تۆگە
تۆگە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى تۆگە ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە موڭغۇلىيە قۇملۇقى قاتارلىق جايلاردا يانتاقلىق ئۆسۈملۈك، چاتقال يوپۇرماقلىرى ۋە قۇرۇق ئوت-چۆپلارنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ ياشايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇرامىغا يەتكەن تۆگىلەرنىڭ ئادەتتە بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر ( ئالتە ئىنگلىزچى)، بەزى تۆگىلەرنىڭ 2.15 مېتىرمۇ كېلدۇ. قوش لوكىلىق تۆگىلەرنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر كېلىدۇ .
تۆگىنىڭ بېشى كىچىكرەك، بوينى توم ھەم ئۇزۇن، ئەگرى مەسىلەن: غاز بويۇن، بەدىنى ئېگىز، بەدەن تۈكلىرى قوڭۇر بولىدۇ. بۇرۇن تۆشۈكى، پۇتلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن، تۇيىقى چوڭ. مەسىلەن: ئىككى بارمىقى، تاپىنىدا قىلىن پوستى باربۇلۇپ، قۇملۇقتا مېڭىشقا باب كېلىدىغان ئالاھىدىلىكى بار. قۇيرۇقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، قۇيرۇق ئۇچى تۈكلۈك. دۈمبىسىدە لوكىسى بار، لوكىسىنىڭ ئىچىدە ماي ساقلاقلىق. يىرىك ئوت - چۆپ ۋە چاتقاللارنى ئۇزۇقلۇق قىلدۇ. تەخمىنەن 30 يىل ئۆمرى بولىدۇ .
تۆگە ئىككى خىل بۇلۇپ، بىرى تۆگە لوكىسى بىرلا بۇلۇپ، نار تۆگە دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىقى، ئەرەب يېرىم ئارىلى، ھىندىستان ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا ياشايدۇ؛ يەنە بىرى لوككىسى ئىككى بولغان قوش لوكىلىق تۆگە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىردىن يۇقىرى، ئالدى-كەينى ئىككى لوككا ئارىلىقى تەخمىنەن 0.5 مېتىر. تىۋىتلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بويۇن ئاستى ئۇزۇن تۈكلىرى بار. ئۈستۈنكى كالپۇك بۆلگۈنچىلىك، ئەتراپتىن ئوزۇقلۇق تېپىشقا قولايلىق.
تۆگە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى تۆگە ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە موڭغۇلىيە قۇملۇقى قاتارلىق جايلاردا يانتاقلىق ئۆسۈملۈك، چاتقال يوپۇرماقلىرى ۋە قۇرۇق ئوت-چۆپلارنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ ياشايدۇ. ۆگە ئىسسىققا ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بۇلۇپ، «قۇملۇق كېمىسى» دېگەن نامى بار. ئۇنىڭ لوكىسىدا ماي ساقلىنىدىغان بولۇپ ، ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىگەندە بەدەنگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق مادىغا پارچىلىنىپ، ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. تۆگە ناھايىتى ئېنېرگىيە ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىداشلىق بۇلۇپ، بىر قېتىم سۇ ئىچىپ، بىر نەچچە كۈن سۇ ئىچمىسىمۇ يەنىلا ئىسسىق، قۇرغاق، قۇملۇق رايوندا ھەركەت قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆگىنىڭ ئاشقازىنىدا نۇرغۇنلىغان بوتۇلكا شەكىللىك كىچىك كۆپۈكچىلەر بار بولۇپ، ئۇ تۆگىنىڭ سۇ ساقلاش ئورنى. بۇنداق بولغاندا نەچچە كۈن سۇ ئىچمىسىمۇ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدۇ.
بىپايان قۇم دېڭىزدا تۆگىلا بىمالال يۈرەلەيدۇ. ئۇلار خۇددى قۇملۇتىكى كىچىك كېمىلەردەك ئادەم ۋە يۈكلەرنى ئارتىپ ماڭقاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى <<چۆل>> دەپ ئاتىغان. تىنچىق ئىسسىق ھەمدە قۇرغاق بولغان ناچار مۇھىتتا، تۆگە نېمە ئۈچۈن بىمالال ياشىيالايدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە، تۆگە ئىسسىققا ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق. ئۇنىڭ بەدىنىدە بىر قەۋەت تۈكلۈك تېرىسى بولۇپ، خۇددى كېگىزدەك قۇياش نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشىنى توسىيالايدۇ. قۇياش نۇرى ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، تۆگە ئادەتتە تەرلىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىنۇتىغا ئاران 16 قېتىم نەپەسلەنگەچكە، بەك جىق سۇ خوراتمايدۇ. ئۇسسۇزلۇققا، ئاپتاپقا چىداملىق تۆگە تەبىئىيلا قۇملۇقتىكى قەھرىمانغا ئايلانغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.