قۇياش

قۇياش بولسا سامانيولى سىستېمىسىدىكى بىر ئاددىي تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، تەركىبىدە زور مىقداردا ھىدروگېن ئېلېمېنتى بار، ھىدروگېن ئاتوم يادروسىنىڭ توختىماستىن رېئاكسىيە پەيدا قىلىش نەتىجىسىدە، قۇياش ئۆزىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قۇياش
تۈرى تۇرغۇن يۇلتۇز
سىرتقى يۈز تېمپېراتۇرسى 5770K
خەنزۇچە نامى 太阳
چەتئەلچە نامى Sun

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇياشقۇياش بەئەينى قۇياش سىستېمىسىنىڭ «ئائىلە باشلىقى» دەك، ئۆزىنىڭ نۇرى ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، كىشىلەر قۇياشنىڭ نېمە ئۈچۈن توختاۋسىز رەۋشتە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغانىدى. قەدىمكى گرېتسىيىدە بىر پەيلاسوپ، قۇياش بولسا دىئامېتىرى تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئۆزىدىن نۇر تارقىتىدىغان غايەت زور بىر تاشتىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئەمما ئەينى چاغدىكى كىشىلەر قۇياش قارىماققا ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى پەيلاسوپ مۇشۇ تۈپەيلى سۈرگۈن قىلىنىشقا ئۇچرىغان يەنە بەزىلەر قۇياشنى بىر لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان «چوڭ كۆمۈر شارى» دەپ قارىغان. ئەمما ئالىملار قۇياشتەك چوڭلۇقتىكى كۆمۈر شارى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ كۆپ بولغاندا 1500 يىل يانالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. بىزگە مەلۇمكى، قۇياشنىڭ ئالەمدە يېنىۋاتقىنىغا 5 مىليار يىل بولدى! 

ئۇنداقتا، قۇياش تارقىتىۋاتقان يورۇقلۇق بىلەن ئىسسىقلىق قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەسلىدە، قۇياش ئىنتايىن قىزىق گاز شارى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناھايىتى نۇرغۇن ھىدروگېن ئېلېمېنتى بار. قوياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 15-20 مىليون سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ئۇ يەردە ھىدروگېن ئاتوم يادرولىرى ئۆز ئارا ئىنتايىن كۈچلۈك سوقۇلۇپ، گېلىي ئاتوم يادولىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال خۇددى ھىدروگېن بومبىسى پارتلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، ھىدروگېن يادرولىرىنىڭ بىرىكىش رېئاكسىيىسى نەتىجىسىدە غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئېنېرگىيە قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىن سىرتقى يۈزىگە يېتىپ كېلىدۇ ھەمدە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق شەكلىدە ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ، يەر شارى ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە بۇ ئېنېرگىيىنىڭ ئارانلا 2.2 مىلياردتىن بىرىگە باراۋەر كېلىدۇ.

ئالىملارنىڭ ھېسابلىشىچە، قۇياشتىكى ھىدروگېن قۇياشنىڭ يەنە 5 مىليارد يىل يېنىشىغا يېتىدىكەن! 

قۇياشنىڭ بارلىققا كېلشىقۇياش بىز ياشاۋاتقان يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، ئۇ تارقاتقان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى قامدايدۇ. قۇياش بولمىغان بولسا، يەر شارى قاراڭغۇ ھەم سوغۇق بىر دۇنياغا ئايلىنىپ قالغان، يەر شارىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە ئىنسانلار ياشاشقا ئامالسىز قالغان بولاتتى. ئۇنداقتا، قۇياش قاچان، قانداق بارلىققا كەلگەن؟

تەخمىنەن 5 مىليار يىل ئىلگىرى، سامانيولى سىستېمىسىدىكى غايەت زور يۇلتۇزلار ئارا بۇلۇت پارچىلىنىپ، نۇرغۇن كىچىك تۇمانلىقلار شەكىللەنگەن. بۇ كىچىك تۇمانلىقلار گوياكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ «بۆشۈكى» گە ئوخشاش، ساناقسىز تۇرغۇن يۇلتۇز «بوۋاق» لارنى بېقىپ ئۆستۈرگەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىچىك تۇمانلىق قۇياشنى بېقىپ ئۆستۈرگەن. بۇ كىچىك تۇمانلىقنىڭ ھەجىمى ھازىرقى قۇياش سىستېمىسىڭكىدىنمۇ بىر قاچە ئون مىڭ ھەسسە چوڭ بولۇپ، ئاسترونوملار ئۇنى «ئىپتىدائىي تۇمانلىق» دەپ ئاتايدۇ. 

