باغتوغراق يېزىسى
باغتوغراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باغتوغراق يېزىسىباغتوغراق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان. باغتوغراق يېزىسىغا قاراشلىق تۆت ئاھالە كومىتېتى بار.
باغتوغراق يېزىسىباغتوغراق يېزىسى گۈللەنگەن ناھىيە دېگەن مەنىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە، ئاقسۇ دەرياسى، زەرەپشان دەرياسى، قەشقەر دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان.شەرق، شىمالدا ئاقسۇ دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئاقسۇ شەھىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي تەرىپى كەلپىن ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەربىي جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن چېگرىداش، جەنۇبىيدا قاراقاش، لوپ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئاساسەن، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′05°81~′45°79، شىمالىي پاراللېل ′30°39~′50°40 دائىرىسى ئىچىدە. شەرق-غەرب كەڭلىكى تەخمىنەن 100كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 150 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر.
باغتوغراق يېزىسىباغتوغراق يېزىسى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى، تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يەر شەكلى تىپىدىن تەركىب تاپقان. شىمالىي قىسمى ئاقسۇ دەرياسى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىكى، كۆلىمى 189 مىڭ گېكتار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1064-1028 مېتىر، تەكشى ھەم كەڭ، يەر شارائىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيپاش، يانتۇلۇق <°2، يەر يۈزى ئۇششاق توپا قاتارلىق ماددىدىن تەركىب تاپقان، تۇپراق قاتلىمى قېلىن، سۇ بايلىقى مول؛ گۈزەل، باياشات، ئاۋات بوستانلىق بولۇپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونى.
تىنما تۈزلەڭلىك ئاقسۇ دەرياسى، يەكەن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، خوتەن دەرياسىنىڭ دەريا ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىكتىن تەركىب تاپىدۇ، كۆلىمى 278 مىڭ گېكتار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1050~1020 مېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، يانتۇلۇق <°1، تاشقىن ساھىلىدىكى يەر، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ساھىلى، دەريا ئەگمىسى، قەدىمكى دەريالار، كۆللەر دەريالار ئارىلىقىدىكى ئويمان، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، شۇنداقلا يولنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا تارقالغان لىم شەكىللىك ئېگىزلىك ۋە دەريا قولتۇقىنى شەكىللەندۈرگەن، تىنما تۈزلەڭلىكتە چاتقاللىق، باراقسان توغراق ئورمىنى، يۇلغۇن، قومۇش قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار بۇلۇپ، ناھىيە بويىچە ئاساسلىق ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدۇر.
جەنۇبى تەكلىماكان قۇملۇقى بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن859 مىڭ گېكتار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1060-1040 مېتىر، يېرىم مۇقىم بولغان ئوت-چۆپلۈك قۇم بارخانلىرى، كۆچمە ھىلال ئاي شەكىللىك قۇم بارخانلىرى ۋە قۇم بارخانلىرى زەنجىرى، بىرىكمە قۇم بارخانلىرى ۋە قۇم بارخانلىرى زەنجىرى، قۇم قىرلىرى ۋە مۇرەككەپ شەكىللىك قۇم قىرلىرى، پىرامىداسىمان قۇم بارخىنى، گۈمبەزسىمان قۇم بارخىنى، بېلىق شەكىللىك قۇم دۆۋىسى قاتارلىق تىپلاردىن تەركىب تاپقان.
باغتوغراق يېزىسىباغتوغراق يېزىسى كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. ئاساسىي ئالاھىدىلىكى :
قۇرغاق ۋە يامغۇر ئاز ياغىدۇ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، سوغۇق ئۆزگىرىشى كەسكىن، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، قىش پەسلى سوغوق، ئەمىنىيە ، ئەتىياز كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ تۆۋەنلىشى تېز، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق پەرقى بىلەن سوتكىلىق پەرقى چوڭ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ئىسسىقلىق مىقدارى يېتەرلىك، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ھەم ۋاقىت جەھەتتىن تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمەن يەر ئۈستى سۈيى بىلەن سۇغىرىشقا تايىنىدۇ. باغتوغراق يېزىسى نەچچە يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃10.4 ئەڭ ئىسسىق ئاي (7-ئاي) دىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃24.2، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃39.4، ئەڭ سوغۇق ئاي (1-ئاي) دىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃8.3-، ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃25-؛ كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى 46.7 مىللىمېتىر، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1890.7 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 211 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2679 سائەت؛ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق سېلىشتۇرما پەرقى ℃34، يىللىق ئوتتۇرىچە سوتكىلىق پەرقى ℃15؛ ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 3 مېتىر/سىكۇنت، يىللىق ئوتتۇرىچە بوران چىقىدىغان كۈن سانى 15 كۈن، ئوتتۇرىچە چاڭ-توزانلىق كۈن سانى 52 كۈن. ئەتىياز پەسلى (3-ئايدىن 5-ئايغىچە) تېمپېراتورىنىڭ ئۆرلىشى تېز ھەم تۇراقسىز،ئىسسىق سوغۇق نۆۋەت ئالمىشىشى كۆپ، قۇرغاق ھەم قاتتىق بوران كۆپ چىقىدۇ. ياز پەسلى (6-ئايدىن 8-ئايغىچە) ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىق، شامال كۆپ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ھۆل-يېغىن مەركەزلەشكەن، مۆلدۈرنىڭ خەۋپ يەتكۈزىشىگە كۆپ ئۇچرايدۇ؛ كۈز پەسلىدە (9 ~ 11-ئايدا) ھاۋا كىلىماتى سالقىن، تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ، ئۈششۈك يۈز بېرىدۇ؛ قىش پەسلىدە (12-ئاي) ھاۋا سۇغۇق ھەم ئۇزۇن بولىدۇ، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃8.3-. بۇ خىل كىلىمات ئالاھىدىلىكى قاشتېشى توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونى، تارىم دەرياسىنىڭ ئېقىن مەنبەسى(ئۈچ دەريا قوشۇلىدىغان جايى) ۋە يۇقىرى ئېقىن سۇ ئامبىرىنى ياز كۈنلىرى يازلىق دەم ئېلىش ساياھەت رايونىغا، خوتەن دەرياسىنى كۈز پەسلىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېكىسپېدىتسىيە ساياھىتى قىلىدىغان ئېسىل سورۇنغا ئايلاندۇرغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.