دىككېنس

چارلېز دىككېنس (1812-1870-يىللار) دۇنياغا مەشھۇر ئەنگلىيە يازغۇچىسى.  

ئۇيغۇرچە ئىسمى چارلېز دىككېنس
باشقا نامى 狄更斯
تۇغۇلغان ۋاقتى 1812-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
كەسپى يازغۇچى
ئاساسلىق مۇۋەپپىقىيتى 19-ئەسىردىكى ئەنگلىيە رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى
خەنزۇچە ئىسمى 查尔斯·狄更斯
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1870-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى
چەتئەلچە نامى Charles Dickens

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنياغا مەشھۇر ئەنگلىيە يازغۇچىسى چارلېز دىككېنس (1812-1870-يىللار) پەقەت بىرنەچچە يىللا ئوقۇغان. دادىسى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاچقا قەرز ئىشلىرى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولىنىپ قالغان، ئۇ 10 يېشىدىن باشلاپلا ھەم ئۇكا-سىڭىللىرىغا قارىغان، ھەم تۈرمىگە بېرىپ دادىسىنى يوقلاپ تۇرغان. ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ بالا ئىشچى بولغان، ئېلان مودېلى بولغان، يەنە ئادۋوكاتلار ئىش ئورنىدا خەت توشۇغۇچى بولغان. . . 

دىككېنس تىرىشىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ، 1831-يىلى گېزىتچىلىك ساھەسىگە كىرگەن، دائىم پارلامېنتقا بېرىپ زىيارەت قىلىش، پالاتانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور ۋەقەلەر توغرىسىدىكى مۇنازىرىلىرىنى خاتىرىلەش، ئەمەل سورۇنىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە چىرىكلىكنى ئاڭلاش، كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاخبارات خىزمىتىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. دەسلەپتە بەزىبىر پارچە-پۇرات خاتىرىلەرنى يېزىپ يۈرگەن، ئۇسلۇبى يۇمۇرلۇق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى لوندوننىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتى ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن، بۇلار «مېھىر-شەپقەت خاتىرىلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن. دىككېنس جەمئىي 14 رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە ۋە فېليەتون، ساياھەت خاتىرىسى، درامىلارنى ئېلان قىلغان. 

«پىكۋېكنىڭ تەرجىمىھالى» دىككېنسنىڭ مەشھۇر ئەسىرى. روماندا پىكۋېك ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ دوستىنىڭ سەپەردە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور يۇمۇرىستىك ئۇسلۇب بىلەن ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى خىلمۇخىل ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋە بىمەنە، كۈلكىلىك ھادىسىلەرنى پاش قىلغان، بۇ ئەنگلىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق رومانلىرىنىڭ تۇنجى نادىر ئەسىرى.

«جاپالىق دەۋر» بىلەن «ئىككى شەھەردىكى ھېكايىلەر» دىككېنس ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى رومانى، «جاپالىق دەۋر» دە 19-ئەسىرنىڭ  40-، 50-يىللىرىدىكى ئەنگلىيەدىكى ئۆتكۈر سىنىپىي كۈرەش ۋە ئەمگەك بىلەن ئىش ھەققى مۇناسىۋىتىنىڭ قارىمۇقارشىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، سانائەت كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەمگەكچى خەلققە كەلتۈرگەن ئاپىتى ئېچىپ بېرىلىپ، ئاپتورنىڭ ئەنگلىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا بولغان ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن. «ئىككى شەھەردىكى ھېكايىلەر» تارىخىي رومان، ئۇنىڭدا فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئىنقىلاب ھارپىسىدا فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دېھقانلارغا قىلغان ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىكى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتور ئەنگلىيەنىڭ فرانسىيەدىن ئىبرەت ئېلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئىنسانپەرۋەرلىك پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بۇ روماندا، ئاپتور فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى ھەققانىي ئىنقىلاب، لېكىن فېئوداللار سىنىپىغا زورلۇق كۈچى بىلەن مۇئامىلە قىلدى، دەپ قارىغان. 

دىككېنسنىڭ رومانلىرىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەزمۇن جەھەتتە، ئىنسانپەرۋەرلىك قارىشىدا تۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش ئاساسىغا ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان رەزىل روھىي دۇنياسىنى پاش قىلغان، ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى مەدھىيىلىگەن. بەدىئىي ئۇسلۇب جەھەتتە، مەسخىرە قىلىش، يۇمۇر، مۇبالىغە ۋاسىتىلىرىنى دائىم قوللىنىپ، پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقان، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى گەۋدىلىك، ئوبرازى يارقىن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#