بۇ ئىپتىدائىي تۇمانلىق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلغان، چۆرگىلىگەن، بۇ جەرياندا تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن. كېيىن، بۇ ئىپتىدائىي تۇمانلىقتىكى كۆپ قېتىم ماددىلار بارا-بارا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىلغان، بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ھەممىدىن يۇقىرى بولغان، نەتىجىدە قۇياش مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. ھازىر ئالىملار قۇياش ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن 2 × 10 نىڭ 27 ىنچى دەرىجىسى توننا بولۇپ، پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىنىڭكىنىڭ تەخمىنەن 99.9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى.

قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەرمۇ ئاشۇ چاغدا شەكىللەنگەن. تۇمانلىق قۇرۇلۇش داۋامىدا، ئەتراپىدىكى ماددىلار ئۆز ئارا تارتىشقان، سوقۇلغان، بەزىدە چوڭراق كاللەك بولۇپ ئۇيۇشۇپ، «سەييارىچاق» لارنى شەكىللەندۈرگەن. چوڭراق سەييارىچاقلار تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ يەر شارىغا ئوخشاش سەييارىلەرگە ئايلانغان.

قۇياشنىڭ ھالاك بۇلشىبىزگە مەلۇمكى، قۇياشنىڭ ئالامدە لاۋۇلداپ يېنىۋاتقىنىغا 5 مىلىيارد يىل بولدى. ئۇنداقتا، قۇياش ھالاك بولامدۇ؟ ئاسترونوملارنىڭ نەزىرىدە، تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ يېشى بولىدۇ. بىراق بىر دانە تۇرغۇن يۇلتۇز بارلىققا كېلىشتىن ھالاك بولۇشقىچە بىر قانچە مىليون يىل، ھەتتا بىر قانچە مىليارد يىل «ئۇزۇن ئۆمۈر» كۆرىدۇ.

قۇياش بولسا سامانيولى سىستېمىسىدىكى بىر ئاددىي تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، ھازىر دەل كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان «ئوتتۇرا ياشلىق» مەزگىلىدە تۇرماقتا. قۇياش تەركىبىدە زور مىقداردا ھىدروگېن ئېلېمېنتى بار، ھىدروگېن ئاتوم يادروسىنىڭ توختىماستىن رېئاكسىيە پەيدا قىلىش نەتىجىسىدە، قۇياش ئۆزىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىپ تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە، قۇياشتىكى ھىدروگېن ئېلېمېنتى قۇياشنىڭ يەنە 5 مىليارد يىل يېنىشىغا يېتىدىكەن. ئۇنداقتا، يەنە 5 مىليارد يىل ئۆتكەندىن كېيىن قۇياشنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟

ئۇ چاغدا، قۇياشنىڭ ھەجىمى كېڭىيىپ، ئەسلىدىكىسىدىن بىر قانچە مىڭ ھەسسە يوغىنايدۇ-دە، ئۇ بىر دانە قىزىل گىگانىت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. قىزىل گىگانتى يۇلتۇز باسقۇچى ئارقىلىق، قۇياش «ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى» گە كىرىدۇ. بۇ باسقۇچتا قۇياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسىدە دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، بەكمۇ تۇراقسىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئارقىدىنلا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭدىكى جىسىملار توختىماستىن سىرتقا ئېتىلىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇياش بارلىق ئېنېرگىيىسىنى بارغانسېرى تېز خورىتىپ تۈگىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا كۈچلۈك ھالدا قورۇلۇپ، ئۇ بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ.

قۇياش ھالاك بولغان چاغدا، يەر شارى ئاللىقاچان يوقالغان بولىدۇ. ئېھتىمال، ئۇ چاغلاردا ئىنسانلار تېخىمۇ يۈكسەك مەدەنىيلىككە ئىگە بولۇپ، يۇلتۇزلار ئارا قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالەمنىڭ باشقا بىر يېرىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل ماكانىنى قۇرۇپ چىقار.

