ۋارشاۋا
پولشانىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، پولشىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم دەريا پورتى. ۋارشاۋا ۋىسىۋا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋارشاۋاپولشانىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، پولشىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم دەريا پورتى. ۋارشاۋا ۋىسىۋا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 1 مىليون 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (2010) .ۋارشاۋانىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتى پولشا بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ماشىنىسازلىق سانائىتى، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، نازۇك ماشىنىلار، ستانوك، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن باشقا پولات-تۆمۈر، خىمىيە توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. ۋارشاۋا دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ نەشرىياتچىلىق سانائەت مەركىزى. ۋارشاۋا دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇنلىغان پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىلمىي جەمئىيەتلەر، دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەر، ھەشەمەتلىك قەدىمىي چېركاۋلار، كۇتۇپخانىلار، مۇزېيلار، چوڭ مېھمانخانىلار، ئاتاقلىق بانكىلار، سودا سارايلىرى ۋە باشقا تارىخىي ئورۇنلار، مۇھىم ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. ۋارشاۋا ياۋروپادىكى مۇھىم زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى رەتلىك، مەنزىرىسى گۈزەل، ئۇ جايدا ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى بار. ۋارشاۋانىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، ۋىساۋا دەرياسى ئارقىلىق دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ بالتىق دېڭىزغا چىققىلى بولىدۇ. يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ يۈرسە، كراكوۋ شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. قاناللار ئارقىلىق شەرقتىكى دنېپر، دون دەريالىرى بىلەن، غەربتىكى ئودېرا دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ. تۆمۈريول، تاشيول تورلىرى ئارقىلىق دۆلەتتىكى ھەرقايسى شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
ۋرشاۋا 9-ئەسىردە كىچىك بىر كەنت بولۇپ، ۋارسوۋىيە دەپ ئاتالغان، ۋارشاۋا 13-ئەسىردىن باشلاپ كېڭىيىشكە باشلىغان، 1596-يىلى پايتەخت بولغان، 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چەت مىللەتلەرنىڭ 200 يىلدىن ئوشۇق ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، 1919-يىلدىن باشلاپ قايتا پولشىنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر ئۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.
سۇ پەرىسى ھەيكىلىۋارشاۋانىڭ ساياھەت ئىشلىرىمۇ ئىنتايىن راۋاجلانغان،بۇنىڭ سىرى دەل ساھايەت رايۇنلىرىنىڭ مول مولغانلىقىدا، مەسلەن: شەھەر قەلئەسى مەيدانى،ۋارشاۋا قەدىمى شەھىرى،كوپېرنىك خاتىرە تېشى، كونا شەھەر بازىرى مەيدانى، مۇقەددەس كرېست چېركاۋى ,مەدەنىيەت ئاكادىمىيىسى سارىيى،ۋازىن باغچىسى ،ۋېرا نوۋى ئىبادەتخانىسى ، ۋارشاۋا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ، سۇ پەرىسى ھەيكىلى،قاتارلىق ساياھەت رايۇنلىرى ساياتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
ۋارشاۋا دوسىتلۇق ئورناتقان شەھەرلەر تۆۋەندىكىچە:
قازاقستان ئاستانە
گېرمانىيە بېرلىن
ئامېرىكىنىڭ چىكاگو
گېرمانىيە دۈسسېلدورف
جۇڭگو خاربىن
گوللاندىيە گائاگا
ياپونىيە خاماماتسۇ
ۋېيتنام خانوي
ئۇكرائىنا كىيېۋ
روسىيە موسكۋا
فرانسىيە پارىژ
رىگا لاتۋىيە
كورىيە سىئول
روسىيە سانكىت پېتىربۇرگ
جۇڭگو تەيبېي
ئىسرائىلىيە تېل ئاۋىۋ -
كانادا تورونتو
لىتۋا ۋىلنيۇس
ئاۋسترىيە ۋيېننا
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.