كۈمۈش ئۈرۈك

كۈمۈشئۆرۈك

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان. مۇزلۇقلار ھەرىكىتى مەزگىلىدە، مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆمۈش ئۆرۈك دىنوزاۋرلارغا ئوخشاش يوقىلىپ كەتكەن، پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىلا ئازراق ساقلىنىپ قالغان ھەم ھازىرغىچە يېتىپ كېلىپ دۇنيادا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان تەۋەررۈككە ئايلاندى.


ئۇيغۇرچە نامى كۈمۈش ئۆرۈك
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كەنجى تىپى يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى
لاتىنچە نامى 银杏树
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白果树
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
باشقا نامى 银杏树

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۈمۈش ئۈرۈككۈمۈش ئۆرۈك يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، داڭلىق تاغ، قەدىمكى ئىبادەتخانىلاردا ئۇچرايدۇ. دەرەخ قىياپىتى زور ھەم چىرايلىق، يوپۇرمىقى ئىنتايىن ئۆزگىچە، خۇددى كىچىك قەغەز يەلپۈگۈچكە ئوخشاش شامالدا لەپشىپ تۇرىدۇ. بەزى دەرەخلىرىدە يەنە يۇپيۇمىلاق ئۇرۇق ھاسىل بولىدۇ، ئادەتتە ئاق مېۋە دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولغاچقا «گۇڭ سۈن شۇ» (ئاتا-بوۋىلىرىدىن نەۋرىلىرىگىچە قالغان دەرەخ) دەپ ئاتاپ ئاتا-بوۋىلىرى تىكىپ ئۆستۈرسە نەۋرىلىرىگە كەلگەندىلا مېۋىلەيدىغانلىقىنى سۈپەتلىگەن

كۈمۈش ئۈرۈككۈمۈش ئۆرۈكنىڭ مورفولوگىيە جەھەتتە نۇرغۇن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بار. يوپۇرمىقىنىڭ قورساق تەرەپ، ئارقا تەرەپ دەپ پەرقى يوق، يوپۇرمىقىدا نۇرغۇن پاراللېل ھەم ئاچىلانغان يوپۇرماق تومۇرلىرى بار. ئانىلىق-ئاتىلىقى ئايرىم تۈپتە، ئاتىلىق گۈلىنىڭ گۈلچېڭى بۇرمىسىمان بولۇپ، ئۆزى ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. ئۇرۇقى شار شەكىللىك، پىشقان چاغدا سىرتقى ئۇرۇق پوستى ئۆرۈككە ئوخشاش سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. گۆشلىشىدۇ، تەركىبىدە مايلار ۋە ئاروماتىك ماددىلار ھەم سىئانىك كىسلاتا قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ئۇرۇق پوستى ئاق رەڭلىك سۆڭەك ماددىلىق بولۇپ، 2 −3 تال ئۇزۇنىغا سوزۇلغان قىرى بولىدۇ. ئىچكى ئۇرۇق پوستى قىزىل، تۆرەلمە سۈتى گۆشلەشكەن، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىپتىدائىي بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمىيلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

كۈمۈش ئۆرۈك ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدا يوپۇرماق چىقىرىپ چېچەكلەيدۇ، ئۆكتەبىردە ئۇرۇقى پىشىدۇ. ئۇرۇق مېغىزى تەركىبىدە ئاقسىل، ماي قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ، لېكىن يەنە ئاز مىقداردىكى سىئانوزىد ۋە كىنكومېتىل فىنول قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارمۇ بار بولۇپ، كۆپ يېگەندە زەھەرلىنىپ قالىدۇ.

 كۈمۈش ئۆرۈكنىڭ ياغىچى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇرۇقىنى يەنە دورا قىلىشقا بولىدۇ، زىققە كېسەللىكى ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا بولىدۇ. يوپۇرماق ۋە ئۇرۇق پوستى ناھايىتى ياخشى يەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى بولۇپ، زىيانداش ھاشاراتلاردىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ. يوپۇرمىقىنى خەتكۈچ قىلسا كىتابتىكى كۈيە قۇرتىنى يوقىتىشقا بولىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە كۈمۈش ئۆرۈك چېچەكلىگەندە، ھەسەل ھەرىلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇ ناھايىتى ياخشى بولغان ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ.

