پلانك

پلانك 1858-يىلى، گېرمانىيە نىڭ كىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، بېرلىن داشۆسى ۋە مىيۇنخىن داشۆسىدە ئۇقۇغان. 21 يېشىدىلا مىيۇنخىن داشۆسىدە فىزىكا پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى پلانك
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1947-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 马克斯·普朗克
تۇغۇلغان ۋاقتى 1858-يىلى
كەسپى فىزىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پلانك1900-يىلى 12-ئايدا، گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى(يەنى يورۇقلۇق دولقۇن ئېنېرگىيىسى) ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان سۇيۇر ھالىتىدە ئىلگىرىلىمەستىن بەلكى «كۋانت» نىڭ تەۋرىنىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت ئىلىم-پەن دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان مەردانە تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مانا بۇ مەشھۇر «كۋانت ئىلمىي پەرىزى» دۇر. ئۇ كلاسسىك فىزىكىنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئېلېكتر سوقۇلۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەرگە قارشى تۇرۇپ، فىزىكا ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلاپ بەردى. ماددا ۋە رادىئاتسىيىسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە چوڭقۇر، ئوبرازلىق تەسۋىر بىلەن تەمىن ئەتتى.

پلانك 1858-يىلى، گېرمانىيىنىڭ كىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، بېرلىن داشۆسى ۋە مىيۇنخىن داشۆسىدە ئۇقۇغان. 21 يېشىدىلا مىيۇنخىن داشۆسىدە فىزىكا پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ مىيونخىن داشۆسىدە بىر مەزگىل ئىشلەپ، كېيىن تاكى 1928-يىلى 70 يېشىدا پېنسىيىگە چىققۇچە بېرلىن داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

پلانىك «قارا جىسىم رادىئاتسىيىسى» گە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى. «قارا جىسىم رادىئاتسىيىسى» دېگەن نامنى پلانك قارا رەڭلىك جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغاندا نۇر چىقىرىدىغانلىقىغا ئاساسەن قويغان(قارا رەڭلىك جىسىم ھېچقانداق نۇرنى قايتۇرمايدىغان، بەلكى ئۆزىگە چۈشكەن بارلىق نۇرلارنى سۈمۈرۈۋالىدىغان جىسىملارنى كۆرسىتىدۇ) . 

پلانكتەجرىبە فىزىكىسى ئالىملىرى بۇ خىل قارا جىسىملار چىقىرىدىغان رادىئاتسىيە نۇرلىرى ھەققىدە ئىنچىكە ئۆلچەشلەرنى ئېلىپ بارغان. پلانىكنىڭ تۆھپىسى شۇكى، ئۇ بىرىنچى بولۇپ بىر تەجرىبە فورمۇلىسى، يەنى پلانىك رادىئاتسىيە فورمۇلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارا جىسىم رادىئاتسىيىسىنى توغرا ھالدا شەرھىلەپ بەردى؛ لېكىن بۇ فورمۇلا ئەينى ۋاقىتتا فىزىكىدا ئېتراپ قىلىنغان قانۇنىيەتلەر بىلەن ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ئىدى. پلانك بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ، ئاخىر بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى نەزەرىيىسىنى تېپىپ چىقتى؛ قارا جىسىمنىڭ مۇئەييەن تېمپېراتۇرىدىكى رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسىنىڭ تارقىلىشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئېنېرگىيە پەقەت مەلۇم بىر ئاساسىي مىقدار(ئېنېرگىيە كۋانتى ياكى تەسىر كۋانتى) نىڭ پۈتۈن ھەسسىلىك سانىنى ئالىدۇ دېگەندىن ئىبارەت پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. پلانىكنىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا يورۇقلۇقنىڭ ئېنېرگىيە كۋۋانتى يورۇقلۇقنىڭ تەۋرىنىش چاستۇتىسى ياكى رەڭگى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شۇنداقلا پلانك h ھەرپى بىلەن ئىپادىلىگەن ئېنېرگىيە كۇۋانتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ھازىر ئۇ «پلانك تۇراقلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نەزەرىيە گەرچە فىزىكىدا ئىلگىرى بار بولغان نەزەرىيىلەر بىلەن ئۆز ئارا زىددىيەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قارا جىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ. 

پلانكپلانىكنىڭ نەزەرىيىسى كلاسسىك فىزىكىنىڭ رامكىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر مەيدان بەس مۇنازىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بەختكە يارىشا پلانىكنىڭ داڭقى بار ئادەم بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنىڭ چىڭلىقى بىلەن بۇ نەزەرىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. دەسلەپتە نۇرغۇن ئالىملار پلانكنىڭ نەزەرىيىسىنى بىر خىل فىزىكىلىق تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت دەپ قاراشقانىدى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كۇۋانت نەزەرىيىسى يورۇقلۇق رادىئاتسىيىسىنى چۈشەندۈرۈشتىلا قوللىنىلىپ قالماستىن، بەلكى ھەر خىل فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى پۈشەندۈرۈشتىمۇ قوللىنىلدى. 1905-يىلى ئېنىشتېيىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ فوتو ئېففېكتىنى چۈشەندۈردى؛ 1913-يىلى ئېينىشتېيىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى چۈشەندۈردى. 

پلانىك نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، كىشىلەر ئاندىن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ يۈزدە-يۈز توغرىلىقىنى، فىزىكىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتى.

پلانك گېرمانىيە ناتسستلار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغان، گىتلېر گېرمانىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە پلانك قىيىن ئەھۋالدا قالغان، ئۇنىڭ ئوغلى گىتلېرغا قارشى مەخپىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 1945-يىلى فاشىستلار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. پلانك 1947-يىلى 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 

كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى 20-ئەسىر فىزىكىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ ئېينىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىنمۇ مۇھىمدۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#