ئالباتروس قۇشى

ئالباتروس قۇشى

ئالباتروس قۇشى بورانقۇش تۈركۈمى، ئالباتروس قۇشى ئائىلىسىگە تەۋە. جەمئىي تۆت ئۇرۇقدىشىدىن 21 خىلى بار. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەخمىنەن جەنۇبىي كەڭلىك°25 مۇز تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دېڭىزغا تارقالغان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئالباتروس قۇشى
ئىنگلىزچە نامى Albatross
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى بورانقۇش تۈركۈمى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 信天翁
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى ئالباتروس قۇشى ئائىلىسى
كەنجى سىنىپى ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالباتروس قۇشىئۇزۇنلۇقى Thalassarche ئۇرۇقدىشىنى 68-93 سانتىمېتىرغىچە؛ Diomedea ئۇرۇقدىشىنىڭ 110-135 سانتىمېتىرغىچە؛ قانىتىنىڭ ئوزۇنلۇقى 178-256 سانتىمېتىردىن 250-350 سانتىمېتىرغىچە. ئاق رەڭ، قانات ئۇچى قېنىق رەڭلىك؛ قۇش چىشى ئاق رەڭلىك، پەيلىرى، دۈمبە تۈكلىرى، قانات ئالدى تەرىپى ۋە قۇيرۇقى قېنىق رەڭدە. 

كۆپ قىسىملىرى ئورەك كولاپ تۇرىدۇ، ئورىلىرىنى پەي ۋە ئوت-چۆپلەردە ياسايدۇ؛ تروپىك بەلباغ تۈرىدىكىلەر بىر قەدەر ئاز ئۇۋا سالىدۇ، جياداۋ ئارىلىدىكى ئالباتروس قۇشى بولسا ئۇۋا سالىدۇ. 

بىر ئۇۋا بىر تۇخۇملۇق، ئاق رەڭ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 65-79 كۈن . 

يېمەك-ئىچمىكى : سىياھ بېلىق، بېلىق، قاسراقلىقلار، بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 

تۈرلىرى 

ئالباتروس قۇشىئاجىما ئالباتروس قۇشى (Diomedea amsterdamensis)، خان ئالباتروس قۇشى (D. epomophora)، كۆچمەن ئالباتروس قۇشى (D. exulans)، قارا پاچاق ئالباتروس قۇشى (Phoebastria nigripes)، قارا دۈمبىلىك ئالباتروس قۇشى (P. immutabilis، P. irrorata )، قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس قۇشى (P. albatrus)، كۈل رەڭ ئالباتروس قۇشى (Phoebetria palpebrata)، قارا ئالباتروس قۇشى (P. fusca)، سېرىق بۇرۇنلۇق ئالباتروس قۇشى (Thalassarche chlororhynchos)، قارا قاش ئالباترۇس قۇشى (T. melanophris)، يېڭى زېلاندىيە ئالباتروس قۇشى(T.eremita)، كۈل رەڭ باشلىق ئالباتروس قۇشى (T. chrysostoma) قاتارلىقلار. 

قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس قۇشى

قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس قۇشىقىسقا قۇيرۇق ئالباتروس قۇشى بورانقۇشنىڭ بىر خىل ئاتىلىشى. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 94-95 سانتىمېتىر، تېنى ئاق، بېشى ۋە بوينى سېرىق، دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى ۋە قۇيرۇق ئۇچى قارامتۇل قوڭۇر، تۇمشۇقى ھال رەڭ، تۇتۇق رەڭلىك. قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس قۇشى كېمىگە يېقىنلاشمايدۇ، قارا پاچاق ئالباتروس قۇشى كېمە يېقىنلىشىشنى ۋە ئەگىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  

قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس قۇشى يىل بويى دېڭىزدا ياشايدىغان، كۆپىيىش مەزگىلىدە ئارال ياكى قىيا تاشلارغا ماكانلىش قۇشلىرى بولۇپ، كۆچمەن ئەمەس. ئاساسلىقى دېڭىز يۈزىدىكى كىچىك يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، بېلىق ۋە باشقا دېڭىز-ئوكياندىكى ئۇمۇرتقىسىز ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئادەتتە سۇ يۈزىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. شىمالىي تىنچ ئوكيان، ئاسىيا قىتئەسى غەربىي تىنچ ئوكيان، جۇڭگو دياۋيۈتەي تاقىم ئاراللىرىغا تارقالغان. كۆپىيىش مەزگىلى 10-12-ۈپتى بىلەن ئۇۋا سالىدۇ، ھەر قېتىم بىر دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم بېسىش 

مەزگىلى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈجە چىقىرىش ۋاقتىدىن ئۇزۇن، قۇش بالىلىرى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىغا مۇداپىئە كۈشەندىسى بار بولغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە، ئۆمرى 40-60 يىل ياشايدۇ. 

