قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

قىرىم جۇمھۇرىيىتى

قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن ياۋروپا قۇرۇقلۇقى پەقەت نەچچە كىلومېتىر كەڭلىكتىكى پېرېكوپ (Perekop)  بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىدە كېرىچ يېرىم ئارىلى بار، قۇرۇقلۇق بىلەن كېرىچ بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ. كىرېچ بوغۇزى قارا دېڭىز بىلەن ئازاق دېڭىزى (ئۇكران تىلىدا ئازوۋ دېڭىزى) نى تۇتاشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى قىرىم جۇمھۇرىيىتى
يەر مەيدانى 24730 كۋادرات كىلومېتىر
قاراشلىق رايون جەنۇبىي قىسىم فېدېراتسىيە باشقۇرۇش رايونى
باشقا نامى قىرىم يېرىم ئارىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克里米亚共和国
نوپۇسى 2033700 (2001-يىلى)
مەمۇرى راتۇن تۈرى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى/ فېدېراتسىيە ئاساسىي گەۋدىسى (1-دەرىجىلىك مەمۇرىي رايۇن)
دىيالىكتى رۇس تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىرىم جۇمھۇرىيىتىقىرىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن ياۋروپا قۇرۇقلۇقى پەقەت نەچچە كىلومېتىر كەڭلىكتىكى پېرېكوپ (Perekop)  بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىدە كېرىچ يېرىم ئارىلى بار، قۇرۇقلۇق بىلەن كېرىچ بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ. كىرېچ بوغۇزى قارا دېڭىز بىلەن ئازاق دېڭىزى (ئۇكران تىلىدا ئازوۋ دېڭىزى) نى تۇتاشتۇرىدۇ.

 قىرىم دېگەن ئىسىم تاتار تىلىدىن كەلگەن، تاتارلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خانلىقىنىڭ ئىسمى. قىرىم ئەڭ بۇرۇن ھازارىيە دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھازارلار (Hazarlar) بۇ جايدا تۇرغان. بەزىلەر قىرىمنىڭ ئىسىمى شەھەر نامى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى قىرىم ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى Qirim شەھىرىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار قىرىم دېگەن بۇ سۆزنىڭ قەدىمقى تۈركچە سۆز «سېپىل خەندىكى» دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئەمما سۆزنىڭ باشقا نۇسخىدىكى كېلىش مەنبەسى بار. مەسىلەن: qir-ئېگىزلىك، im-ھازىرقى زامان تاتار تىلىدا «مېنىڭ» دېگەن مەنىسى بار.

قىرىم جۇمھۇرىيىتىبۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەڭ بۇرۇنقى قىرىم جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسى بولغان كېلتلارنى تاپقىلى بولىدۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىردە سىكىزايلار ئۇلارنى قوغلاپ چىقارغان، پەقەت تاغلىق رايوندا يەنە ئاز ساندا كېلتلار بار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە گرېكلەر دېڭىز قىرغىقىدا مۇستەملىكە قۇرۇشقا باشلىغان.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 438-يىلى بۇ جايدا بوسپوران خانلىقى (Bosporan Kingdom) قۇرۇلغان، بۇ دۆلەت بىلەن ئافىنانىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئافىناغا بۇغداي ۋە باشقا ئەشيالارنى تەمىنلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 15-يىلى، قىرىم جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەر رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى دۆلەتلەر بولۇپ قالغان.

كېيىن قىرىم جۇمھۇرىيىتىنى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئىشغال قىلىپ كەلدى. 250-يىلى گوتلار، 376-يىلى ھونلار، 8-ئەسىردە ھازارلار، 1016-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، 1050-يىلى قىپچاقلار، 1237-يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.

13-ئەسىردە ئىتالىيەنىڭ سودا شەھىرى گېنويە ئۆزىنىڭ رەقىبى ۋېنىتسىيەنى قىرىم جۇمھۇرىيىتىدىن قوغلاپ چىقاردى ھەمدە يېرىم ئارالنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا كۆپلەپ شەھەر بىنا قىلدى. بۇ گۈللەنگەن سودا شەھەرلىرى تاكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى قىرىم جۇمھۇرىيىتىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.