كۈمۈش ئۈرۈككۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يېتىشتۈرۈلۈپ كەلگەن دەرەخ تۈرىدۇر. چۈنكى، ئىبادەتخانا باغچىلىرىدا بولمىسا بولمايدىغان دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپالىقلار كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم 1690– يىلى ياپونىيەدىكى ئىبادەتخانا باغچىلىرىدا ئۇچراشقان. ياپونىيەگە گوللاندىيەلىكلەر بىلەن بىرگە كەلگەن گېرمانىيەلىك بوتانىكا ئالىمى، كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخىنى ياۋروپاغا تونۇتقان. ئالۇچىنىڭ ئۇرۇقلىرى مېۋىسىنىڭ ئېتىنىڭ پوستى چىقىرىلىپ، پىشۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭىلىنىدۇ. سانى كۆپ بولغان كىشىلەرگە تەييارلانغان يېمەككە پەقەتلا بىر قانچە ئۇرۇق ئېتىلىدۇ، چۈنكى، كۆپ بولۇپ كەتكەندە زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئالۇچىنىڭ تەركىۋىدىكى بىر خىمىيەلىك ماددا زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىمىيەلىك ماددىلار رىئاكسىيە قىلىدىغان بەزى كىشىلەر كۈمۈش ئۈرۈك تۇتقاندا ياكى بىر يەرلىرى تېگىپ كەتكەندە تېرىسىى سارغۇچ بولۇپ بولۇپ قالىدۇ. تېرىسى سەزگۈر بولغان كىشىلەرنىڭ تېرىسىدە قىزىل داغلار ۋە قاپارتمىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. تېرە كېسىلى بار كىشىلەر قولىغا پەلەي كىيىپ ئالۇچىنى تۇتسا بولىدۇ. كۈمۈش ئۈرۈك مېۋىسىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقچىلار بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ۋە ئاسىيانىڭ سىرتىدىكى تاماققا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلەردە ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدۇ. جۇڭگودا ئەنئەنىۋى تويلاردا تاماقنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچىنىڭ بىرى كۈمۈش ئۈرۈك ئۇرۇقچىسىدۇر. ياپونىيەلىكلەرمۇ ئالۇچىنى تامىقىغا سالىدۇ ۋە پىشقان ئۇرۇقلىرىنى باشقا تاماقلار بىلەن پېچىنە - پىرەنىكنىڭ ئورنىدا مېھمانغا سۇنىدۇ.

كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخىنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بار. كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخى ھاۋا بۇلىغىنىشىغا ئەڭ چىداملىق دەرەخنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىدىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخى شەھەرلەردە باشقا دەرەخلەر ئۆسەلمەيدىغان شارائىتلاردىمۇ چوڭىيىدۇ، دەرەخ كېسەللىكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرايدۇ ۋە ئەڭ ئاز ھاشارەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىدۇ. كۈنىمىزدە كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخى شەھەر باغچىلىرىدا ۋە كوچا بويىدا ئۆستۈرۈلىدىغان بىر دەرەخ تۈرىگە ئايلاندى. كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى زىننەتلەش مەقسىتىدە تەشتەكلەردە كىچىك دەرەخ ھالىتىدە ئۆستۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بويلىرىنى كىچىكلەتكىلى ھەتتا كېرەك بولغاندا بىر قانچە يۈز يىل مۇھاپىزەت قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇنداق بولسا، تۈركىيەدە كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى بارمۇ؟ ئىستانبۇلنىڭ ئىھلامۇر قەسىرى كىرىشىدىكى دەرەخ، ئەڭ قېرى دەرەختۇر. 1855– يىلى تىكىلگەن دەپ قارىلىدۇ. نەزاخات كۆكيىگىت بوتانىكا باغچىسىغا كەلگىنىمىزدە ناھايىتى راھەت شەكىلدە كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى، ئورمان فاكۇلتېتى، باغچا كۆي ئورمان باشقۇرۇش باغچىسى ۋە ئاتاتۈرك ئۆسۈملۈك باغچىسىدا ناھايىتى چىرايلىق ئۆسكەن كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى كۆرەلەيمىز. بالتا پورتىدىكى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرى جايلاشقان باغچىدا ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى بوتانىكا باغچىسىدىكى كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى ياخشى ئۆسكەن بولۇپ، ناھايىتى كەڭ ۋە ئېگىزدۇر. بۇ جايلاردىكى دەرەخلەردىن ئېلىنغان ئۇرۇقلار بىلەن چەكلىك مىقداردا بولسىمۇ كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى يېتىشتۈرۈلمەكتە. بالتا پورتىدىكى دەرەخلەرنىڭ 1889– يىلى تۈركىيەگە ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن كېلىپ زىيارەت قىلغان ياپونىيە ئىمپېراتورىنىڭ تاغىسى تەرىپىدىن تىكىلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. تىرابزون، مانىسا، ئىزمىر، يالوۋا ۋە بالىكەسىردىمۇ دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، باغچىلاردا، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدا، يول بويلىرىدا كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنى كۆرەلەيمىز. ئەنقەرەدە بولسا، پارلامېنت يېنىدىكى ئەگەمەنلىك باغچىسىدا بىر ئەركەك ۋە بىر چىشى ئىبادەتخانا دەرىخى(mabetağacıgelenleri) كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.