قۇياشقۇياش دېغى مەملىكتىمىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن بايقالغان، يىن-شاڭ دەۋرىدىكى چىغىناق تاغاق پۈتۈكلەردە قۇياش دېغىغا دائىر خاتىرىلەر بار. يېغىلىق دەۋرى ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ قۇياش دېغىغا دائىر نۇرغۇن خاتىرىلەر بار. «خەننامە» نىڭ 27-جىلىدىدىكى بەش كەسىپ تەزكىرىسىدە: «خېپىڭنىڭ 1-يىلى. . . . 3-ئاينىڭ 2-ئون كۈنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە قۇياش سېرىق چىقتى. چوڭلۇقى بارماقچىلىك كېلىدىغان قارا گاز قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى» دەپ يېزىلغان. بۇ قۇياش دېغى توغرىسىدا جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە ھېسابلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدە قۇياش دېغى توغرىسىدا دۇنيا بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىلەر بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، خاتىرە ئىنتايىن تەپسىلىي يېزىلغان. خەن سۇلالىسى خېپىڭنىڭ 1-يىلىدىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر قۇياش دېغى توغرىسىدا جەمئىي 100 قېتىمدىن ئارتۇق خاتىرە يېزىلغان. بۇ خاتىرىلەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق، ئونىڭ ئۈستىگە داغنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى ھەتتا ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى كۆرسىتىلگەن. بۇلار قۇياش دېغىنىڭ ھەركىتى ۋە ئۇنىڭ يەرشارىغا بولغان تەسىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىريال بىلەن تەمىنلىدى. 

قۇياشئاسترونوملار قۇياشنى كۆزەتكەندە، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە شەكلى گۈرۈچ دانىچىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن داغلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇرلانى «گۈرۈچ توقۇلما» دەپ ئاتىغان. گۈرۈچ توقۇلمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى «گۈرۈچ دانىچىلىرى» ئارىسىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن 300 نەچچە گرادۇس يۇقىرى، شۇڭا يورۇق «گۈرۈچ دانىچىلىرى» ئارىسىدا بەزى غۇۋا سىزىقلار بار.

بۇ «گۈرۈچ دانىچىلىرى» رەتسىز كۆپ تەرەپلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، دىئامېتىرى 700-1800 كىلومېتىر ئارىلىقىدا. مۇشۇنداق چوڭ «گۈرۈچ دانىچىلىرى» قانداق شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە يورۇق «گۈرۈچ دانىچىلىرى» قۇياش يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسسىق گاز ئېقىمى بولۇپ، گاز ئېقىمى تۈۋرۈكلىرىنىڭ چوققىسى دەل بىز كۆرگەن «گۈرۈچ دانىچىلىرى» دىن ئىبارەت. ئىسسىق گاز ئېقىمى بەلگىلىك ئېگىزلىككە ئۆرلىگەندە، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، «گۈرۈچ دانىچىلىرى» ئارىسىدىكى يوچۇقلارنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ. مانا بۇ «گۈرۈچ دانىچىلىرى» بىلەن «گۈرۈچ دانىچىلىرى» ئارىسىدىكى غۇۋا سىزىقلاردۇر. قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىرلا ۋاقىتتا تەخمىنەن 4 مىليون تال «گۈرۈچ دانىچىلىرى» مەۋجۇت بولىدۇ. ھەر بىر «گۈرۈچ دانىچىلىرى» نىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، شەكىللىنىشتىن يوقىلىشقىچە بىر نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ، ئايرىمىلىرىنىڭ ئۆمرى 15 مىنۇتقا يېتىدۇ. 

قىزىقارلىقى شۇكى، كونا «گۈرۈچ دانىچىلىرى» يوقىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، يەنە ئەسلىدىكى ئورۇندا ناھايىتى تېزلا يېڭى «گۈرۈچ دانىچىلىرى» بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۈرۈچ توقۇلما قارىماققا بەئەينى پورۇقلاپ قايناۋاتقان بىر قازان ئۇماچقا ئوخشىشىدۇ.

