يارداڭلىق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يارداڭلىق ئاساسەن يالانما ئوقۇر، سۈپەتسىز يەرلەر، موگوسىمان يالانما خادا تاش، ئالۋاستى شەھىرى ( شەيتانكەرىچ)، قىساڭ، ئويمان يەر ۋە چۆللۈكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. قارادۆۋە يارداڭلىقى قومۇل شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 90 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا بولۇپ، قارادۆۋە بازىرىدا بولغاچقا، قارادۆۋە يارداڭلىق ساياھەت رايونى ، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ.
قومۇل قارادۆۋە يارداڭلىقى ئاسىيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يارداڭلىق بولۇپ، قۇم بارخانلىرى، يارداڭلىق گىرەلەشكەن، ئادەم ئايىغى باسمىغان چۆل ساياھەت مەنزىرە رايونى تىپىغا كىرىدۇ. كېچىلىرى قۇم بارخانلىرى ئەتراپىدا ئارام ئالغاندا غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
قارا دۆۋە يارداڭلىقىدىكى كۆرۈنۈشلەر تولىمۇ غەلىتە. بۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە قۇرۇق جەسەتلەر بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان تۆمۈر، مىس بۇيۇملار ۋە ئەسكى شەھەر مەركىزىدىكى ئىمارەتلەردىن بۇ جاينىڭ ئەينى يىللاردىكى مەنزىرىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم غەربتىن شەرققە سوزۇلغان توپ–توپ تاش دۆۋىلىرى قەدىمكى زاماندا بۇ يەردىن ئۆتىدىغان يىپەك يولىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھال قارادۆۋە يارداڭلىق رايونىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. ھازىر قارادۆۋە يارداڭلىق رايونىنىڭ يول قۇرۇلۇشى ۋە ساياھەت ئەسلىھەلىرى ياخشىلانغاچقا، قىش – ياز بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.