زولا (1840-1902-يىللار) فرانسىيە ناتۇرالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى زولا
باشقا نامى 埃米尔·左拉
يۇرتى فرانسىيە پارىژ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1902-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
چەتئەلچە نامى émile Zola
خەنزۇچە ئىسمى 爱弥尔·左拉
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1840-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى
كەسپى يازغۇچى، جامائەت ئەربابى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى فرانسىيە دە پەن-تېخنىكا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىلىم-پەندىكى تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى تېبابەت، بىئولوگىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت پەنلىرىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى. زولا (1840-1902-يىللار) دەۋر كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، روماندا ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك قابىلىيىتىنى نۇقتىلىق يېزىش كېرەك، رومان يېزىش خۇددى تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلىگەنگە ئوخشاش بولۇشى، ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىقى لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە چىنلىقىنى تەكىتلەپ، تۇرمۇشتىكى بارلىق ئۇششاق ھالقىلارنىمۇ ساپ، ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە بىلەن، قىلچە چۈشۈرۈپ قويماي سۈرەتكە تارتىشى، يازغۇچى جەمئىيەتكە پارتىيە، گۇرۇھلاردىن، سىياسىيدىن ھالقىغان ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى، ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئاشكارىلىماسلىقى ھەم شەيئىلەر ئۈستىدە يەكۈن چىقارماسلىقى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلدى. زولا فرانسىيە ناتۇرالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى. 

زۇلانىڭ ناتۇرالىزم نەزەرىيەسى ئاساسىدا يازغان دەسلەپكى رومانى «درىدېس راگان» ۋە «مادلاند فېررا» لاردا فىزىئولوگىيىلىك تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توپتوغرا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ فىزىئولوگىيىنى ئوقۇپ، كېسەللىكلەرگە ئائىت نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى توپلىغان ۋە تەتقىق قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن 25 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 20 روماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئەسەرنى يازغان، ئۇنىڭغا «روگۇن-ماكار جەمەتى» دەپ نام بەرگەن.

بۇ گىگانت ئەسەردە ئايال باش قەھرىمان فېيگ مەركەز قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىككى قېتىم توي قىلىپ تۇغقان ئەۋلادلىرى ئارقىلىق ئىرسىيەت بىلەن مۇھىتنىڭ ئادەمگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىسپاتلىغان. ئەسەرنىڭ تېمىسى ئىنتايىن كەڭ، ئۇ فرانسىيە نىڭ 2-ئىمپېرىيە ۋە 3-جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلىرىغا چېتىلىدۇ، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان پېرسوناژلار 1200 دىن ئاشىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىگە ناتۇرالىزم نەزەرىيەسى تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپتور 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى فرانسىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەپ بەرگەن. 

كىتابنىڭ 1-قىسمى «روگون ماكار جەمەتىنىڭ تەقدىرى» دە ئاساسلىق ناپولېئون Ⅲ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان چاغدىكى ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىلئىنقىلابنىڭ كۈرىشى يېزىلىپ، بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ نەپرەتلىك تەلەتى پاش قىلىنغان. «بوزەك» ۋە «پۇل» دا بۇرژۇئازىيە پۇرسەتپەرەسلىرى، تەۋەككۈلچىلىرىنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسى، سودا ئورنىنىڭ چوڭ دوكالىرىنىڭ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشى تەسۋىرلەنگەن. «كىچىك قاۋاقخانا» بىر «ئىشچىلار توغرىسىدىكى رومان»، ئۇنىڭدا ھازىرقى زاماندىكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ كىشىلەرنى جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن غەيرىيلەشتۈرۈپ قويغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. «بىخ» تا كان رايونى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، فرانسىيە سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئاز ساندىكى ئىشچىلارنىڭ چۈشكۈنلۈكى ۋە كۆپ ساندىكى ئىشچىلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «يىمىرىلىش» تە پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى داۋامىدا فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ سېدان جېڭىدىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتى تەسۋىرلەنگەن.

«روگون-ماكار جەمەتى» دىن كېيىن، زولا يەنە ترىلوگىيە «ئۈچ شەھەر»، تېترالوگىيە «تۆت ئىنجىل» نى يازدى. 

ئۇنىڭ رومان ئىجادىيىتى بىلەن ناتۇرالىزم نەزەرىيەسى فرانسىيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى نەچچە 10 يىللىق ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2109745.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#