كەنگەر
تۈركىيەدە ئەنگىنار دەپ ئاتىلىدىغان كەنگەر دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ بىلىنىدىغان كۆكتات تۈرىدۇر. تۈركىيەدە ئۆستۈرۈلگەن تۈرلىرى ئارىسىدا، ئەگە رايونىنىڭ ئىزمىر، چەشمە ۋە كارا بۇرۇن تەرەپلىرىدە كەڭ ئۆسىدىغان ساكىز (سېغىز) كەنگەرسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كەنگەر
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى جۇخارگۈل ئائىلىسى
تۈرى خوخا تىكەن، كەنگەر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 菜蓟
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى قوڭغۇراقگۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى خوخا تىكەن ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى بىرلەشمە بەرگلىك گۈل كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەنگەر كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 2 مېتىر كېلىدۇ. غولى توم، مەزمۇت، تىك، يۇقىرى قىسمىدىكى  زىچ بولغان ئۆمۈچۈك تورىسىمان پۈتۈن غول شاخلىرىنىڭ قوغداش رولى بار. 

يۇپۇرمىقى

كەنگەركەنگەر يوپۇرمىقى ئاساسىي تەگلىكسىمان ئۆسىدۇ؛ ئاستى غولىدىكى يوپۇرماق پۈتۈن شەكلى ئۇزۇن سوقىچاق ياكى كەڭ تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان يۇپۇرمىقى تولۇق يېرىلغان، تۆۋەنكى قىسمى تەدرىجىي تارايغان، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى غولى يوپۇرمىقى تەدرىجىي كىچىك، ساپاقسىز ياكى غولى بويلاپ سەل تۆۋەنگە سوزۇلغان، ئەڭ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى قىسمىدىكى يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك. گۈل رېتى باشسىمان ياكى يىپسىمان، ئۇزۇنلۇقى 5 سانتىمېتىر. پۈتۈن يوپۇرماق ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى يېشىل، تۈكسىز، تاقىر.

گۈل چېچىكى 

كەنگەرگۈل رېتى باشسىمان، چوڭ،  ئۆسكەن شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، تۈپىدە كۆپ ساندىكى باشسىمان گۈل رېتى بولىدۇ. ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى كۆپ قەۋەتلىك، ئىچكى قەۋەت ئورىغۇچى ياپرىقى چوققا قوشۇمچە قاتتىق، شەكلى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئۈچ بۇلۇڭ ياكى قۇيرۇق شەكىللىك، ئۇچىدا كىچىك ئۇچلۇق كىچىك سۆسۈن گۈللۈك، گۈل تاجى ئۇزۇن، گۈل تاجى يېرىقچىسىئۇزۇنلىقى 9 مىللىمىتىر.

مېۋىسى 

كەنگەركەنگەر مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىلدە بولۇپ، تۆت قىرلىق، ئۇچى كەسمە شەكىللىك. تاج تۈكچىلىرى ئاق، كۆپ قەۋەتلىك، ئۇزۇنلىقى 3.6 مىللىمېتىر؛ يىرىك تۈكلۈك پەيسىمان تاجى تۈكچىلىرى بولىدۇ، تۆپە ئۇچى تەدىرجى ئىنىچكىرەيدۇ. 

[1]

كەنگەركەنگەر ئىقلىمى ئىسسىق بولغان جايلاردا ئۆسىدىغان كۆكتاتتۇر. كەنگەر ئۆسۈملۈكى ناھايىتى سوغۇق ۋە ئىسسىق جايلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ، ئەگە، مارمارا ۋە ئاق دېڭىز رايونلىرىدا ھۆكۈم سۈرىدىغان ئىللىق ۋە نەم ھاۋا كەنگەر ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. 

كەنگەر كۆپ يوپۇرماقلىق دەستار گۈل، چېقىرتىكەن ۋە خوخا بىلەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان كەنگەر، جەنۇبىي ياۋروپا ۋە ئاق دېڭىز ئەتراپلىرىدا ئۆسىدۇ. تۈركىيەدە قارا دېڭىز بويىدىكى سىنوپ ئەتراپىدا سۈپەتلىك ياۋا كەنگەر ئۆسىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك شارائىتلىرى كەنگەر ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق بولسىمۇ، ناھايىتى چەكلىك مىقداردا ئۆستۈرۈلمەكتە. ئانادولۇنىڭ ئىقلىم شارائىتلىرى ۋە تۇپراق قۇرۇلمىسى كەنگەر ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۆسۈشىگە باپ كېلىدۇ. 

 كەنگەر ئۆستۈرۈشتە، ئومۇمەن مايسا شەكلىدە ئۆستۈرۈش ۋە كۆكىدىن ئۆستۈرۈش شەكلى قوللىنىلىدۇ.

فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدە بولسا، ئۇرۇقىدىن يېتىشتۈرۈلىدىغان كەنگەر تۈرلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كەنگەر دۇنيادا كۆكتات سۈپىتىدە ۋە تېببىي مەقسەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن سېتىلغان كەنگەر تابلېتلىرى، ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئۇچرىدى. جىگەر كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان كەنگەر تابلېتلىرىنى دوختۇرلىرىمىزغا مەسلىھەت سېلىپ ئىشلىتىشى يەنىلا ئەڭ توغرا ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇزۇقلۇق قىممىتى

كەنگەركەنگەرنىڭ ھەممە پوستىنى سويماقچى بولساندا جەزمەن پىشۇرۇشتىن بۇرۇن سۇيۇش لازىم. چۈنكى، سويۇلغان كەنگەرنى قويۇپ قويغانسېرى ھەم لەززىتىنى ھەمدە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. كەنگەردە ۋىتامىن ئا ۋە ۋىتامىن س ماددىلىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە كالىتسىي، كالىي، تۆمۈر، مانگان ۋە فوسفور مېنېراللىرىمۇ ناھايىتى مول. بۇ سەۋەبلىك كەنگەرنىڭ جىگەرگە پايدىلىق ئوزۇقلۇق ئىكەنلىكى بايقالغان.

