گۈلشەنباغ

گۈلشەنباغ __ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە « قارا دۆڭ» دەپ ئاتىلىدىغان دۆڭلۈك ئىلى تارىخىدىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 غۇلجا شەھىرى- ئىلى ۋادىسىدىكى قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى، ئۇ مىلادىيە 1763- يىلى بىنا قىلىنغان، شۇنىڭدىن بۇيانقى 200 يىلدىن ئارتۇق زامانلار مابەينىدە، بۇ شەھەردە سەلتەنەت سۈرگەن ھۆكۈمدارلار ئىلى خەلقىنىڭ قان- تەر بەدىلىگە بۇ شەھەردە داڭلىق تۆت چوڭ باغ بىنا قىلدۇرغان. گۈلشەنباغ شۇ بازلارنىڭ بىرى.

گۈلشەنباغ __ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە « قارا دۆڭ» دەپ ئاتىلىدىغان دۆڭلۈك ئىلى تارىخىدىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مۇشۇ دۆڭلۈكنىڭ ئېگىز يېرىدە تۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا تىكىلسىڭىز بۇ دۆڭلۈكنىڭ شەرقىي جەنۇب يان باغرى ئاستىدىكى ياپيېشىلىققا پۈركەنگەن تۈزلەڭلىكلەر. مانا مۇشۇ جاي ئەينى زامانلاردا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەڭ تۆگىلىرى بېقىلىدىغان جاي، يەرلىك خەلق بۇ جاينى « تۆگە مەھەللىسى»،« بۇغراخانا» دەپ ئاتاشقان.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلىدا جۇڭغارلار ۋە خوجىلار توپىلاڭىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، ئىلىغا تۇنجى ھاكىمبەگە قىلىپ تەيىنلىگەن تۇرپانلىق ئىمىن ۋاڭنىڭ ئوغلى مۇسا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دائىرلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن يۇقىرىقى«تۆگە مەھەللىسى»،« بۇغراخانا» دېگەن جايدىن ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كەڭ زېمىنغا ئىگە بولغان، مۇسا ھاكىمبەگ بولۇپ تۇرغان زامانلاردىن 1877- يىللىرىغىچە بۇ جايلار تېرىلغۇ يەر قاتارىدا پايدىلىنىلغان. مۇسانىڭ تۆتىنچى نەۋرىسى ئىلياسخان غوجا بۇ يەرنىڭ سۈيى ئەلۋەك، ھاۋاسى ساپ، مەزىرىسى گۈزەل بولغاچقا، بۇ يەرگە باغ بىنا قىلىشنى ئويلاپ، بۇ ئىشنى قول ئاستىدىكى تاھىر ئىسىملىك كۆكبېشىغا تاپشۇرىدۇ. تاھىر بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئىھاتە ئورمان بەرپا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ياۋا دەل-دەرەخلەرنى كولىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ چىقىدۇ. شۇ زامانلاردا بۇ باغ غۇلجا شەھىرىدە بىنا قىلىنغان باغلارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ گۈزىلى بولغاچقا « گۈلشەنباغ» دەپ ئاتالغان.

زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ باغدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر قېرىپ كەتكەن، ئورنىغا ياش كۆچەتلەر تىكىلمىگەنلىكى، باشقا ياۋا تېرەك، قارىياغاچلار كولىۋېتىلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن گۈلشەنباغ بارا- بارا قۇچاق يەتكۈسىز يوغان دەرەخ بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ يەر توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان دەل- دەرەخلەر، رەڭگارەڭ گۈلچىمەنلەر بىلەن كىشىنىڭ كۆڭلىگە شاد- خوراملىق، ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان بىر چىمەنزارلىققا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئويۇنخۇمار كىشىلەر توپلىشىپ مەشرەپ ئوينايدىغان، باراۋەت ئۆتكۈزىدىغان، مەدداھ، ئاشىقلار سورۇن قۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان، يېتىمچىلار، ماكانسىزلار، سەرگەردانلار يېتىپ-قوپىدىغان، كارۋان-يولۇچىلار ئارام ئالىدىغان ئارامگاھقا ئايلانغان، شۇنداق قىلىپ گۈلشەنباغ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر سابىق ئىلى ھاكىمبېگى مۇسانىڭ ئالتىنچى نەۋرىسى چوڭ پاشا خوجامنىڭ باشقۇرىشىدا بولۇپ كەلگەن.

« ئالتە شەھەرگە داڭ كەتكەن،

گۈلشەنباغنىڭ سەيلاسى.

تاڭ قالدۇرار بۇلبۇلنى،

نەغمە- ناۋا ساداسى»[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#