ئۆردەك كاۋىپى

ئۆردەك كاۋىپى
ئۆردەك كاۋىپى بولسا ئۆردەك ، شېكەر شىرىسى قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان كاۋاپنىڭ بىر تۈرى .

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئۆردەك كاۋىپى
خەنزۇچە ئىسمى 烤鸭

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خام ماتىريالىئىككى كىلوگرامدىن ئۈچ كىلوگرامغىچە كېلىدىغان ئۆردەك بىر دانە، شېكەر شىرىسى(ئاق شېكەر، سۇ، كۈنجۈت، كۈنجۈت يېغى 500 گرام ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ياسىلىدۇ) . 

ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈپ، تۈكىنى يۇڭداپ، پاكىز يۇيۇپ، ئىككى پۇتى ۋە قانىتىنىڭ ئۇچى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئىش تەرتىپى بويىچە ياسىلىدۇ. 

1. يەل بېرىش: بوغۇزلانغان كاناي تۆشۈكىدىن قىزىلئۆڭگەچنى تارتىپ چىقىرىپ، سول بارمىقىمىزنى قىزىلئۆڭگەچنى بويلاپ ئىچكىرگە كىرگۈزۈپ، قىزىلئۆڭگەچ ئىچىدە تۇتىشىپ تۇرغان پەردىلەرنى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن قىزىلئۆڭگەچنى ئۈزۈۋەتمەستىن ئىچىگە قويىۋېتىلىدۇ، كانىيى ئارقىلىق ناسوس بىلەن ئاستا-ئاستا يەل ئۇرۇپ، ئۆردەكنىڭ ئىچىنى يەل بىلەن توشقۇزىمىز(يەل ئۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆردەكنىڭ بەدىنىنى تۇتۇشقا بولمايدۇ. پەقەت قانتى، پۇتىنىڭ سۆڭىكى، بوينىدىن تۇتۇشقىلا بولىدۇ. قولىنىڭ ئىزى قالسا، كاۋاپنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ) .

2. پوكىنىنى ئېلىش: ئۆدەكنىڭ ئوڭ قولتۇقىنىڭ ئاستىدىن تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاي شەكلىدە تۆشۈك ئېچىپ، ئۆردەكنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆردەكنى قاقلاپ پىشۇرغاندا يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى يەتتە سانتىمېتىر، توملۇقى ئوتتۇرا بارماقچىلىك كېلىدىغان ياغاچنى(قوناق شېخى بەك ياخشى) ئۆدەكنىڭ پوكىنىدىن كىرگۈزۈپ، تۆش سۆڭىكى بىلەن ئارقا ئومۇرتقا سۆڭىكىگە تىرەپ، ئۆردەكنىڭ تېرىسىنى كېرىپ قويۇلىدۇ. 

3. پوكاننى يۇيۇش: زىخچىغا ئۆتكۈزۈش، ئۆردەكنى سوغۇق سۇ بار داسقا سېلىپ، ئوڭ قولتۇقىدىن ئېچىلغان تۆشۈكتىن سۇ قۇيۇلىدۇ، ئوڭ بىگىز قولىمىزنى ئۆردەكنىڭ چىقىرىش ئەزاسىغا كىرگۈزۈپ، چالا قالغان ئۈچەيلەرنى چىقىرىۋېتىپ، سۇنى ئارقا چىقىرىش ئەزاسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق 3-4 قېتىم چايقاپ يۇغاندىن كېيىن، تۆمۈر زىخچىنى ئۆردەكنىڭ مۈرىسىدىن ئۈچ سانتىمېتىر(ئىككى ئىلىك كەلگۈدەك) يۇقىرىسىدىكى گەجگە تېرىسىدىن تېشىپ كىرگۈزۈپ، گەجگىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆردەكنى تونۇرغا سېلىپ قاقلىغاندا، بوينى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ ئۆتكۈزۈش لازىم. قانتىنىڭ يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر كېلىدىغان بامبۇك ياغىچى ياكى يۇلغۇن ياغىچىنى قولتۇقى ئاستىغا تىرەپ ئىككى قانىتىنى كېرىپ قويۇلىدۇ. ئۆردەكنى شامالدىتىپ، تونۇرغا سېلىشتىن بۇرۇن بۇ ياغاچ ئېلىپ تاشلىنىدۇ. 

