چۈفۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈفۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان جايلاشقان، غەربىي جۇ
سۇلالىسى، ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىدە لۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان. چۈفۇ ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مائارىپچى كۇڭزىنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە كۇڭزىچىلىق ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شەندۇڭدىكى بىر ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر.
چۈفۇدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىرقەدەر كۆپ ئاساسلىقلىرى: كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرى، كۇڭزى زاراتگاھلىقى بار. كۇڭزى ئىبادەتخانىسى كۇڭزى ئۈچۈن نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىبادەتخانا بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى478-يىلى سېلىنغان، ھازىرقى كۇڭزى ئىبادەتخانىسى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە پۈتكۈزۈلگەن، ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىر، كۆلىمى327 مو، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، ئېھتىيات بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، گۇگۇڭدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قەدىمىي ئىمارەتلەر توپى. كۇڭزى زاراتگاھلىقى كۇڭزى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ مەخسۇس قەبرىستانلىقى بولۇپ، پۈتكۈل زاراتگاھلىق بۈك-باراقسان، بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، يەر كۆلىمى3000 مو. بۇنىڭدىن باشقا، لۇ بەگلىكىنىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كۇڭزى تۇرالغۇسى، جۇگۇڭ ئىبادەتخانىسى، يەنمياۋ ئىبادەتخانىسى، مېڭمۇ زاراتگاھلىقى، جۇسى بىلىم يۇرتى قاتارلىقلار بار.
2012 -يىلى چۈفۇ شەھىرىدىكى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ 3 بۇلۇپ ئۇغۇچىلار 46مىڭ 400 نەپەر .
ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي -تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى 6 ئۇقۇغۇچىسى 16 مىڭ 100 نەپەر .
ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا 2 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىلار 10 مىڭ 600 نەپەر .
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 23 ئۇقۇغۇچىلار 24 نەپەر .باشلانغۇچ مەكتەپ 91 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىسى 36 مىڭ 300 نەپەر .
ئالاھىدە مائارىپ 1 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىسى 55 نەپەر .
چۈفۇ شەھىرىدە 1 مۇزىي ،2 ئارخىپخانا ، 1 ئاممىۋىي كۇتۇپخانا ،13 مەدەنىيەت سارىيى ، بار .يېزا كەنىتلەرنى رادىئو-تېلىۋىزىيە بىلەن قاپلىنىشى 99.9% گە يەتكەن،
2012-يىلى چۈفۇ شەھىرى پۈتۈن يىللىق تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى چىقىمى 161 مىليون جەمئىي 82 تۈرلۈك پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى كىرگۈزگەن . 45 تۈرلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەر خىل . پاتېنت ئىلتىماس قىلىشى 573 دانە .ھۇقۇق بىرىلگەن پاتېنت 285 دانە . يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانا 26 گە يەتكەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى 7 ،پەن - تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى 19 دانە .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.