كۈمۈش ئۈرۈك يوپۇرماقلىرىنىڭ تەركىۋىدىكى بەزى خىمىيەلىك ماددىلار دورا ياساشتا قوللىنىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلار ئالۇچىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش، ئۇنتۇغاقلىق، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. كۈمۈش ئۈرۈك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. ئەستە تۇتۇش جەھەتتىكى مۇسبەت تەسىرلىرى سەۋەبىدىن، ياش چوڭايغاندا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش رۇخسىتىغا مەسئۇل كومىتېتى، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ باش قېيىش، قۇلاق چىڭىلداش ۋە پۈتۈپ قىلىشقا ئىشىلتىشنى تەستىقلىغان. يان تېلېفونلارنىڭ مېڭىگە تارقىتىدىغان دولقۇنلارغا قارشى ئالۇچىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە چاشقانلار ئۈستىدە يېڭى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالۇچىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆزىتىلدى. ئالۇچىدىن ياسالغان كاپسۇل ياكى تابلېتلارنى دورىخانىلاردىن ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىدىن ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ. قان ئايلىنىشى ياخشى ئەمەس ۋە ئاسپىرىن دورىسى قوللانغان ئەھۋاللاردا بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ھامىلە ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. تەبىئىي ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىلىرى ياكى ماددىلىرىنى ئالغىنىمىزدا، ھەر دائىمدىكىدەك دوختۇرىمىز ۋە دورا سېتىش خادىملىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشىمىز ھەمدە دوستلارنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز لازىم.

تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن كۈمۈش ئۆرۈكنىڭ ئۆمرىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ، مەملىكىتىمىزدە نۇرغۇن 1000 يىللىق قەدىمكى كۈمۈش ئۆرۈك دەرەخلىرى بار. شەندۇڭ ئۆلكىسى جۇشەن ناھىيىسىنىڭ غەربىدىن 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى دىڭلىن ئىبادەتخانىسىدا ناھايىتى يوغان بىر تۈپ كۈمۈش ئۆرۈك دەرىخى بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تىكىلگەنىكەن. ھازىرغىچە 3000 نەچچە يۈز يىل بولغان بولۇپ، مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى كۈمۈش ئۆرۈك دەرىخى ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا خىروشىماغا ئاتقان ئاتوم بومبىسىنىڭ تەسىرىدە يارىلانغان بولسىمۇ بىر قانچە جانلىق ساقلىنىپ قالغان. كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخى ساقلىنىپ قالغان ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاتوم بومبىسى چۈشكەن جايدىن بىر – ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى كۈنىمىزگىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دەرەخلەر بۈگۈنمۇ ئۇلارنى كۆرگىلى كەلگەنلەرنى تىك تۇرۇپ قارشى ئالماقتا. كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنىڭ «ئىبادەتخانا دەرىخى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئانا ۋەتىنى بولغان جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەدە ئىبادەتخانىلارنىڭ باغچىلىرىغا ھۆسۈن قوشىدىغان بولۇشىدۇر. كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخى تۈركىيەدە كۈمۈش ئۆرۈك، پىل قۇلىقى، قىز ساچى، جۇڭگو يەلپۈگۈچ قارىغىيى دەپ ئاتالماقتا. دىنازاۋۇرلار دەۋرىدىن بېرى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان بىر دەرەخ بولۇشى سەۋەبلىك، «ياشاۋاتقان تاشقا ئايلانغان جىسىم» دەپمۇ بىلىنىدۇ. 270 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخىنىڭ تاش جىسملىرى بىلەن ھازىرقى كۈنىمىزدىكى كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋېلىش مۇمكىن. دىنازاۋۇرلار دەۋرىدە ئۆسكەن كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بار بولسىمۇ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن نادىر تۈرگە ئايلىنىپ، جۇڭگودىن باشقا جايلاردىكى تۈرلىرى يوقىلىپ كەتكەن. ھازىرقى ۋاقىتتىكى كۈمۈش ئۈرۈك دەرەخلىرى ئۆزىگە يېقىن ۋە ئوخشايدىغان ھېچقانداق دەرەخ تۈرى بولمىغان، پۈتۈنلەي ئۆزىگە خاس دەرەخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بوتانىكىشۇناسلارمۇ كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخىنى ئۆسۈملۈك دۇنياسىدىن ئايرىپ قارىماقتا. كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان بولۇپ، جۇڭگودا يېشى 2000–1500 يىلدىن ئاشىدىغانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەتتا يېشى 2500 يىلدىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدىغانلارمۇ بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5762

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#