4. تېرىسىنى قايناق سۇغا بېسىش، شىرە چېپىش: قاماققا ئىلىندۇرۇلغان ئۆردەكنى قايناق سۇغا باسساق تۈكىنىڭ ئورنىدىكى تۆشۈكچىلەر كىچىكلەيدۇ. ئاندىن ئىككى چۆمۈچ شېكەر شىرىسى، چۈرۈك، رەڭگىنى پارقىراق، كۆركەم قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. 

5. تېرىسىنى شامالدىتىش: ئۆردەكنى قاينا 

ق سۇغا بېسىپ بولۇپ شىرە سوۋۇغاندىن كېيىن، شامال ئۆتۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايغا ئېسىپ قويۇپ شامالدىتىدۇ. ئۆردەكنىڭ تېنىدىكى نەملىك شامالدىتىپ قورۇتۇلمىسا كاۋاپ قىلغاندىن كېيىن تېرىسى چۈرۈك بولمايدۇ.

6. ئىچىگە سۇ توشقۇزۇش: قوناق شېخى بىلەن ئۆردەكنىڭ چىقىرىش ئەزاسىنى ئېتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئوڭ بىقىنىدىن ئېچىلغان تۆشۈك ئارقىلىق ئىچىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىغا قايناق سۇ قۇيۇپ توشقۇزۇلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۆردەكنىڭ ئىچى سۇدا پىشسا، تېشى قاقلىنىپ تېز پىشىدۇ، تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق بولىدۇ. 

يۇقىرىقى ئىش تەرتىپلىرىدىن كېيىن، ئۆردەك ھاۋىسى تەڭشەلگەن تونۇر ياكى دوخاپكىغا ئېسىپ قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. قاقلىغاندا، ئۆردەكنىڭ تەن ئەزالىرىنىڭ قاتمال، يۇمرانلىقىغا رەڭ بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆردەكنى پات-پات ئۆرۈپ تۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆردەكنىڭ تۆشى بەك يۇمراق بولۇپ، ئوتقا قاقلاشقا بولمايدۇ. قاقلىسا ئاسان كۆيۈپ كېتىدۇ. پۇتىنىڭ گۆشى تەستە پىشىدۇ. شۇڭا، كۆپرەك قاقلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ چىقىرىش ئەزاسىنىڭ ئاستى نېپىز بولۇپ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ يەرنى كۆپ قاقلاشقا بولمايدۇ. قاقلايدىغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئۆردەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، سېمىز-ئورۇقلۇقى، ئەركەك-چىشلىقى ۋە ھاۋا كىلىماتى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە 30-40 مىنۇت قاقلىسا بولىدۇ. ئۆردەك گۆشى پورەڭگە كىرگەندە، يەنى ئېغىرلىقى خام ۋاقىتتىكىدىن 175-200 گرامدىن كېمەيگەندە ياخشى كاۋاپ بولغان بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەك تەييارلاشنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆردەك كاۋىپى ھازىر توك دوخاپكىلىرىدا پىشۇرۇلماقتا، ئۇنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولغاچقا، 15 مىنۇتتا پىشىدۇ. 

پىشقان كاۋاپنى ئېلىپ، ئىچىدىكى شورپىسىنى قاچىغا تۆكۈپ، گۆشنى تېرىسى بىلەن قوشۇپ ياپىلاق توغراپ داستىخانغا كەلتۈرۇلىدۇ. 

يېيىش ۋاقتىدا نېپىز پىشۇرۇلغان پوشكالنىڭ ئىچىگە ئىنچىكە توغرالغان سوڭپىيازنى ئېلىپ، مەنجاڭ سۈركەپ يالپاقلانغان ئۆردەك گۆشىنى ئېلىپ تۈگۈپ يەيدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#