ئېلېكتر ئىلمىدىكى ئەڭ مۇھىم قانۇنلارنىڭ بىرى ئوم قانۇنىنى گېرمانىيەلىك فىزىك ئوم

  (1787 - 1854) بايقىغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئوم
باشقا نامى 格奥尔格·西蒙·欧姆
تۇغۇلغان ۋاقتى 1787 -يىل
كەسپى فىزىكا ئالىمى
ۋەكىللىك ئەسىرى «گالۋان توك يولىنىڭ ماتېماتىكىلىق تەتقىقاتى»
خەنزۇچە ئىسمى 乔治·西蒙·欧姆
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1854-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئېرلانگىن ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكتر ئىلمىدىكى ئەڭ مۇھىم قانۇنلارنىڭ بىرى ئوم قانۇنىنى گېرمانىيەلىك فىزىك ئوم

  (1787 - 1854) بايقىغان.

ئوم كىچىكىدىنلا ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن ۋە دادىسىنىڭ قۇلۇپ كارخانىسىدا چېۋەر ئىككى قولىنى چېنىقتۇرۇپ چىققان، بۇ ئۇنىڭ كېيىن تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن ياساپ، تەجرىبە تەتقىقات ئىشلىشى ئۈچۈن ئوبدان ئاساس بولغان. ئۇ  1811-يىلى ئېرلانگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ھەمدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

 ئومدىن ئىلگىرى، كىشىلەرنىڭ ئېلېكتر كۈچى، ئېلېكتر بېسىمى ئۇقۇملىرى ئېنىق ئەمەس ئىدى، ئېلېكتر قارشىلىقى ئۇقۇمى ئەسلا يوق ئىدى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن، ئوم ئۇزاق مۇددەت ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، شۇ دەۋرلەردىكى ئۇلۇغ فىزىكلار بىلەن ئۇچرىشىشقا پۇرسەت چىقىرالمىغان. ئوم خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، ئۆزى ئەسۋابلارنى لايىھىلەپ ۋە ياساپ، تەجرىبە ۋە تەتقىقات ئىشلىگەن. ئۇ كۇلوننىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگىچە تەتبىقلاپ، ئېلېكتر تولغانما تارازىسىنى ياساپ چىقىپ، توك كۈچىنى ئۆلچەپ، ئېلېكتر يۈرگۈزگۈچى كۈچ، ئېلېكتر كۈچى ۋە ئېلېكتر قارشىلىقى ھەققىدىكى ئېنىق ئۇقۇملارنى كىرگۈزگەن ھەم بۇلارغا ئېنىقلىما بەرگەن. ئۇ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش تەتقىقاتىنىڭ ئىلھامى ئارقىسىدا، ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى ئىلمىي سېلىشتۇرۇپ، ئوخشاشلىق قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىققان. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئېلېكتر يولىدىكى ئېلېكتر ئېقىمى، ئېلېكتر بېسىمى، ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، 1826-يىلى ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئوم قانۇنىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ۋەھالەنكى، ئومنىڭ ئون يىللىق قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانى ۋە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. گېرمانىيە دە ئاز ساندىكى ئالىملارلا ئوم قانۇنىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى شۋىگېر ئىسىملىك بىرى ئومغا ئىنتايىن زور مەدەت بېرىپ، ئومنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ بەرگەن ۋە ئومغا خەت يېزىپ: «شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، قارا بۇلۇت ۋە چاڭ-توزانلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەت نۇرى ھامان كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنى تەبەسسۇم بىلەن تارىتىۋېتىدۇ» . ۋەھالەنكى، «قارا بۇلۇت ۋە چاڭ-توزانلارنى تارىتىدۇ» غان «بوران» ئەنگلىيىدىن كېلىدۇ. ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى 1841-يىلى ئومغا كوپلى مېدالىنى بەرگەن، بۇ ئەينى چاغدىكى ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەڭ ئالىي شەرەپ ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئومنىڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئوم قانۇنى ۋە ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ بىرلىكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#