دورىلىق قىممىتى

كەنگەركەنگەرنىڭ جىگەرنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ناھايىتى تېز ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق. كەنگەر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تەڭشەيدۇ، خولېستورۇلنى چۈشۈرۈپ، جىسمانىي ۋە ئەقلىي ھارغۇنلۇقىنى چىقىرىدۇ. كەنگەرچېچەكلىرىنى كۆكتاتنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا، سالامەتلىككە بولغان تەسىرى زور. كەنگەرنىڭ يېڭى يوپۇرماقلىرى ۋە يىلتىزلىرى خەلق تېبابىتىدە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ. كەنگەر سۈيىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا ياخشى كېلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. يېڭى كەنگەريوپۇرماقلىرىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان كەنگەر چېيى بولسا، جىگەر كېسەللىكلىرىگە كۆپ پايدىلىق. تۈكلۈك پوستىلىرى قاينىتىلغان سۇدا چاچنى يۇيۇپ بەرگەندە چاچنى كۈچلەندۈرىدۇ.

كەنگەرئەسلى ماكانى ئاق دېڭىز بولغان كەنگەر فىرانسىيەگە 16–ئەسىردە كىرگەن. كەنگەرنىڭ پارىژغا كىرىشىدە، ئىتالىيە تارىخىدا ئىز قالدۇرغان مەشھۇر بىر ئائىلىنىڭ قىزى رول ئوينىغان. بۇ مەشھۇر ۋە گۈزەل ئىتالىيەلىك قىز، توي قىلىپ فىرانسىيەگە بارغاندا كەنگەر ئالغاچ بارغان. كەنگەر ئامېرىكىغا 18–ئەسىردە كىرگەن. كەنگەرنى ئىتتىك ياخشى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار شىمالىي كالىفورنىيەنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا بىر كەنگەر يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. 1950–يىلىدىن بېرى كالىفورنىيەدە ھەر يىلى 5–ئايدا كەنگەر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، تېخى تونۇلۇپ كەتمىگەن ۋاقىتىدا، مەشھۇر فىلىم يۇلتۇزى مارلىين مونرو كەنگەر فېستىۋالى پادىشاھى بولۇپ تاللانغان.

كەنگەركەنگەر تۈركىيە ۋە گرېتسىيەنىڭ يېمەكلىك تۈرلىرىدە، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېمەكلىكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان ئورۇنغا ئىگە. كەنگەر تۈركىيە داستېخانلىرىدا ۋە گرېتسىيە داستىخانلىرىدا ئەتىۋارلىق كۆكتات ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا ئالىي يېمەكلىك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. غەرب داستىخانلىرىدا بولسا، كەنگەر گۆشنىڭ زىننىتى ياكى يېمەكلىك ئىچىدىكى كۆكتاتلاردىن بىرىدۇر.

ئادەتتە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بازاردىن ۋە يا تاللا بازارلىرىدىن ئادالانغان كەنگەر سېتىۋېلىنىدۇ، ئەمما ئادالانغان كەنگەر دەرھال پىشۇرۇلمىغىنىدا تەركىۋىدىكى ۋىتامىن ۋە باشقا مېنېراللارنى يوقىتىپ قويىدۇ. شېخىدىن ئۈزۈلگەن كەنگەرنى بىر قانچە كۈن ساقلاشقا توغرا كەلگەندە، يېڭى تۇرۇشى ئۈچۈن ساپلىرىنى كېسىۋېتىش لازىم. كەنگەرنى سېپى بىلەن بىر لوڭقىغا قويۇپ، سۈيىنى بىر قانچە قېتىم يەڭگۈشلەپ ۋە ھەر قېتىم سۈيىنى يەڭگۈشلەنگەندە سېپى بىر سانتىمېتىر كېسىلىشى لازىم. ئالغان ۋاقتتا ياكى ساقلىغان ۋاقتتا دىققەت قىلسا، ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىلارنىڭ مەنبىئىي بولغان كەنگەرنى ھۇزۇر بىلەن يېگىلى بولىدۇ.

كەنگەر

كەنگەرنىڭ ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچىسى يىغىۋېلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. كەنگەردىكى مول ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى بەدىنىمىزگە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كەنگەر پەسلىدە كۆپ ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. مۇتەخەسسىسلەر كەنگەردىكى بىر ماددىنىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ زىدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى، كەنگەرنىڭ دوۋساق راكى ۋە ئەمچەك راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ھەر يەرگە ساغلاملىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان بىر كۆكتاتنى بازارلاردىن ۋە تاللا بازارلىرىدىن سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدا، ئېغىر بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. يوپۇرماقلىرىمۇ زىچ بولۇشى كېرەك. ئەگەر كەنگەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوچۇق ۋە شالاڭ بولسا، بۇ خىل كەنگەر بۇزۇلۇپ قالغان بولىدۇ. كەنگەرنىڭ ئوتتۇرىسى قاتتىق ۋە تۈكسىز بولۇشى لازىم. ئەگەر سېپىدا قارامتۇل داغلار بولسا كەنگەرنىڭ ئوتتۇرىسى سېسىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.
0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5761

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#