تاتارلار يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ بىر ئەۋلادى خانلىق قۇردى. ئەڭ دەسلەپ قىرىمنى باشقۇرغىنى تۇقا تېمۇر، ئۇ باتۇ خاننىڭ ئىنىسى. 1430-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەۋلادى ھاجى گىراي رەسىمىي دۆلەت قۇردى. ئۇ ساداقەتمەن مۇسۇلمان، شۇڭا خانلىقنىڭ كۈچلۈك ئىسلام پۇرىقى بار. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوغلى بىلەن ئالتىنچى ئوغلى مەڭلى گىراي تەخت تالاشتى، كېيىن مەڭلى گىراي غەلبە قىلدى. 1468-يىلى ئۇ كاففانى زىيارەت قىلدى، بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيىسى كاففانى تارتىۋېلىشقا ئەۋەتتى. تۈركلەر 1475-يىلى مەڭلى گىراينى قاماققا ئالدى، ئەمما تۈركلەر قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىكىگە ھۆرمەت قىلدى، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، سۇلتاننىڭ ۋاسسال بەگلىكى بولدى. سۇلتان يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، قىرىم خانى يېرىم ئارالنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە شىمالىدىكى يايلاقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۆزىنىڭ پۇلىنى تارقاتتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە بولۇپ، تۈرك ئىمپېرىيەسى ھەر قېتىم ئۇرۇش قىلغاندا تاتارلار ياردەم بېرىپ كەلگەن. 1502-يىلى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەلتۆكۈس يىمىرىلگەندىن كېيىن، قىرىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى.

1478-يىلدىن 1777-يىلغىچە، قىرىم خانلىقى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بېقىندىن دۆلىتى بولدى. بۇ خانلىقنىڭ بىر كىرىم مەنبەسى شەرقىي ياۋروپاغا بېرىپ قۇل تۇتۇپ كېلىش بولۇپ، بوزقىر مىللەتلىرىنىڭ مول-ھوسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. كاففا شەھىرى داڭلىق قۇل بازىرى. دۆلەت ئىچىدە ئاساسلىقى ئۇكرانلار، بېلوروسلار، رۇسلار بار. ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇش 1572-يىلى موسكىۋانى قورشاش ئۇرۇشى بولۇپ، 150 مىڭ ئادەم تۇتۇلغان، جەسەتلەر موسكىۋا دەرياسىغا تولۇپ كەتكەن. 1548-يىلى ئىسلام گىرايⅡ دىن باشلاپ، جۈمە نامىزىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانىنىڭ نامىدا جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلدى. چاررۇسىيە يۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى، قىرىم ئىسلام دۇنياسىنى قوغدىدى، پات-پات جەنۇبىي روسىيەنى داۋالغۇتۇپ تۇردى، سىلاۋىيانلارنىڭ ئوتلاقتا ئولتۇراقلىشىشىنى توستى. رۇسىيە 1774-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى. 1777-يىلدىن باشلاپ، قىرىم خانى رۇسىيەگە بېقىندى. ئۇزۇن ئۆتمەي، قىرىم

 ئاقسۆڭەكلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قىرىم خانىغا قارشىلىق كۆرسەتتى، قىرىم خانى رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. رۇسىيە قىرىمغا 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تارتتى، 1783-يىلى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى پۈتكۈل قىرىم جۇمھۇرىيىتىنى رەسىمىي خەرىتىگە كىرگۈزدى.

1854-يىلدىن 1856-يىلغىچە، قىرىم ئۇرۇشى پارتلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، چاررۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، قىرىم جۇمھۇرىيىتى بىر قىسىم قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ مەيدانى بولۇپ قالدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى 1941-يىلى قىرىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز بوغۇزىنى ئىشغال قىلىۋالماقچى بولغاندا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، كېيىن گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتتى، پەقەت سېۋاستوپوللا 1941-يىلى 10-ئايدىن تاكى 1942-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بەرداشلىق بەردى. 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى سېۋاستوپولنى قايتىدىن ئىشغال قىلدى. سىتالىن نۇرغۇن قىرىم تاتارلىرىنى گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلاشتى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن بولۇشقا مەجبۇرلىدى، سۈرگۈن بولغان تەخمىنەن %46  ئادەم ئاچلىق ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، قالغان كىشىلەر نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن قىرىم جۇمھۇرىيىتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

1945-يىلى 2-ئايدا، قىرىم جۇمھۇرىيىتىغا جايلاشقان يالتادا يالتا يىغىنى ئېچىلدى.

