قۇربان توڭغۇت چۆللۈكىدىكى سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ئورمانلىق

قۇربانتۇڭغۇت چۆللۈكىدىكى سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ئورمانلىقى

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قۇربان توڭغۇت چۆللۈكىدىكى سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ئورمانلىقى كۆلەم ياكى مىقدار جەھەتتىن بولسۇن دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئامرىكا يىلوۋستون دۆلەت باغچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى ئىنتايىن ئەتىۋارلىق تەبىئىي مىراسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مورى ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى ۋە جىمىسار ناھىيەسى دە سىلىتسىيلاشقان ياغاچ يەنە ياغاچ تاش دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قەدىمدە تاش دەرەخ دېيىلگەن.

تاش جىلغىنىڭ كۆلىمى 1.6 كۋادىرات كىلومېتىر، ھازىرغىچە ساقلانغان سىلىتسىيلاشقان ياغاچ تاش 1000 تۈپكە يىقىن. بۇ تاش دەرەخلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاللىقاچان يىقىلىپ توپىغا پېتىپ كەتكەن، شۇنداقلا پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن، پەقەت 10 تۈپىلا ئەسلىدىكى ئۆرە ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. بۇ يەرنىڭ تاشقى كۆرۇنىشى خۇددى ئەمدىلا كىسىۋىتىلگەن ئىپتىدائىي ئورمانلىقتەكلا كۆرۈنىدىغان، دەرەخ كۆتەكلىرى ئىنتايىن كۆپ، يىقىلغان دەرەخلەر قالايمىقان ھالەتتە چىچىلىپ ياتىدۇ، ھەممىلا يەردە شاخ ۋە يوپۇرماقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەگەر يىقىن بىرىپ كۈزىتىدىغان بولسا دەرەخنىڭ شەكلى يەنىلا بۇرۇنقىدەك، يىل ھالقىلىرىنىمۇ ئېنىق پەرىق ئەتكىلى بولىدۇ؛ قول بىلەن تۇتۇپ باقسا، خۇددى تۆمۈر ياكى تاشنى تۇتقاندەك قاتتىق بىلىنىدۇ. يەنىمۇ ئىنچىكە كۈزەتسە، تاشقا ئايلانغان يوپۇرماقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ يوپۇرماقلارنىڭ ئىنچىكە تومۇرلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. 

بۇ تاش دەرەخلەرنىڭ ئېگىز-پەسلىكى بىردەك ئەمەس. ئەڭ پاكىرى ئاران تۆت-بەش مېتىرلا، ئەڭ ئېگىزى بولسا 30 مېتىردىن ئېگىزرەك. 

بۇنىڭدىن 30000 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا كەلگەندە، شىمالىي تەڭرىتېغىنىڭ شەرقى قىسمىدا كۆتۇرۇلۇش يۈز بەرگەن، ھەمدە ئەتراپتىكى يەر پوستىمۇ مۇشىنىڭ بىلەن تەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاۋا كىلىماتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ ، شىنجاڭدا ھازىرقىدەك قۇرغاق ھاۋا رايى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. كۈچلۈك شامال ۋە سۇنىڭ يالىشى نەتىجىسىدە دەرەخلەردىكى سىلىتسىيلاشقان ياغاچ بىلەن ئورالغان قەۋەت ئۇپراپ كەتكەن، شۇنداق قىلىپ 100 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرىكى كۆز يەتكۈسىز ئورمانلىق تاشقا ئايلانغان ھالەتتە قايتىدىن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغان.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قۇربان توڭغۇت چۆللۈكىدىكى سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ئورمانلىقى كۆلەم ياكى مىقدار جەھەتتىن بولسۇن دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئامرىكا يىلوۋستون دۆلەت باغچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى ئىنتايىن ئەتىۋارلىق تەبىئىي مىراسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#