ئالما دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئالما (مېۋىنىڭ بىر تۈرى)
  2. ئالما (خام دورا)
مېۋىنىڭ بىر تۈرى

ئالمىمۇ ئۈزۈم، سىتروس(ئاپېلسىن، ماندارىن، لىمونلار) ، بانانلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئالما
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈك
خەنزۇچە ئىسمى 苹果
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈمۈلۈكلەر تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلىمىزنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش تارىخى3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. پۈتۈن دۇنيادا ئالمىنىڭ تەخمىنەن35 تۈرى بار بولۇپ، پەقەت ئېلىمىزدىن چىقىدىغانلىرىلا22 تۈرگە يېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار: يەنى سىچۇەننىڭ بالدۇر پىشىدىغان «خۇاڭكۈي» ئالمىسى6-ئاينىڭ باشلىرىدىلا بازارغا سېلىنىدۇ؛ شىمالنىڭ «جىن شۇەي» ئالمىسىنىڭ مېۋىسى چوڭ، مەركىزى(ئۇرۇق ئورنى) كىچىك بولۇپ، خۇش پۇراقلىق بولىدۇ؛ جەنۇب ۋە شىمالغا داڭلىق بانان تەملىك ئالما «شياڭ جياۋپىڭگو» نىڭ مېۋىسى چوڭ، شىرنىسى كۆپ بولۇپ، پۇراقلىق ھەم تەملىك بولىدۇ؛ ئارىلىقتا پىشىدىغان «خۇڭيۇ» ئالمىسى ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، ساقلىغانسېرى پۇراقلىق بولىدۇ؛ كېچىكىپ پىشىدىغان «داگوگۇاڭ» ئالمىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالما ئۆستۈرۈش ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

ئاق ئالما

ئاق ئالمابۇ يەرلىك سورت ، دەرىخى ئېگىز ، دائىرلىك ، كېڭىيىپ ، كېرىلىپ ئۆسىدۇ ، مېۋە شاخچىلىرى قېلىنراق ، يوپۇرمىقى ئوتتۇرا ھال كەڭلىكتە بولىدۇ . بۇ سورت 5-6 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ ، 8-ئايدا پىشىدۇ . مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق ، ساپاق تەرىپى چوڭ ، چېچەك تەرىپى يېغىنچاق كېلىدۇ . بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 135گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ ، پوستى ئوتتۇرا قېلىنلىقتا بولۇپ ، رەڭگى پارقىراق ، ئېتى چىڭ ، چۈرۈك ، تەمى تاتلىق ، شېرىن ، سۇلۇق ، خۇشبۇي ، مېۋە ساپىقى ئوتتۇراھال ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . 

بۇ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ، مېۋىسى يۆتكەشكە چىداملىق ، دەرىخى سوغۇققا ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتقا چىداملىق سورت .

تاغىل ئالما

تاغىل ئالمابۇ سورتنىڭ دەرىخىنىڭ رەڭگى كۆكۈچ بېغىررەڭ ، ئوتتۇرا دەرىجىدە كېڭىيىپ ئۆسىدۇ ، مېۋە شاخچىلىرى زىچ ، نوتىلىرى ئەگرى ماڭىدۇ ، يوپۇرمىقى ئوتتۇراھال سوزۇق ، كەڭ نېپىزرەك بولىدۇ ، 5-6 يىلدا مېۋەگە كىرىدۇ . 

مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق دۈگىلەك ، ئېغىلىقى 120گرام ئەتراپىدا ، پوستى قېلىن ، رەڭگى قىزىل بېغىرەڭ ، تاغىل ، كۈن تەگمىگەن تەرىپى كۆكۈچ تاغىل رەڭدە بولىدۇ . دەسلەپتە چۈچۈمەلرەك ، يېتىلگەندە چۈچىمەل تاتلىق ، سۇلۇق بولىدۇ . ئېتى يۇمشاقراق ، پىشقاندىن كېيىن قارا بېغىررەڭ ھالەتكە كىرىدۇ . شىرنىسى ئوتتۇراھال ، سەل خۇشبۇي پۇرايدۇ . 

تاغىل ئالمىنىڭ تاتلىق تاغىل ، بېغىررەڭ تاغىل ، ئارا چۈرۈك تاغىل ، ساختا تاغىل قاتارلىق تۈرلىرى بار . بۇ سورت ئېلى رايونىدا 8- ئاينىڭ بېشىدىن 25-كۈنىگىچە يېتىلىپ بولىدۇ . مەھسۇلاتى يۇقىرى ، دەرىخى سوغۇققا بىر قەدەر چىداملىق . 

ئالما تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنك كۆپرەك بولۇپ، ئۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يادرو كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىللارنىڭ تۈزۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ. بالىلاردا سىنك كەم بولسا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئالما يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكۈچى مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئالما تەركىبىدىكى فرۇكتوزا مىقدارى كۆپلۈك جەھەتتە مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

ھازىر دۇنيادا ئالما ئۆستۈرۈش كەسىپچىلىكى «پاكار، زىچ، بالدۇر، مول» بولۇشتەك تېخنىكىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ياپونىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر خىل چوڭ تىپتىكى ئالما يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭلىرى پۇتبول چوڭلۇقىدا بولىدىكەن. ئۇنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ۋە تەمى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#