- سەقەنقۇر (خام دورا)
- سەقەنقۇر (سۇ جانلىقى )
سەقەنقۇر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەقەنقۇرسەقەنقۇر بولسا سەقەنقۇر ئائىلىسىدىكى ھايۋانات سەقەنقۇرنىڭ پۈتۈن تېنى بولۇپ، يېرىم ئايسىمان بولىدۇ. پۈتۈن تېنى توغرىسىغا كەتكەن 11 دانە بوغۇم بولىدۇ، بېشى ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ، رەڭگى كۇلرەڭ، تىرىك ۋاقىتتا سارغۇچ، تۇزلۇق، غەيرى پۇراقلىق كېلىدۇ.8 – 9 – ئايلاردا ئەڭ كۆپ بولىدۇ، تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىچكى ئەزالارنى چىقىرىۋېتىپ يىغۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلىرىدىن، شۇنىڭدەك مىسىر، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
باھ، بۆرەك، مۇسكۇل ۋە پەينى قۇۋۋەتلەش،ئاغرىق پەسەيتىش، جىنسي ئەزانى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش،جىنسي ئىنتىلىشنى كۈچەيتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش.
سەقەنقۇر تېنى تەركىبىدە ناتىرى (Na )، كالى (K ) ، ماگىنى (Mg )، كالتىسى (Ca )، تۇمۇر (Fe )، مانگان) Mn )، قاتارلىق 12 خىل ئىلمىنت، ئاقسىل، ماي، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئاز مىقداردا فوسفۇرلۇق ماي تەركىبىمۇ بار.
سەقەنقۇر1. سەقەنقۇرنى ھەسەل ۋە ئەدەس بىلەن قاينىتىپ ياكى ئۈزۈم شەربىتى بىلەن ئىللىتىلغان تۇخۇم سېرىقى ۋە گۇلاپ بىلەن بىرگە يەپ بەرسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2.سەقەنقۇرنىڭ بېشىنى ،يېغىنى،تۇزنى دارچىن بىلەن يۇمشاق سوقۇپ،ئىللىتىلغان تۇخۇم سېرىقى بىلەن قوشۇپ ئىچسە،باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3.سەقەنقۇر قېنىنى ھېلىلە ، ئامىلە بىلەن قوشۇپ يىسە ئاق كىسەلگە پايدا قىلىدۇ.
4.سەقەنقۇردىن بىر جۈپ تۇتۇپ،ئوتتا قۇرۇتۇپ،تالقانلاپ،ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 گىرامدىن، ئىسسىتىلغان ھاراق بىلەن ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تۇغماس ئاياللارنىڭ قۇرساق كۆتۈرۈپ تۇغۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
5. سەقەنقۇر، سېرىق چىچەك ئۇرۇقى، ئارپا بېدىيان، لاچىندانىلارنى 15 گىرامدىن ئېلىپ چالا سوقۇپ، بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ، كۇندە ئىككى ۋاق يەپ بەرسە، پالەچ،لەقۋا، ئىستىرخا قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
مەجۇنى سەقەنقۇر، ھەببى سەقەنقۇر
پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، باھ ئاجىزلىقى، چوڭ – كىچىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.