا بەرەڭگىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ، ھازىرغىچە كىشىلەر بايقىغان ئەڭ چوڭ مانگان كاللىكى 1 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئېغىرلىقى 620 كىلوگرام كىلىدۇ، مانگان كاللىكى تەركىبىدە مانگان، تىتان، رادىي، تورىي، نىئوبىي م سېرىي، بېرىللىي قاتارلىق كۆپ خىل ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ماددىلار بار.
مانگان كاللىكىبۇ خىل مانگان كاللىكىنى ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ « رىقابەتچى » ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش كېمىسى تىنىچ ئوكياننىڭ دېڭىز ئاستېدىن بايقىغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر سۇ ئاستىدا سۈرەتكە تارتىش ۋە سىن ئېلىش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر ئارقىلىق دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى نۇرغۇنلىغان سىرلارنى بايقاپ چىقتى. ئالىملار يەنە دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى مانگان كاللىكىگە ئوخشاش مېنرال ماددىلارنىڭ ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ خىل بايقاش ئىنسانلارنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتقان.
مانگان كاللىكىئۇنداقتا مانگان كاللىكى قانداق شەكىللەنگەن ؟ كىشىلەرنىڭ بايقىشىچە مانگان كاللىكىنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى خۇددى كاللەكبەسەيگە ئوخشاش مەركەزداش قۇرۇلما مەركىزى قۇم-شېخىل، يانار-تاغ كۇمىلىچى، بىئوكلاستىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بەزى ئاساسلاردىن قارىغاندا : مانگان كاللىكىى دېڭز يۈزىدىكى مانگان، تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ بىرقەۋەت-بىر قەۋەتتىن قۇم-شېخىل، يانار تاغ كۇمىلچى، بىيوكلاستىك قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە چۆكۈشىدىن ھاسىل بولغان.
كىشىلەر ھازىر مانگان كاللىكىنى ئېچىش ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئانچە يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، مانگان كاللىكىنىڭ ئېچىلىش ۋە پايدىلىنىشىنى قاراتما كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشنى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.