قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت قۇشۇنىنىڭ سىياسى، كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئەخلەق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区基层法律服务工作者的培训工作管理暂行办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەدلىيە نازارىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ش ئە ئۇ (2002)41-نۇمۇرلۇق ئۇقتۇرۇش

ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىگە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە:

ھازىر سىلەرگە « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتۇق. شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سۇرايمىز. ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانداق مەسلە كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا نازارىتىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام باشقارمىسى بىلەن ئالاقېلىشىشڭىزلارنى سۇرايمىز.

2002-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى

1-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت قۇشۇنىنىڭ سىياسى، كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئەخلەق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ «قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» گە ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت قۇشۇنىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر دەرىجخلىك ئەدلىيە مەمۇرى ئورگانلار ۋە ئاساى قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى چۇقۇم رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۈڭۈل قۇيۇپ تەشكىللەپ، مۇكەممەل ھەم قاتتىق بولغان مەسئۇليەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

3-ماددا ۋىلايەت، ئوبلاست ( شەھەر) لىك ئەدلىيە ئىدارىسى شۇ رايۇندىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ، تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم يولغا قۇيۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەر يىللىق تەربىيلەش مەزمۇنى، تەربىيلەيدىغان ئادەم سانى، تەربىيلەش خىزمەت پىلانىنى شۇ يىلى بىرىنچى پەسىلدە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام باشقارمىسىغا يوللاش كېرەك.

ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى چۇقۇم ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئەدلىيە مەمۇرى تارماقلىرى بېكىتكەن تەربىيلەش خىزمەت پىلانىنى قاتتىق ئىجر اقىلىشى كېرەك.

4-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەش كەسپى ئارخىۋى ھەم تىزىملاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەدلىيە نازارىتى ئاساسىي قاتلام باشقارمىسى «ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيلەشنى تىزىملاش كارتىسى»نى بىر تۇتاش باستۇرىدۇ.

5-ماددا ھەر بىر ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىسى ھەر بىر رۇيخەتكە ئېلىش يىلى ئىچىدە چۇقۇم 20 سائەتتىن كام بولمىغان تەربىيلەشكە قاتنىشىشى كېرەك.

6-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت تەربىيلىشىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى تۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرنى ياكى بى رقانچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) يېڭى ئېلان قىلىنغان قانۇن بەلگىلىمىلەر (ئەدلىيلىك ئىزاھاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

(2) ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا قاتارلىق تۈرلەردىكى كەسپىي بىلىملەر؛

(3) كومپىيوتېر بىلىملىرى؛

(4) ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشتىكى بەلگىلمە ھەمدە قېلىپلاشقان ھۆججەت؛ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپى ئەخلاق ۋە كەسپى ئىنتىزام قائىدىسى شۇنىڭدەك قېلىپلاشقان ھۆججەتلەر.

7-ماددا ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ھەر بىر رۇيخەتكە ئېلىش يىلى ئىچىدە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا تەربىيلەشتىن ئۆتتى دەپ قارىلىدۇ:

(1) ھەر خىل تۈردىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەربىيلەش سىنىپى، مۇھاكىمە سىنىپى، بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى، ئىلمىي لېكسىيە، ئىلىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۆگنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋاقتى 10 كۈندىن ئارتۇق بولغان ھەمدە ئۇقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن بولسا؛

(2) ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كورس (مەخسۇس كورسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىن يۇقىرى بولغان ئۇقۇش تارىخى خاراكتېرىدىكى ئۆگنىشكە قاتناشقان بولسا:

(3) ھەر خىل تۈردىكى ئالىي مەكتەپ ھەمدە ئىجتىمائى كۈچلەر ئاچقان مەكتەپلەر ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل غەيرىئۇقۇش تارىخى خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، ئۆگىنىش مەزمۇنى مۇشۇ چارىنىڭ 5-ماددىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئۈگىنىلەرگە قاتناشقان بولۇپ، ئۆگنىش ۋاقتى 20 سائەتتىن يوقرى بولغان ھەمدە ئۇقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن بولسا.

8-ماددا ھەر قايسى ئەدلىيە پونكتلىرى قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قانۇن كەسپىي بىلىملىرىنى تىرشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈپ، 5 يىل ئىچىدە قانۇن كەسپىدە ئالىي تېخنىكوم سەۋيىسىگە يىتىشىگە ئىلھام بىرىشى كېرەك.

9-ماددا يېڭىدىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى شۇ يىلدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيلىشىگە قاتناشقان بولسا، شۇ يىلى تەكشۈرۈلمەيدۇ.

10-ماددا ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) دە تۇرۇشلۇق ۋىلايەت ھەم شەھەر (ناھيە) لىك ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلمە بۇيىچە تەربىيلەشكە قاتناشمىغان بولسا، تەربىيلەشكە قاتناشمىغان يىلىدىن كېيىنكى رۇيخەتكە ئېلىش يىلى ئىچىدە رۇيخەتكە ئېلىشقا ياكى كېچىكتۈرۈپ رۇيخەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ؛ باشقا ناھيەلەردىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ھەر ئىككى يىل ئىچىدە 40 سائەتتىن كام بولمىغان تەربىيلەشنى ئورۇنلىسا بولىدۇ، تەربىيلەشكە قاتناشمىغانلارنى كېيىنكى رۇيخەتكە ئېلىش يىلى ئىچىدە رۇيخەتكە ئېلىشقا ياكى كېچىكتۈرۈپ رۇيخەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ.

11-ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام باشقارمىسى مەسئۇل بولىدۇ.

12-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#