گۈلجامال تۇردى
گۈلجامال تۇردى 1983-يىلى7-ئاينىڭ 12-كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھازىر چەرچەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە مۇزىكانت بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۈلجامال تۇردى 1999-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ راۋاب كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 2002-يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈرۈپ، 2004-يىلى چەرچەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىگىگە تەقسىم قىلىنىپ، ھازىرغىچە چەرچەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ھەم مۇزىكانت ھەم ناخشىچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
سەنئەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان گۈلجامال ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلمەكتە.
گۈلجامال تۇردى گۈلجامال تۇردى 2004-يىلى 7-ئايدا 10-قېتىملىق «مەملىكەتلىك يېڭى ئىقتىساسلىقلارنى بايقاش» مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئالدىنقى 10 كۈچلۈك ماھىر ئىچىگە كىرىپ، ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونىغا تاللانغان ۋە مۇكاپاتلانغان.
2004-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك يېڭى ئىقتىساسلىقلارنى بايقاش» مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئالدىنقى 10 كۈچلۈك ماھىر ئىچىگە كىرىپ، بېيجىڭ مۇسابىقە رايونىغا تاللانغان.
2004-يىلى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرەكتە مۇنەۋەر ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ياش ناخشىچىلارنىڭ تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ بايىنغۇلىن ئوبلاستى مۇسابىقە رايونىدا مىللىي ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش تۈرىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2014-يىلى 9-ئايدا بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «بايىنغۇلىندىكى ئەڭ گۈزەل ئاۋاز» مۇسابىقىسىدە ئەسلى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش تۈرىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
گۈلجامال يەنە ھەممە ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان «يىپەك يولى ساداسى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى، يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنى ۋە باھالىغۇچىلارنى قايىل قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەركىن ئابدۇللا گۇرۇپپىسىغا تاللانغان ھەمدە ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئالدىنقى 8 كۈچلۇك ماھىر قاتارىغا كىرگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.