ئىقتىساد
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«ئىقتىساد» دېگەن نېمە؟ قەدىمكى گرېتسىيىلىك پەيلاسوپ ئارىستوتېل ئىقتىساد بىر خىل تىرىكچىلىك ماھارىتى، تۇرمۇشقا لازىملىق بۇيۇملارغا ئېرىشىش پائالىيىتى دەپ قارىغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئىقتىساد «يۇرت سوراپ، ئاۋامنى قۇتقۇزۇش» ، «دۆلەتنى سوراپ، دۇنياغا يار-يۆلەك بولماق» دېگەنلىك بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى كۆرسىتەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىساد كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولدى.
ئىككىنچى مەنىسى
ئىككىنچى، ئىقتىساد − ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىكى تېجەشلىك بولۇشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادىي پرىنسىپقا ئۇيغۇن بولۇشىنى، يەنى قۇرۇلۇشتا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى تېجەشنى كۆرسىتىدۇ؛ تۇرمۇشتا بولسا ئىنچىكە ھېساب-كىتاب قىلىش، ئاز پۇل خەجلەپ كۆپرەك ئىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، مۇناسىپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىۋى ئاساسى :ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىۋى ئاساس بولغان سىياسىي-ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىقتىسادشۇناسلىقىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى نۇقتىسىدىن بۈلىنىشى :ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ سانائەت ئىقتىسادشۇناسلىقى، يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادشۇناسلىقى، سودا ئىقتىسادشۇناسلىقى، بىناكارلىق ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ماددىي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن بۈلىنىشى :ماددىي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ شەھەر ئىقتىسادشۇناسلىقى، يېزا ئىقتىسادشۇناسلىقى، رايون ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
تارىخىي نۇقتىدىن بۈلىنىشى :تارىخىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخى، ئىقتىسادىي تەلىمات تارىخى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ قورالى:يەنە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ قورالى ھېسابلىنىدىغان ستاتىستىكا ئىلمى، بوغالتىرلىق ئىلمى، ماتېماتىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىقلارمۇ بار.
بۇنىڭدىن باشقا، غەيرىي ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىدىن مائارىپ ئىقتىسادشۇناسلىقى، سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلار بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.