قۇياشبىز ياشاۋاتقان يەر شارى قۇياش سىستېمىسىغا «ماكانلاشقان» ، قۇياش سىستېمىسى بولسا بىر «چوڭ ئائىلە» دۇر. بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى: قۇياش، توققۇز چوڭ سەييارە، نۇرغۇن كىچىك سەييارىلەر، سەييارىلەرنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تەبىئىي ھەمراھلار ھەمدە ئالەمدە «سەرگەردان» بولۇپ يۈرىدىغان ئاقار يۇلتۇزلار ۋە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا، قۇياش سىستېمىسى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ چوڭلۇق جەھەتتە يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاسترونوملار مۇشۇنچىۋالا ئۇزۇن ئارىلىقنى «1 ئاسترونومىيە بىرلىكى» دەپ ئاتايدۇ. يەر شارى ئوربىتىسىنىڭ سىرتىدا يەنە مارىس، يۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران، نېپتون ۋە پلۇتون بار. قۇياشتىن ئەڭ يىراقتىكىسى پلۇتون بولۇپ، پلۇتون بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 40 ئاسترونومىيە بىرلىكىگە تەڭ. قۇياشتىن تارقالغان نۇرنىڭ پلۇتونغا چۈشۈشىگە تەخمىنەن بەش يېرىم سائەت كېتىدۇ. ئەمما پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىنى تېخى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى دەپ قارىغلى بولمايدۇ. قۇياش سىستېمىسىدا يەنە بەزى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار بار، ئۇلار قۇياشتىن يىراقلاشقاندا، پلۇتوننىڭ ئوربىتىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قانچە يۈز مىليار كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى قەيەردە؟

گوللاندىيە ئاسترونومىيە ئالىمى ئولتېر: قۇياش سىستېىسىنىڭ چۆرىسىنى، قۇياشتىن تەخمىنەن 150 مىڭ ئاسترونومىيە بىرلىكى يىراقلىقتىكى جايدا، بىر قەۋەت شار شەكلىدىكى «ئىپتىدائىي تۇمانلىق» دەپ ئاتىلىدىغان ماددا ئوراپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ «ئولتېر تۇمانلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار دەل مۇشۇ يەردىكى «ئىپتىدائىي تۇمانلىق» تىكى ماددىلاردىن شەكىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئولتېر تۇمانلىقى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ «ئانا يۇرتى» بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدۇر.

قۇياشئېلېمېنت دېگىنىمىز خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنى كۆرستىدۇ، مەسىلەن، ئوكسىگېن ئېلېمېنتى، تۆمۈر ئېلېمېنتى، كاربون ئېلېمېنتى قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، «قۇياش ئېلېمېنتى» دېگەن نېمە؟ قۇياش ئېلېمېنتى دېگەندە، خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ئېلېمېنت گېلىي كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

گېلىينىڭ قۇياش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ قۇياشتا ھەممىدىن مول ئېلېمېنت ھىدروگېن، ئۇنىڭدىن قالسا گېلىيدۇر. ئەمما گېلىي ئېلېمېنتىنى ئالىملار ئەڭ باشتا قۇياشتا بايقىغان.

1868-يىل 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيىلىك ئالىم جېنسېن كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنى كۆزىتىۋېتىپ، قۇياش ئۆسۈكىنىڭ سپېكترىدا بىر تال يورۇق سېرىق سىزىق بارلىقىنى، بۇ سېرىق سىزىقنىڭ يەر شارىدا بايقالغان ئېلېمېنتلار سپېكترىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئىنچىكىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق، جېنسېن بۇ سېرىق سىزىق قۇياشتا يەر شارىدا مەۋجۇت ئەمەس. بىر خىل ئالاھىدە ئېلېمېنت بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى «قۇياش ئېلېمېنتى» دەپ ئاتايدۇ.

كىشىلەرنىڭ يەر شارىدا «قۇياش ئېلېمېنتى» نى تېپىشى شۇنىڭدىن 27 يىل كېيىنكى ئىش. 1895-يىلى ئەنگىلىيىىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى رامساي ئىتتىرىي-ئۇران كېنىدا ھاسىل بولىدىغان گازنى ئۆلچەۋاتقاندا، گاز سپېكترىدا چۈشىنىكسىز بىر تال سېرىق سىزىق تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ چاغدا رامساي بىردىنلا قۇياشسپېكترىدىكى ھېلىقى سېرىق سىزىقنى ئېسىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئىتتىرىي-ئۇران كېنىدا ھەقىقەتەن «قۇياش ئېلېمېنتى» -گېلىي مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. [0]

قۇياش ھالاك بۇلامدۇ؟

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#