رېنتگېن دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. رېنتگېن (X نۇرىنى بايقىغۇچى)
  2. رېنتگېن (رېنتگېن نۇرى ۋە رەسىمى)
X نۇرىنى بايقىغۇچى

رېنتگېن

رېنتگېن

X نۇرىنى بايقىغۇچى رېنتگېن 1845-يىلى گېرمانىيە نىڭ لۇنېبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. سيۇرىھ مېدىتسىنا پەنلىرىدىن دېپلوم ئالغان. شۇندىن كېيىنكى 19 يىل ئىچىدە، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتىلاردا ئىشلەپ، مۇنەۋۋەر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن نامى چىققان. 1888-يىلى ۋۇرزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى رېنتگېن
باشقا نامى Wilhelm Konrad Rontgen
يۇرتى لۇنېبۇرگ شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1923-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 威廉·康拉德·伦琴
دۆلەت تەۋەلىكى گىرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1845-يىلى
كەسپى فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رېنتگېنX نۇرىنى بايقىغۇچى رېنتگېن 1845-يىلى گېرمانىيە نىڭ لۇنېبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. سيۇرىھ مېدىتسىنا پەنلىرىدىن دېپلوم ئالغان. شۇندىن كېيىنكى 19 يىل ئىچىدە، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتىلاردا ئىشلەپ، مۇنەۋۋەر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن نامى چىققان. 1888-يىلى ۋۇرزبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان. بۇ يەردە كەشپىيات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ شۆھرەت قازانغان. 

1895-يىلى، رېنتگېن كاتود نۇرى لامپىسىغا ئېلېكتر ئېقىمى ئۆتكۈزۈش تەجرىبىسى ئىشلەۋاتقاندا، لامپىدىن توك ئۆتكەندە يېقىن جايدا تۇرغان بىر پارچە بارىي سىئانوپلاتىنتنىڭ يورۇقلۇق چىقارغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن: كاتود نۇرلىرى (ئېلېكترون) ئەينەك نەيچىنىڭ دىۋارىغا ئۇرۇلغاندا بىر خىل نامەلۇم نۇر ھاسىل بولۇپ، ئۆي يەنىمۇ ئىلگرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىش ئارقىلىق ھەر خىل ماددىلار ئىچىدە قەغەز، ياغاچ ۋە ئاليۇمىنلارنىڭ بۇ خىل رادىئاتسىيىسى سۈزۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ نۇرنىڭ سۈرەت فىليونكىسىغىمۇ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما ئۇنىڭدا يورۇقلۇقنىڭ ھەر قانداق ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن، قايتىش ۋە سۇنۇشلار ئانچە روشەن ئىپادىلەنمىگەنلىكتىن، بۇ خىل نۇرنى خاتا ھالدا يورۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىغان. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى ئېنىقلانمىغانلىقتىن رېنتگېن بۇ ھادىسىنى X نۇرى دەپ ئاتىغان. X ئالگبېرادا نامەلۇم سانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رېنتگېنرېنتىگېن بۇ نەتىجىسىدىن ھاياجىنىنى باسالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا تەتقىقات تېمىلىرىنى قويۇپ قويۇپ، X نۇرىنىڭ ئالاھىدىكىلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بايقايدۇ: 

1. X نۇرىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ماددىلار نۇر چىقىرىدۇ. 

2. X نۇرى قارا رەڭلىك ماددىلارنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. رېنتېگېن X نۇرىنىڭ ئادەمنىڭ مۇسكۇلىنى تېشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما سۆڭەكتىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ قولىنى كاتود نۇرلۇق لامپا بىلەن يورۇقلۇق چىقىرىدىغان توساق ئارىلىقىغا قويغاندا سۆڭەك كۆلەڭگىسىنىڭ توساققا چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن.

3. X نۇرى تۈز سىزىق ھالىتىدە ئىلگىرىلەيدۇ. 

1895-يىلى رېنتگېن X نۇرى توغرىسىدىكى تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. رېنتگېننىڭ ئىلمىي ماقالىسى كىشلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا نۇرغۇن ئالىملار X نۇرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. بىر يىل ئىچىدە X نۇرى ھەققىدە 1000 پارچىگە يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ.

بېككىرىل X نۇرى تەتقىقاتىدا ئالدىنقى قاتاردا ماڭغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى تېخىمۇ مۇھىم ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئىلىم-پەن كەشپىياتلىرى ئۆز ئارا قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ. 

X نۇرىنى بايقاشتىكى شۆھرەت رېنتگېنگە مەنسۇپ بولۇشى لازىم. ئۇ ئۆزى تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا تاسادىپىي بايقاپ قالغان، كېيىن داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 

رېنتگېن ئۆيلەنگەن، لېكىن پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن بىر قىز بېقىۋالغان. 1901-يىلى، رېنتگېن تۇنجى بولۇپ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1923-يىلى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ۋاپات بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    77.8%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    11.1%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    11.1%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#