ھوستون شەھىرى

ھوستون شەھىرى

ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھەر. ئۇ تېكساس شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇب ، گالۋىستون قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان .

ئىسمى ھوستون شەھىرى
چەتئەلچە ئىسمى Houston
تەۋەلىكى تېكساس شىتاتى
نوپۇسى 2،200،000 ئادەم (2014-يىل)
خەنزۇچە ئىسمى 休斯敦
باشقا نامى ئالەم بوشلۇق سانائەت مەركىزى
كۆلىمى 1,558.4 كۋادىرات كىلومېتىر
رايون تۈرى شەھەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھوستون شەھىرى

بۇ شەھەر 1836-يىلىدىن باشلاپ قېزىلغان ھوستون قانىلىنىڭ قېزىلىشى قاتارلىق شارائىتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھوستون شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ئۇزۇن بوللمىسىمۇ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. ھازىر بۇ شەھەر ئا ق ش نىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت سانائەت مەركىزىگە ئايلاندى. 

 ئا ق ش نىڭ ئايغا بىرىنچى قېتىم قويۇپ بەرگەن ئۇچار كېمىسى مۇشۇ شەھەردىن قويۇپ بېرىلگەن. بىرىنچى قېتىملىق يۈرەكنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى مۇشۇ شەھەردىكى دوختۇرخانىلاردا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان. ھوستون ئا ق ش نىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتاقلىق مەدەنىي-مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەركىزى .

 ھوستون شەھىرى ئالەم بوشلۇق سانائىتىدە تۇتقان ئورنىنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ «ئالەم بوشلۇق سانائەت مەركىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كۆۋرۈك

بۇ جايدىكى نېفىت ئايرىش سانائەت مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن ئا ق ش دىكى نېفىت ئايرىش سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ 30% نى، سۈنئىي كاۋچۇك مەھسۇلاتىنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 نېفىتتىن باشقا يەنە پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر، يەر شارى فىزىكىسى سانائەت ئورۇنلىرى، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.

بۇ جايدا 24 ئالىي مەكتەپ، 60 دىن ئوشۇق ھۈنەر-سەنئەت ئورۇنلىرى، 30 دىن ئوشۇق چوڭ بانكا، كۇتۇپخانا، مۇزېيخانىلار ۋە باشقا ئاتاقلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#