قارا پاقالچاق ئالباترۇس قۇشى 

قارا پاچاق ئالباتروس قۇشىنىڭ بەدەن شەكلى بىلەن قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس قۇشىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 760~710 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1200 گرام. بېشىنىڭ پەيلىرى ئاق رەڭلىك پەيسىمان پارقىراق تۈسىنى ئالغان؛ تۇمشۇق ۋە كۆز، كېكىردەك  ئەتراپى كۈل رەڭدە بولىدۇ؛ بەدىنىنىڭ قالدۇق قىسمى كۆپىنچە قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ بەل ۋە قۇيرۇق ئۈستى پەيلىرى ئاق رەڭلىك ھەمدە قارا چىپار بولىدۇ؛ قۇيرۇق ئاستى تاغا پەيلىرى قارا چىپار بولىدۇ؛ قورساق قىسمى ئاق رەڭدە. قۇش بالىلىرى خۇددى يېتىلىدىغان قۇش بولۇپ، لېكىن ئاق قۇيرۇق پەيلىرى قۇيرۇق ئاستىدىكى قىسقا پەيلەر يوق. قىسقا قويرۇقلۇق ئالباتروس قۇشىنىڭ تۇخۇمدىن چىققاندىكى قۇش پەرقى تۇمشۇقى ۋە پۇتى قېنىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. شىمالىي تىنچ ئوكيانغا تارقالغان. ۋاد تاقىم ئاراللىرى، مارشال تاقىم ئاراللىرى، تاقىم ئاراللىرى ۋە بونىن تاقىم ئاراللىرىدا كۆپىيىدۇ. تۈر توپى سانى ناھايىتى ئاز. يىل بويى تەيۋەن بوغۇزىدا كۆرۈلىدۇ. ئەتىياز ۋە قىش پەسلىدە جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزى جېجياڭ، فۇجيەن ۋە تەيۋەن. توپلىشىپ كۆپىيىدۇ. دائىم تاشلاندۇق كېمىلەرنى تېپىپ ئوزۇقلۇق يەيدۇ، ئارالدا دائىم توپلىشىپ ياشايدۇ. ئارالدىكى تاش ئۆڭكۈرگە ئۇۋا ياسايدۇ، ئۇۋىسى چاڭگا شەكىللىك. ھەر قېتىمدا بىر تال تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى تەخمىنەن 40 كۈن. بېلىق، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى 2000-يىلى ئېلان قىلغان «دۆلەت قوغدايدىغان پايدىلىق ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي قىممەتكە، پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن. 

كۆچمەن ئالباتروس قۇشى 

كۆچمەن ئالباتروس قۇشىكۆچمەن ئالباتروس قۇشى قانىتى 3.5 مېتىر، جەنۇبىي ئوكياندا ياشايدۇ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 22.8 يىل، بىر ئۆمۈر دېڭىزدا ياشايدۇ. كۆچمەن ئالباتروس قۇشى 6-7 ياشقا كىرگەندە يېتىلىدۇ، چىشى قۇش تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. ئالباتروس قۇشى كۆپىنچە جەنۇبىي يېرىم شاردا ياشايدۇ. جەنۇبىي كەڭلىك 40 گىرادۇس بەلباغلىرىدا ياشايدۇ، ھەر ئايدا 27 كۈن قاتتىق غەرب شامىلى غايەت زور دولقۇن كۆتۈرۈلىدىغان كۈن، بۇ ئالباتروس قۇشۇنىڭ ئارزۇسىدىكى جەننەت. شامالسىز چاغلاردا دېڭىزدا ئارام ئالىدۇ، كېچىدە دېڭىزدا لەيلەپ يۈرىيدۇ. كۆچمەن ئالباتروس قۇشى 4 ياشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يېرىگە قاراپ ئۇچۇپ كىتىدۇ، جورا ئىزدەشكە باشلايدۇ، ئادەتتە بىر ئىككى يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ئاندىن«توي» ئىشىنى قارار قىلىدۇ. ئالتە–يەتتە ياشقا كىرگەندە، قۇرامىغا يەتكەن كۆچمەن ئالباتروس قۇشىنىڭ چىشى قۇشى تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. قۇش پەيلىرى تولۇق چىققاندىن كېيىن بارا-بارا مۇستەقىل بولىدۇ، بىر ئۆمۈر دېڭىزدا سەرسان بولۇپ يۈرىيدۇ. 

