ئاندېس گۇرۇھى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاندېس گۇرۇھى1966-يىلى 8-ئايدىن 1969-يىلى 11-ئايغىچە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاندېس رايونىدىكى بىرنەچچە دۆلەت كۆپ قېتىم جەم بولۇپ رايون ھەمكارلىقى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، «كىچىك رايونلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىش كېلىشىمى» نى ماقۇللاپ، ئاندېس ئىتتىپاقىنى قۇردى. 1987-يىلىغا كەلگەندە بۇ ئىتتىپاققا پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋاتور، كولۇمبىيە، ۋېنسۇئېلا قاتارلىق بەش دۆلەت قوشۇلدى، يەنە كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ بار. تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر يىلى ئۈچ قېتىم قەرەللىك يىغىن ئاچىدۇ. يەنە تېخنىكا كومىتېتى، باش كاتىبات باشقارمىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. باش شتابى پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى: ئاندېس رايونىدىكى بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەكشى ماسلاشقان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.