1954-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت رەئىس كوللېكتىپى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قوشۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قىرىمنى رۇسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە بۆلۈپ بەردى. ئەينى چاغدا سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خروششېۋ ئىدى.

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، قىرىم جۇمھۇرىيىتى ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ئامما بۇنىڭدىن نارازى بولدى. ئارالدا يەنە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قارا دېڭىز فلوتى بار، ئەينى چاغدا ئەھۋال خېلى جىددىي بولۇپ، ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. ئۇكرائىنا ئاشقۇن مىللەتچى كۈچلىرى سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەھۋال پەسىيىشكە باشلىدى. 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قىرىم جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، كېيىن ئۇكرائىنانىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇشنى قارار قىلدى. رۇسىيە سېۋاستىپول ھەربىي پورتىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىجارىگە ئېلىپ، قارا دېڭىز فلوتىنىڭ بازىسى قىلدى.

2014-يىلى ئۇكرائىنا ئۆكتىچىلىرى ئىنقىلاب قوزغاپ، رۇسىيەگە مايىل ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى يانۇكوۋىچ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، يېڭى ھۆكۈمەت نەچچە كۈن ئىچىدە قۇرۇلدى. 2014-يىلدىكى ئۇكرائىنا ئىنقىلابى 2014-يىلىدىكى قىرىم كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، رۇسىيە ئارمىيسى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق خادىملىرى قىرىمدا پارلامېنت بىناسى ۋە ئىككى ئايروپورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. كىيېۋ ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، رۇسىيە پارلامېنتى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قورال كۈچى ئىشلىتىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىپ، تاكى ئۇكرائىنا جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئەھۋالى نورماللاشقانغا قەدەر، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى سېرگىي ئاكسيونوۋ (Sergey Aksyonov) غا ياردەم بېرىشىنى تەستىقلىدى. سېرگىي ئاكسيونوۋ بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئارمىيە، ساقچى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىندىن قىرىمنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم تەلەپ قىلدى. 

قىرىم جۇمھۇرىيىتىقىرىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن ياۋروپا قۇرۇقلۇقى پەقەت نەچچە كىلومېتىر كەڭلىكتىكى پېرېكوپ (Perekop)  بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىدە كېرىچ يېرىم ئارىلى بار، قۇرۇقلۇق بىلەن كېرىچ بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ. كىرېچ بوغۇزى قارا دېڭىز بىلەن ئازاق دېڭىزى (ئۇكران تىلىدا ئازوۋ دېڭىزى) نى تۇتاشتۇرىدۇ.

يېرىم ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدا تاكى يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىغىچە سوزۇلغان ئىككى تاغ تىزمىسى بار (قىرىم تاغ تىزمىسى، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1545 مېتىر). قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ %75 زېمىنى يېرىم قۇرغاق ئوتلاق. 

يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي ئۇچى ئىللىق ۋە نەم، ئارام ئېلىش ۋە كۈتۈنۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە بۇ جاي سوۋېتلەر ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئارام ئالىدىغان جاي ئىدى. بۇ جايدا نۇرغۇن مېۋىلىك باغ ۋە ئۈزۈملۈك، نۇرغۇن كەنت، مەسچىت، موناستىر، رۇسىيە خان جەمەتى سارىيى ھەمدە قەدىمقى گرېتسىيە ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى قورغانلار. يېرىم ئارالنىڭ ئوتلاقلىرىدا سىكىزايلار قالدۇرۇپ قويغان قەبرىلەر بار.

قىرىم جۇمھۇرىيىتىقىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى نەچچە دېڭىز قولتۇقى ۋە ياخشى تەبىئىي پورتلارنى شەكىللەندۈرگەن. يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شىمالىدا كروۋىسكى دېڭىز قولتۇقى بار، يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدا سېۋاستوپول ۋە بالاكلاۋا قاتارلىق ياخشى پورتلار بار، قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدا كىرېچ دېڭىز قولتۇقى، شەرقىي جەنۇبىدا فېئودوسىيە دېڭىز قولتۇقى ھەمدە فېئودوسىيە پورتى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#