ئالباتروس قۇشىئالباتروس قۇشىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى روشەن بولۇپ، بۇ ئانتاركتىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىي ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز-ئوكيانلارغا تارقالغان. جەنۇبىي كەڭلىك 45-70 لۇق رايۇنلارغا ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن، يەككە تۈرى ۋە تۈرلىرى، لېكىن ئۇلار جەنۇبىي يېرىم شاردىكى مۆتىدىل بەلباغ سۇ دائىرىسىدە كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز ساندىكى تۈرلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى شىمالىي تىنچ ئوكيان. گوس تاقىم ئاراللىرى بىلەن ئېكۋاتور قىسىمىدىكى تاشقى لاپۇلات ئارىلى، جىياداۋ ئارىلى، ئېكۋاتور، ئالباتروس قۇشىنىڭ كۆپىيىش ئورنى، ئۇ يەرنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھۇمبولدت ئوكيان ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

ياشاش قانۇنىيىتى

ئالباتروس قۇشىكېچىسى پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇچۇشقا، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر، قۇرۇقلۇقتا ياشىيالايدۇ ھەم ماڭالايدۇ.

 دەم ئېلىشى : دېڭىز يۈزىدە، كۆپىيىش مەزگىلىدە قىرغاقتا، ئارال قاتارلىق قۇرۇقلۇق جايلاردا پاناھلىنىدۇ. گۆشنى ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ. بېلىق، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئۇچقاندا ئوۋ ئوۋلىمايدۇ، سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ بېلىق تۇتمايدۇ، ئوزۇقلۇق ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى سۇ يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھوشيارلىق بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، يالغۇز ھەم تىنچ، يالغۇز ياكى جۈپ-جۈپ بولۇپ ياشايدۇ. 

كۆپىيىشى

ئالباتروس قۇشىكۆپىيىشى 10-12-ئايلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىرغاقلارغا، ئارال تاغ ئۈستىگە ئۇۋا سالىدۇ، ئۇۋىسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئاساسلىقى يەر يۈزىدىكى نەم يەر، قۇرۇق ئوت–چۆپ، مۇخ ۋە لاي-كېسەكتىن سېلىنغان. ھەر بىر چاڭگىغا 1 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 75-82 كۈن. 

ئۆسۈپ يېتىلىشى

ئالباتروس قۇشىبالا قۇشنى ئانا قۇش كۆڭۈل قويۇپ باقىدۇ، ئانا قۇش كۆشەش ئارقىلىق چىقىرىلغان يېمەكلىكلەردە بالىسىنى باقىدۇ. قۇش تۇغۇلغاندا بەدىنى سۇس تىۋىتلەر بىلەن قاپلانغان، تىۋىتلەر چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن بىر قەۋەت قويۇق تۈكلۈكلەر ئۆسۈپ چىقىدۇ. قۇش بالىلىرى تۈكلىرىنىڭ پۈتۈن ئاق رەڭلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ ئۇچۇشنى ئۆگىنىدۇ. پەقەت بەدەندە ساقلىنىپ قالغان ماي سەرپىياتىغا تايىنىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. 

ئاجىما ئالباتروس قۇشى ۋە يېڭى زېلاندىيە ئالباتروس قۇشىنىڭ ئىككى تۈرى ئىنتايىن خەتەر ئاستىدا قالغان تۈر قاتارىغا كىرگەن، يەنە ئىككى يوقىلىش گىردابىدىكى تۈر ھېسابلىنىدۇ، 13  تۈر خەتەر ئاستىدا قالغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#