مۇغاللا بازىرى

مۇغاللا بازىرى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى گە جايلاشقان. يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، يەر ئاز بۇلۇش تۈپەيلىدىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەرمۇ ئاز. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا، ھاۋا كېلىماتى ناچار، نۇقتىلىق ياردەم بېرىلدىغان، يۆلەيدىغان، چەت، يىراق، نامرات يېزا-بازارلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى مۇغاللا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى
كىلىماتى قۇرغاق
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ كېرىيە بوستانلىقى تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 木尕拉镇
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 54.47 كۋادىرات كىلومېتىر
رايۇن نۇمۇرى 0903

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېزا رەھبەرلىرىمۇغاللا بازىرى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى گە جايلاشقان. يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، يەر ئاز بۇلۇش تۈپەيلىدىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەرمۇ ئاز. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا، ھاۋا كېلىماتى ناچار، نۇقتىلىق ياردەم بېرىلدىغان، يۆلەيدىغان، چەت، يىراق، نامرات يېزا-بازارلارنىڭ بىرى. مۇغاللا بازىرى شىنجاڭ كېرىيە بوستانلىقى تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 177 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە ئويتاغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى جاي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى يېڭىباغ يېزىسى، جەنۇبتا كۆكيار يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 54.47 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، تۇپرىقى مۇنبەت، بايلىقى مول، شەھەر رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 315-دۆلەت يولىنى شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، كوچىلار غول بولۇپ، كرېست شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. 

سەنئەت پائالىيەتلىرىدېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1420 مېتىر كېلىدۇ، تۆت پەسىل ئېنىق، ھاۋا كىلىماتى ئىللىق، قۇرغاق. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 210 كۈن. ئادەتتە شامال كۈچى 3 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 10 بالغا يېتىدۇ. 

بەيگە مۇسابىقىسىپۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىنىدۇ. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، شال، پاختا قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. چېگرا ئىچىدە ئىھاتە ئورمان بەلبېغى بار، بوستان كەنتىدە بىر تەبىئىي قۇمۇش كۆلى بار، بازارلىق ھۆكۈمەت خادىملارنى تەشكىللەپ قۇمۇش كۆل كولاش ئېلىپ بارغان، يەنە سۈنئىي بېلىق بېقىش كۆلچىكى بار بۇلۇپ، بېلىجان سېلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. 

يېزا تۇرمۇشى بازار ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شارائىتى تېخىمۇ  ياخشىلانغان. 1987-يىلى كېرىيە ناھىيەسى بازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قىسمەن دېھقانلار ئائىلىسىگە تۇرۇبا سۈيى تارتىپ چىقرىلغان؛ 1994-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەر قايسى كەنتلەرگە سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلغان؛ 1997-يىلى ھەر تەرەپلىمە تىرىشچانلىق ئارقىلىق، پۈتۈن بازاردىكى 16 كەنىتكە تىزگىنلەنگەن چاستوتىلىق رادىئو تارتىپ چىقرىلغان؛ 2002-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ھەر قايسى كەنتلەردىكى كىشلەر ئاساسىي جەھەتتىن، پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان ھالەتكە يەتكۈزۈلگەن. يېقىندىن بۇيان شەھەر-بازار ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، بىنا ئۆيلەر رەت-رەت، كوچىلىرى كەڭ، تۈز، شەھەر قۇرۇلۇشى رەتلىكلىشىپ بۇرۇنقى كونا ئۆي چېقىلىپ، يېڭى ئۆيلەر سېلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#