غەربىي ئافرىقا
غەربىي ئافرىقا ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاھالىنىڭ ئىرقىي تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، نېگىرلار پۈتۈن ئاھالىنىڭ %85 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى تەخمىنەن 160 مىليوندىن ئاشىدۇ(1983) .
غەربىي ئافرىقا گېئولوگىيىلىك جەھەتتىن لىبىرىيە قالقىنىنى يادرو قىلىدۇ، يەر ئۈستى تەكشىرەك، دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان ئورۇنلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200-500 مېتىر ئارىلىقىدا كېلىدۇ، يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك بولغان گۋېنىيە ئېگىزلىكىدىكى ئايرىم تاغ چوققىلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىردىن ئاشىدۇ.
غەربىي ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلباغقا جايلاشقانلىقتىن، ھاۋاسى ئومۇميۈزلۈك ئىسسىق بولىدۇ. بىراق ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ ھۆل-يېغىنى ئوخشاش بولمايدۇ. گۋېنىيە قولتۇق بويلىرىنىڭ ھۆل-يېغىنى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. گۋېنىيە ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ ھۆل-يېغىنى 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ. غەربىي ئافرىقا جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى، ساۋانت بەلبېغى ۋە چۆللۈك ئىقلىمىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىقلىم بەلبېغىغا بۆلۈنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.