ئەڭ قەدىمقى چاسا ئۇچلۇق مۇنار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمقى مىسىردا تارقالغان چاسا ئۇچلۇق مۇنار تۆت تۈۋرۈك شەكلىدە بولۇپ، ئۇچى ئېھرامغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر پارچە پۈتۈن تاش بىلەن يېپىلغان. قېتىشما ياكى مىس بىلەن ئورالغان تاش مۇناردۇر. ئۇچلۇق چاسا مۇنارنىڭ كۆپى ئاسۋان گىرانت تاشلىرى بىلەن ياسالغان. 

چاسا ئۇچلۇق مۇنار ئەڭ دەسلەپتە ھېرىوبىرس(قۇياش شەھىرى) دە ياسالغان بولۇپ، قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنۇشنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى(قەدىمقى زاماندا قۇياش ئىلاھىغا چۇقۇنۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا قۇياش ئىلاھى ۋە ئاي ئىلاھىدىن دېرەك بېرىدىغان چاسا ئۇچلۇق مۇنار ياسىلاتتى. مۇنارغا تەسۋىرىي يېزىق ياكى رەسىملەر ئۇيۇلاتتى) كېيىن ئېتقادنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇنداق مۇنار پۈتۈن مىسىرغا ئومۇملاشقان. مەركىزىي پادىشاھلىق دەۋرىگە كەلگەندە، چاسا ئۇچلۇق مۇنار پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خاتىرلەش مۇنارىنىڭ بىر خىل شەكلىگە ئايلانغان.

 خاتىرلەرگە قارىغاندا، ئەڭ ئېگىز چاسا ئۇچلۇق مۇنار 56.7 مېتىر كېلىدىكەن. ھازىرقى ۋاقىتتا ئاسۋان تاش قېزىش مەيدانىدا ئۇزۇنلۇقى 41.7 مېتىر كېلىدىغان تېخى پۈتمىگەن بىر چاسا ئۇچلۇق مۇنار ساقلىنىپ قالغان، قازغاندا مۇنار گەۋدىسى يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، تاشلىنىپ قالغان. ھازىر مىسىردا ساقلىنىپ قالغان ئەڭ چوڭ چاسا ئۇچلۇق مۇنار كاناك ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 29 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 325 توننا كېلىدۇ.

 ساقلىنىپ قالغان ئەڭ دەسلەپكى چاسا ئۇچلۇق مۇنار ھېرىوبىرستا بولۇپ، مەركىزىي پادىشاھلىقنىڭ 12-سۇلالىسى(مىلادىدىن ئىلگىرى 1750-يىلى ئەتراپىدا) ۋاقتىدا قوپۇرۇلغان. ئېگىزلىكى 20.27 مېتىر(بەزىدە 20.75 مېتىر دېيىلىدۇ) كېلىدۇ. يادنامىگە «پۈتۈن مىسىرنىڭ پادىشاھى، تاج ئىگىسى، قۇياش پەرزەنتى نۇرۇيI تەختكە چىقىپ 30-يىلى نەزىر-نۇزرەت ئۈچۈن ياساتقان» دەپ يېزىلغان. (جۇ جۇڭيۈي)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#