ۋۇۋېي
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋۇۋېي گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدە لياڭجۇ دەپ ئاتالغان. ئالتە سۇلالە دەۋرىدىكى ئالدىنقى لياڭ، كېيىنكى لياڭ، جەنۇبىي لياڭ، شىمالىي لياڭ پادىشاھلىقلىرى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دالياڭ پادىشاھلىقى بۇ يەرنى پايتەخت قىلغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ۋىلايەت، ئايماق مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولغان. قەدىمكى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى مۇھىم جاي، «يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ» بولغان، بىر مەزگىل شىمالنىڭ بۇددا دىنى مەركىزى بولغان. داڭلىق لياڭجۇ نەزمىسى، ئەلنەغمىسى، لياڭجۇ غەربىي لياڭ مۇزىكىسى، ئايال چالغۇچىلار بۇ يەردە بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان.
جۇڭگو 3 - چوڭ شەھىرى ، بىر مەھەل غەربىي شىمال ھەربىي ، مەمۇرىي مەركىزى ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت مەركىزى ، ۋە « جۇڭگونىڭ ساياھەت ئاستانىسى » ، « ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېۋەتكەن شەھەر » ، « جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى » ، « جۇڭگونىڭ ئۈزۈم ھارىقى شەھىرى » ، « جۇڭگۇ ئۈزۈم ھارىقى يۇرتى » ۋە « جۇڭگونىڭ ئادەمگىياھ مېۋىسىنى ماكانى » قاتارلىق دېگەن كاتتا نامى بار .
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن خۇاڭنياڭنياڭ(خانىش) راۋىقى، يېڭى تاش قوراللار مەدەنىيىتى خارابىسى، تاڭ سۇلالىسىدىكى دايۈن ئىبادەتخانىسىنىڭ مىس قوڭغۇرىقى، خەيساڭ ئىبادەتخانىسى، لوشې مۇنارى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، قوڭغۇراق مۇنارى، لېيتەي راۋىقى ۋە ئابىدىسى قاتارلىقلار بار. لېيتەيدىكى خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقىدىن چىققان مىستىن ياسالغان چېپىپ كېتىۋاتقان ئات ھەيكىلى دۆلەتنىڭ قىممەتلىك ئاسارئەتىقە بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ
ۋۇۋېي كەسپى ئىنىستۇتى2013 - ۋۇۋېي ھەر قايسى مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى 1098 گە يىتىپ ، 2012 - يىلدىكىدىن 14 ى كۈپەيگەن ، مەكتەپتىكى ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇغۇچىلار 312042 نەپەر، 43192 ئازايغان . بۇنىڭ ئىچىدە : كەسپىي ئالىي مەكتەپ 4 ، ئوقۇغۇچىسى 16 مىڭ ئۇقۇغۇچى ، 1078 كىشى كۆپەيگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ 19 ، ئوقۇغۇچىسى 17258 نەپەر، 109 ئادەم ئازايغان .
ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى بىر ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 24 ، ئوقۇغۇچىسى 54800 نەپەر ، 2470 ئازايغان ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 119، ئوقۇغۇچىسى 69632 نەپەر ، 15841 ئازايغان 735 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىسى 152 ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى 2 ، 17 ئازايغان ، ئوقۇغۇچىسى 111605نەپەر ، 26630 ئازايغان بالىلار باغچىسى 196 بولۇپ ، 30 كۆپەيگەن ، باغچىدىكى بالا 42044 نەپەر ، 780 كۈپەيگەن . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ، تۇراقلاشقان . ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن .
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 9 ، مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى % 99.97 بولغان ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبىتى % 99.98 بولدى . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى 90.44% بولغان ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى 99.01% غا يەتكەن .
2010 - يىلى ئورمان كۆلىمى 757.96 تۈمەن مو ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 12.06 پىرسەنت بولغان .
ۋۇۋېيدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس ،تېرىلغۇ يەرنى مو بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى مىقدارى 220 كۇب مېتىر بۇلۇپ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ مالنىڭ 1 / 3 ۋە مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن بولغان ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ قۇرغاق ، سۇ قىس رايونلارنىڭ بىرى .
2013 - يىلى ۋۇۋېي ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 381.18 مىليون يۈەن بولۇپ ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ، 2011 - يىلىدىكىدىن % 12.8 ئاشقانبۇنىڭ ئىچىدە 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى <89.2 مىليون يۈەن ، 6.83 پىرسەنت ئاشقان 2 كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 166.17 مىليون يۈەن ، % 16.4 ئاشقان .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.